مانچېستېر بىرلەشمىسىنىڭ مەيدانى ئازراقمۇ تەۋرىنىپ قالمىدى، ئۇلار ئەمدى رونالدوغا «قاتتىق تەدبىر» قول

ئەلكۈيى تورى
2022-07-26
来源:سىنا تورى

ئەرلەرنىڭ يېشى چوڭ بولۇپ كەتسە بالىلىق بولۇشى تەسكە توختامدۇ؟ تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا ئەنگلىيە تۇغۇتنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورگىنى سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇلغان 19 مىڭ ئايال ۋە ئۇنىڭ ھەمراھىنىڭ ياش قۇرۇلمىسىنى تەتقىق قىلىپ تەھلىل قىلغان، تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، 35 ياشتىن تۆۋەن ياكى 40 ياشتىن يۇقىرى ئاياللارغا نىسبەتەن ھەمراھىنىڭ يېشى ھامىلىنىڭ ھايات قېلىشىغا نىسبەتەن ئانچە چوڭ تەسىر كۆرسەتمەيدىكەن، لېكىن 35 ياشتىن 40 ياشقىچە بولغان ئاياللارغا نىسبەتەن ھەمراھىنىڭ يېشى ھامىلىنىڭ ھايات قېلىش قالماسلىقىغا كۆرۈنەرلىك تەسىر كۆرسىتىدىكەن. ئەنگلىيە ھامىلىدار بولۇش ۋە تۇغۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش تورى تىجارەت بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى برايىن مۇنداق دېدى: «بۇ ئەرلەرنىڭ يېشىنىڭ بالىلىق بولۇشقا نسبەتەن مۇھىم رولى بارلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ».

بۇ تەتقىقات دوكلاتىنىڭ ئاپتورلىرىنىڭ بىرى، پىروفېسسور گىتا نارگوند مۇنداق دېدى: «ئۇزۇندىن بۇيان بالىلىق بولۇشتا ئاياللارنىڭ يۈكى ئېغىر بولۇپ، ئەرلەرنىڭ يېشىنىڭ بالىلىق بولۇشقا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئاساسەن نەزەردىن ساقىت قىلىندى. ئاياللارنىڭ يېشى 35 ياشتىن 40 ياشقىچە بولغاندا، ئەرلەرنىڭ يېشى 35 ياشتىن تۆۋەن بولسا، ھامىلىنىڭ ھايات قېلىش نىسبىتى %32.8 بولىدۇ، ئەرلەرنىڭ يېشى 55 ياشتىن يۇقىرى بولسا، ھايات قېلىش نىسبىتى %25كە تۆۋەنلەيدۇ». ئۇنىڭدىن باشقا، ئەر تەرەپنىڭ يېشىنىڭ چوڭ بولۇشى ھەتتا كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ روھىي ھالىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىكەن.