لېيجۈننى رىۋايەتلەشتۈرمەڭلار، جوبىس، ماسك بىلەن پەرقى خېلى بار

ئەلكۈيى تورى
2022-08-13
来源:ئالىپ سالونى

2.gif

经济学家任泽平:不要神话雷军


11-ئاۋغۇست شىياۋمى شىركىتىنىڭ مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىدا لېيجۈن مەھسۇلات ئېلان قىلىشتىن بۇرۇن بىر سائەتكە سوزۇلغان تەسىرلىك نوتۇق سۆزلىدى. ئاندىن تۈنۈگۈن تونۇشتۇرغان قاتلىنىدىغان ئېكران يانفون قاتارلىقلاردىن باشقا شىياۋمى ماشىنا ئادىمى CyberOne نى رەسمىي ئېلان قىلدى. يىغىن نەقمەيدانىدا لېيجۈن CyberOne ماشىنا ئادەم بىلەن پاراڭلاشتى، بىرلىكتە رەسىمگە چۈشتى.


图片


شىياۋمىنىڭ بۇ ماشىنا ئادىمى تېسلانىڭ Optimus ماشىنا ئادىمىدىن بىر قەدەم بۇرۇن ئېلان قىلىنىپ، ماسىكنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتتى.

ئەسلى 6-ئايدا ئېلان قىلىنماقچى بولغان تېسلا ماشىنا ئادىمى 9-ئاينىڭ 30-كۈنىگە سۈرۈلگەن. بۇ ۋاقىتتا شىياۋمىنىڭ ئاۋۋال ماشىنا ئادەمنى ئېلان قىلىشى زور غۇلغۇلا قوزغىدى. توردا لېيجۈننى جۇڭگولۇق جوبىس، ئىككىنچى ماسىك دېگەندەك مۇنازىرىلەر قىزىپ كەتتى.


图片



بۇنىڭغا قارىتا داڭلىق ئانالىزچى، ئىقتىسادشۇناس رېن زېپىڭ «لېيجۈننى رىۋايەتلەشتۈرمەڭلار، لېي جۈن بىلەن جوبىس، ماسك ئوتتۇرىسىدىكى پەرق يەنىلا چوڭ» دېدى.

رېن زېپىڭ (任泽平)، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىگىلىك باشقۇرۇش ئىنىستىتۇتىدا دوكتور ئاشتىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىق دوكتورى.

ئىلگىرى گوۋۇيۈەن تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى ماكرو بۆلۈمى تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، گوتەي جۈنئەن ئاكسىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ باش مۇدىرى، باش ماكرو ئانالىزچىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. خېڭدا گۇرۇھىنىڭ باش ئىقتىسادشۇناسى ( مۇئاۋىن باش لىدىر دەرىجىلىك )، قوشۇمچە خېڭدا ئىقتىساد تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى، دۇڭۋۇ ئاكسىيەسىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك باش ئىقتىسادشۇناسى بولغان. ھازىر جۇڭگو پۇقراۋى ئىقتىساد تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى


تۆۋەندىكىسى رېن زېپىڭنىڭ ماقالىسىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى:

ئالدى بىلەن شۇنى جاكارلايمەنكى، مەن شەخسەن شياۋمىنىڭ ئىنژېنېرلىق مەدەنىيىتىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىمەن، لېي جۈننىڭ كارخانىچىلارغا ئىلھام بېرىش روھىغا ئىنتايىن ھۆرمەت قىلىمەن، «توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەش» (شىياۋمىنىڭ 10 يىللىقىغا بېغىشلانغان كىتاب) نى ئىككى قېتىم كۆردۈم، يېڭى كىتاب «شياۋمىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش تەپەككۇرى» نى نەشرىياتنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن تەۋسىيە قىلدىم ھەمدە مەدھىيە سۆزلىرىنى ئايىمىدىم.

