ئىگىلىنىشىچە، مانچېستېر بىرلەشمىسى ئىزچىل مانچېستېر شەھىرىگە قايتقان كىرىستىيانو رونالدونى ساتماسلىق ئويىدا چىڭ تۇرۇپ كەلگەن.
«تېلگىراف گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مانچېستېر بىرلەشمىسى رونالدونىڭ يەنىلا يېتىپ كېلىش ئالدىدىكى يېڭى پەسىللىك ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسى پىلانىدا ئىكەنلىكىگە قەتئىي ئىشىنىدىكەن، ئۇلارنىڭ رونالدو بىلەن بولغان سۆھبىتى كەلگۈسى بىر قانچە كۈن ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىدىكەن، مەشقاۋۇل تېنخاگمۇ تايلاند ۋە ئاۋسترالىيەدە 17 كۈنلۈك پەسىلدىن بۇرۇنقى مۇسابىقە سەپىرىدىن كېيىن مانچېستېر شەھىرىگە قايتىپ كەلگەن.
بۇ يىل 37 ياشقا كىرگەن پورتۇگالىيەلىك چولپان «ئائىلە سەۋەبىدىن» ھازىرغىچە مانچېستېر بىرلەشمىسىنىڭ پەسىلدىن بۇرۇنقى تەييارلىق مۇسابىقىلىرىگە قاتناشمىغان، بىراق مانچېستېر بىرلەشمىسى ۋە يېڭى مەشقاۋۇل تېنخاگنىڭ پوزىتسىيەسى ئىزچىل قەتئىي بولۇپ كەلگەن، ئۇلار رونالدونىڭ ئۆتكەن يىلى يازدا كوماندىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئىمزالىغان ئىككىنچى يىللىق توختامىنى ئادا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. مانچېستېر بىرلەشمىسىنىڭ مەيدانى ئازراقمۇ تەۋرەنمىگەن بولۇپ، ئۇلار بۇ قېتىملىق يۈز تۇرانە سۆھبەتتە «قاتتىق تەدبىر» قوللىنىدىكەن.
رونالدو ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا ئۆزىنىڭ بۇ مۇسابىقە پەسلىدە ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىگە قاتنىشالايدىغان كۇلۇبتا كەسپىي ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، چېلسى ۋە بايرېن مىيۇنخېن باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم كۇلۇبلار ئىزچىل رونالدونىڭ يۆتكىلىش ئىشىدا ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ كەلگەن، گەرچە مادرىد ئاتلېتكا يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان رونالدونىڭ كوماندىدىن ئايرىلىشىدىكى يېڭى يوشۇرۇن كوماندىسىغا ئايلانغان بولسىمۇ، بىراق يەنىلا رەت قىلىنىشقا ئۇچرىغان.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، كىرىستىيانو رونالدومۇ باشقا جايدا كەسپىي ھاياتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن زور دەرىجىدە مائاش تۆۋەنلىتىشنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن، مانچېستېر بىرلەشمىسى باشتىن-ئاخىر ئۆز مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، ئۇلار پورتۇگالىيەلىك بۇ ھۇجۇمچىغا قويۇلغان ھەرقانداق باھانى قوبۇل قىلمىغان.
كىرىستىيانو رونالدو مانچېستېر بىرلەشمىسىنىڭ پەسىلدىن بۇرۇنقى تەييارلىق مۇسابىقىلىرىگە قاتناشمىغان ۋاقىتتا پورتۇگالىيەدە شەخسىي مەشىق قىلغان بولۇپ، لېكىن مانچېستېر بىرلەشمىسى بىر ھەپتىدىن كېيىن ساھىبخان مەيداندا برايتون بىلەن ئوينايدىغان مۇسابىقىدە يېڭى مۇسابىقە پەسلىنى باشلاش ئالدىدا تۇرغاچقا، ئۇ داۋاملىق ھالدا كونا تراففورد توپ مەيدانىدا قالسىمۇ بۇ مۇسابىقىدە ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چۈشۈشى مۇمكىن ئەمەستەك قىلىدۇ.