تۈنۈگۈن لېي جۈننىڭ يىللىق نۇتۇقىنى باشتىن-ئاخىر كۆردۈم، گەرچە ئالدىنقى يېرىم مەيدان شىياۋمى مەستانىلىرىنى ھاياجانلاندۇرۇش، كېيىنكى يېرىم مەيدان بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۇسۇلى بولسىمۇ، لېكىن ھەقىقەتەن ياخشى سۆزلەندى. روھنى ئۇرغۇتتى، مەھسۇلات ئېلانىمۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىكەن. سىزنى مەغلۇپ قىلالمىغانلارنىڭ ھەممىسى سىزنى تېخىمۇ كۈچلۈك قىلىدۇ. مەغلۇبىيەتنى باشتىن كەچۈرمەي تۇرۇپ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ.   

لېكىن، مەن يەنىلا تازا ئەۋجىگە چىققان، پۈتۈن تورنى قاپلاپ، ھەر تەرەپتىن ماختىلىۋاتقان لېي جۈن بىلەن شياۋمىغا سوغۇق سۇ سېپىپ، تېخىمۇ يىراققا مېڭىپ، ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىقنى ئۈمىد قىلىمەن.


图片


1. لېي جۈننى رىۋايەتلەشتۈرمەڭ.
كىشىلىك ھاياتنىڭ تۆۋەن قىسىمى يۈكسەك ئىشەنچكە، يۇقىرى قىسىمى ئىدراكقا تايىنىدۇ. ئادەم پەسكويغا چۈشۈپ قالغاندا ئادەتتە ئاسان خاتالىق ئۆتكۈزمەيدۇ، كىشىلىك ھاياتتىكى چوڭ خاتالىق ئادەتتە تازا ئەۋجىگە چىققاندا يۈز بېرىدۇ، ئادەم يۇقىرى پەللىگە چىققاندا ئۆزىنى ھەممە ئىش قولىدىن كېلىدىغاندەك ھېس قىلىپ، قارىغۇلارچە كېڭەيمىچىلىك قىلىدۇ، ئەتراپىدىكىلەر ھۆرمەتلەيدۇ، ئاندىن تېخىمۇ كۆرەڭلەپ كېتىدۇ، ئاندىن خاتالىق ئۆتكۈزۈشكە باشلايدۇ، مەن گوۋۇيۈەننىڭ ئاقىللار ئاپپاراتىدا ئىشلىگەن، نۇرغۇن كارخانىلاردا كۆپ يىل ئىشلىگەن، نۇرغۇن كارخانىچىلارنىڭ خاتالىق ئۆتكۈزۈشى كىشىلىك ھاياتنىڭ نۇرلۇق پەيتلىرىدە يۈز بەرگەنلىكىنى كۆرگەن.

قەدىمكىلەر : «گۈللىنىش چېكىگە يەتكەندە زاۋاللىققا يۈز تۇتىدۇ، چۈنكى ياخشى كۈنلەر ئىزچىل داۋاملاشمايدۇ، ياشاش چىڭ قائىدە» دېگەن. يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، بۇنداق مىساللار ئازمۇ؟ قايسىسىنىڭ ئەمەلىي كۈچى ئىلگىرى شياۋمىنىڭكىدىنمۇ كۈچلۈك ئەمەس ئىدى؟ ئىلگىرى تازا ئەۋجىگە چىققان نۇرغۇن ئەنئەنىۋى كارخانىلار، پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرى، ئالاقە تورى كارخانىلىرى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە زاۋاللىققا يۈز تۇتتى، ھەتتا بىردىنلا ھالاك بولۇپ، ئۆلۈم ئالدىدا جان تالاشتى.   

مەن لېي جۈننىڭ يېنىدا يەنە قانچىلىك ئوخشىمىغان پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويالايدىغانلارنىڭ بارلىقىنى بىلمەيمەن، لېي جۈن ئۆزىنىڭ ئەيىبىنى ئاچسا خاپا بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى بىلمەيمەن، لېكىن «لېي شېن» دەپ رىۋايەتلەشتۈرگەننى كۆرگەندە، يەنىلا ئەندىشە قىلىمەن.

لېي جۈننى جوبىس بىلەن ماسكقا سېلىشتۇرۇشقا كەلسەك، مېنىڭچە پەرق يەنىلا چوڭ، جوبىس بىلەن ماسىك ئىنقىلاب خاراكتېرلىك، يەر شارى خاراكتېرلىك، ئىجادىي خاراكتېرلىك يېڭى بىر دەۋرنى ياراتتى، تارىخ سەھىپىسىدىن ئورۇن ئالىدۇ، بىز ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ھالدا سوغۇققانلىق بىلەن ئويلاپ باقايلى، بىز بۇ سەۋىيەگە يەتتۇقمۇ؟

ياكى تەلىيى ئوڭدىن كەلگەن تەقلىد قىلغۇچى، ئەگەشكۈچى، تەدرىجىي تەرەققىي قىلغۇچىمۇ؟ مەن قەلبىمدە جۇڭگو كارخانىچىلىرىدىن جوبىس، ماسكچە ئىنقىلاب خاراكتېرلىك پەن-تېخنىكا قەھرىمانلىرىنىڭ يېتىشىپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، لېي جۈنگە زور ئۈمىد باغلايمەن، لېكىن جامائەت پىكرىنىڭ بالدۇر ماختاپ كۆككە كۆتۈرۈپ ئۇچۇرۋېتىشىنى خالىمايمەن. لېي جۈنلەرنىڭ مەغلۇپ بولماسلىقىنى، مەڭگۈ قانائەت قىلماي، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


图片


2. شياۋمىنى رىۋايەتلەشتۈرمەڭ.

شياۋمى ئىقتىدار-باھا نىسبىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى، ئىنژېنېرلار مەدەنىيىتىدىكى نادىر ئەسەر، ئىنتېرنېت تورى ياسىمىچىلىقىنىڭ ئۈلگىسى، بۇنىڭدا مەسىلە يوق. بىراق بۇنىڭ ئىچىدە ئىجادىي نەرسىلەردىن قانچىسى بار؟ تېخنىكا ۋە ئەمەلىي كۈچنى توپلاشقا توغرا كېلىدۇ، يۈز يىللىق كارخانا بىر جۈملە شوئار ئەمەس، شياۋمىنىڭ تېخنىكا جۇغلانمىسى، ئاساسى يىتەرلىكمۇ؟

ئىلگىرى خۇاۋېي شىركىتى 5G نىڭ ئالدىدا مېڭىپ، ئالما بىلەن رىقابەتلىشەلەيدىغان دەرىجىگە بارغان بولسىمۇ، ئەمما زومىگەر دۆلەتنىڭ ئارقا-ئارقىدىن زەربىسىگە ئۇچرىدى. ھازىر ئالىي دەرىجىلىك يانفون بازىرى ئالما ۋە سامسۇڭ تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلدى، شياۋمى دۆلەت ئىچى مەھسۇلاتلىرىنىڭ نۇرىغا ئايلىنالامدۇ؟ مېنىڭ قەلبىم ئۈمىدكە تولغان، لېكىن مەن جامائەت پىكرىدە شياۋمىنى بەك بالدۇر ماختاپ كۆككە كۆتۈرۈشنى خالىمايمەن، شياۋمىنىڭ كىرىزىس ئېڭىغا ئىگە بولۇپ، ئۆزىنىڭ يېتەرسىزلىكىنى تونۇپ، پۇختا تەييارلىق قىلىپ، يۇقىرى پەللىگە چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

3. لېي جۈن بىلەن شياۋمىنىڭ ئەندىشىسى بار.

يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنىڭ «پۇل كۆيدۈرۈش» (مەلۇم تۈرنى يولغا قويۇشتا سېلىنغان مەبلەغنىڭ مۆلچەردىكىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كېتىشىنى بىلدۈردىغان كەسپىي ئاتالغۇ) سۈرئىتى باشقا ساھەلەرنىڭكىدىن، تەسەۋۋۇرىمىزدىكىدىن خېلىلا ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە مىڭ ئۆلۈپ بىر تىرىلىشى مۇمكىن، ئەمەلىي كۈچى زور نۇرغۇن مالىيە گۇرۇھلىرى ئاخىرى غۇلاپ چۈشتى، ئەينى يىلى بەس-بەستە قۇرۇلغان ئاپتوموبىل ياساش كارخانىلىرىنىڭ %90 ى ئېچىنىشلىق ۋەيران بولدى، ھازىر ھايات قالغان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كارخانىلىرى يەنە قانچىلىك پايدا ئالدى، قانچىسى كېيىنكى قېتىملىق ئېچىنىشلىق ۋەيران بولۇشنى كۈتىۋاتىدۇ؟

يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ساھەسىگە پۇل خەجلەشتە نەچچە مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ مەيدانغا كىرىش بېلىتىمۇ ئالالمايدۇ، نەچچە ئون مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ مەيدانغا كىرىش سالاھىيىتىگە ئېرىشسىمۇ، ھايات-ماماتى تېخى ئېنىق ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كەسپىدىمۇ «نوكىيا پەيتى» مەۋجۇت.

كۇنۇپكىلىق دەۋرىدە، نوكىيا دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان زومىگەر ئىدى، ئۇنىڭ ئورنى كىشىنى ھەيران قالدۇراتتى. ئەمما ئالما ۋەكىللىكىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون دەۋرى يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، قىسقىغىنە بىر نەچچە يىل ئىچىدە نوكىيا ۋەكىللىكىدىكى كۇنۇپكىلىق دەۋرى ئۈزۈل-كېسىل ئاغدۇرۇپ تاشلاندى، مانا بۇ «نوكىيا پەيتى 诺基亚时刻» دۇر.


ھازىرقى ئاساسىي تېخنىكا بولغان لىتىيلىق باتارىيە كەلگۈسىدە يېقىلغۇ باتارىيەسىگە ئايلىنامدۇ؟ يورۇقلۇق ۋولت + ئېنېرگىيە ساقلاشچۇ؟ كەلگۈسىدە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا ھەيدەش بۇ كەسىپنى كەڭ كۆلەمدە ئۆزگەرتەمدۇ؟ قايسى تېخنىكا لىنىيىسى ئۇتۇپ چىقالايدۇ؟   

ئۇنىڭ ئۈستىگە شياۋمىنىڭ ئاپتوموبىل ياساش قىزغىنلىقى ۋە نەق پۇل ئېقىمى شياۋمى يانفون كەسپىنىڭ ئۈزلۈكسىز نەق پۇل ئېقىمىدىن كەلگەن، ئەمما يەر شارى يانفون كەسپىدە ئىنقىلاب خاراكتېرلىك يېڭىلىق يارىتىش ۋاقتىنچە توختاپ، پىشىپ يېتىلىش مەزگىلىگە، تويۇنۇش مەزگىلىگە كىردى، ئابونتلارمۇ ئېستېتىك زوقلىنىش مەزگىلىگە، سېتىلىش مىقدارى تۆۋەنلەش مەزگىلىگە كىردى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونمۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە «نوكىيا پەيتى» گە دۇچ كېلەمدۇ، ئۇ چاغدا شياۋمى يانفونى يەنە ئاپتوموبىل ياساشقا بەرداشلىق بېرەلەمدۇ؟

4. ئېقىم مىقدارى قوش بىسلىق خەنجەر.

ئېقىم مىقدارى ۋە تەسىر كۈچى مەلۇم بىر ئادەمگە تەۋە ئەمەس، مەلۇم بىر كارخانا، جەمئىيەتنىڭ بىر خىل ئىشەنچىسى ۋە ھاۋالىسى بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ئەگەر نىيەت دۇرۇس بولمىسا، ئېقىم مىقدارى تەرىپىدىن يۇتۇۋېتىلسە، ئىنتايىن قورقۇنچلۇق بولۇپ كېتىدۇ، بۈگۈن قانچىلىك ئادەم سىزنى كۆتۈرسە، ئەتە شۇنچە ئادەم سىزنى دەسسەيدۇ.

ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، بىزنىڭ بۇ جەمئىيىتىمىز مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارغا نۇرغۇن شان-شەرەپ بېرىدۇ، مەغلۇپ بولغانلارغا ئانچە كەڭ قورساقلىق قىلمايدۇ.

بازغانچىنىڭ بېلى چىڭ بولۇشى كېرەك، تاراتقۇ ماركېتىڭى پەقەت ۋاسىتە، قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان مەھسۇلات كۈچى، تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، قىممەت قارىشى ۋە ئۇلۇغۋار ئارزۇ جامائەت پىكرى قاينىمىدىن ھالقىپ ئۆتەلەيدۇ.


5. تېمىنىڭ سىرتىدىكى گەپ. ۋۇخەن داشۆنىڭ مەكتەپ مۇدىرى لېي جۈننى «كارخانىچىلار ئىچىدە ئەڭ كېلىشكەن، كېلىشكەن يىگىتلەر ئىچىدە ئەڭ پۇلدار» دەپ ماختىدى، ئۇنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ، قىممەت قارىشى مۇھاكىمە قىلىشقا ئەرزىيدۇ.

بىر داشۆ كېلىشكەن، پۇلدارنى ھۆرمەتلەمدۇ؟ ئىلىم - پەن روھىنى قەدىرلىمەمدۇ؟ ئالىملارنىڭ روھىنى قەدىرلىمەمدۇ؟ بۇ گەپكە ئوقۇغۇچىلار قانداق قارايدۇ؟ سىز نامرات ئوقۇغۇچىلارغا قانداق قارايسىز؟ سىز جەمئىيەتكە قانداق قارايسىز؟

لېي جۈننىڭ ۋۇجۇدىدىكى يارقىن نۇقتا بولسا يېڭىلىق يارىتىش، كارخانىچى روھى، رىغبەتلەندۈرۈش روھى، كۈرەش قىلىش روھى، بۇنى پۈتۈن جەمىيەتكە ئومۇملاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، بۇ ھازىر تېخىمۇ زۆرۈر بولۇپ قالدى، «كېلىشكەن، پۇلدار» بولۇشنى يەنىلا بولدى قىلايلى.

ئاخىرىدا، مېنىڭ سەۋىيەم يۈزەكى، تەتقىقات ئىقتىدارىم يېتەرسىز بولۇپ قالغان بولسا، بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراش ۋە لوگىكىنى ئوچۇق مۇزاكىرە قىلىشقا بولىدۇ.

ئادەتتىكى ئىقتىسادشۇناسلىق تەتقىقاتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، لېي جۈن بىلەن شياۋمىنىڭ كۆپچىلىكنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىنى، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ غەيرەت قىلىشىنى، جۇڭگونىڭ غەيرەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


图片


CyberOne ئادەمسىمان ماشىنا ئادەمنىڭ ئېگىزلىكى 1.77 مىتېر، ئېغىرلىقى 52 كىلوگىرام.

ئۇنىڭدا مۇرەككەپ بولغان ئادەم شەكىللىك ئىككى پۇتنى كونترول قىلىش ئالگورىزىمى قوللىنىلىپ,21 بوغۇمنىڭ ئەركىنلىك دەرىجىسى ماسلاشتۇرۇلغان؛ پۈتۈن بەدەندىكى بەش خىل بوغۇم ھەرىكەتلەندۈرۈلىدۇ، ئىككى پۇتنىڭ ھەرىكەت ھالىتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ ئەركىن ماڭالايدۇ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ چوققا قىممىتىدىكى تولغىنىش مومېنتى 300Nm قا چىقىش قاتارلىق ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكا ئىشلىتىلگەن.

ھېس قىلىش ئىقتىدارىدىن قارىغاندا، CyberOne ئىنسانلارنىڭ 45 خىل سېمانتىكا كەيپىياتىنى ، 85 خىل مۇھىت سېمانتىكىسىنى پەرقلەندۈرەلەيدۇ ; Mi-Sense چوڭقۇر كۆرۈش سىزىمى، AI   ئۆز-ئارا تەسىر كۆرسىتىش ئالگورىزىمى ئارقىلىق ئادەمنىڭ سالاھىيىتىنى پەرق ئېتىش، قول ئىشارىتىنى پەرق ئېتىش، چىراي ئىپادىلىرىنى پەرق ئېتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي دۇنيانىڭ ئۈچ ئۆلچەملىك مەۋھۇم مۇھىتىنى قۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ.

«CyberOne نىڭ ئارقىسىدىكى ئەقلىي ئىقتىدار، ماشىنىسازلىق ئىقتىدارىنى پۈتۈنلەي شياۋمى ماشىنا ئادەم تەجرىبىخانىسى ئۆزى تەتقىق قىلىپ تاماملىغان، ئۇنىڭ ئارقىدا سانسىزلىغان يۇمشاق دېتال، قاتتىق دېتال، ئالگورىزىم ئېچىش خىزمىتى بار، سېلىنمىسى ناھايىتى زور.»

لېي جۈن مۇنداق دېدى: CyberOne سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى يادرو، ئۆلچەملىك ئادەم شەكلىنى ۋاستە قىلىپ، شياۋمىنىڭ كەلگۈسى پەن - تېخنىكا ئېكولوگىيەسى ھەققىدىكى بىر قېتىملىق ئىزدىنىشى، شۇنداقلا شياۋمىنىڭ كۆپ مەنبە بىرلەشكەن تېخنىكا سىستېمىسىنىڭ يېڭى نەتىجىسى.


alip
,赞37


شياۋمى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئىستېمال تىپىدىكى IoT نەرسە تورى سۇپىسىنى قۇردى، 100 مىليوندىن ئارتۇق ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىنى تۇتاشتۇرۇپ، دۇنيادىكى 100 دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايونغا كىردى. MIUI نىڭ ئايلىق ئاكتىپ ئابونتى 242 مىليونغا يەتتى.

شياۋمى سىستېمىسىغا مەبلەغ سالغان شىركەت 400 گە يېقىنلىشىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق قاتتىق دېتال، تۇرمۇش ئىستېمال بۇيۇملىرى، مائارىپ، ئويۇن، ئىجتىمائىي ئالاقە تورى، مەدەنىيەت، كۆڭۈل ئېچىش، داۋالاش، ساغلاملىق، ئاپتوموبىل قاتنىشى، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلەرنى قاپلىدى.

خەلقئارالىق پاتېنت سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى ئىزدەش ئارقىلىق شۇنى بىلىشكە بولىدۇكى، شياۋمى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك شىركەتلەر سېزىش تېخنىكىسى، ماشىنىلىق ئۆگىنىش، ھەرىكەتنى كونترول قىلىش تېخنىكىسى قاتارلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا ئادەمنىڭ يادرولۇق تېخنىكا ساھەسىدە 740 تىن ئارتۇق پاتېنتقا ئېرىشكەن، بۇنىڭ ئىچىدە كەشپىيات پاتېنتىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى%97 كە يەتكەن. يۇقىرىقى 740 دىن ئارتۇق پاتېنت ئاساسلىقى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان، ئادەمسىز ھەيدەش، ئاپتوماتىك تازىلاش، تەبىئىي تىلنى بىر تەرەپ قىلىش، ئالاقە ئۇلاش قاتارلىق ئالاقىدار تېخنىكا ساھەلىرىگە مەركەزلەشكەن.


مەنبە: ئالىپ سالونى

素材1.jpg

未标aptv题-1.jpg未标333题-4.jpg