بېيجىڭ ۋاقتى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى، شىنجاڭ تىيانشان يىلپىزى پۇتبول كۇلۇبى ئورگان تەرەپ ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، نومۇر ئېلىشقا تېگىشلىك بەزى مۇھىم مۇسابىقىلەردە پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشمىغانلىقى ئۈچۈن، بۈگۈندىن باشلاپ تىرېنېر پەرھات ئەزىمەتنىڭ شىنجاڭ تىيانشان يىلپىزى پۇتبول كۇلۇبى جۇڭگو ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ بىرىنچى سەپ كوماندىسىدا ترېنېرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
كۇلۇب ئۇقتۇرۇشىنىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:
يېقىنقى مەزگىلدىكى جۇڭگو ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدە، شىنجاڭ تىيانشان يىلپىزى 1-سەپ كوماندىسىنىڭ ترېنېرلار گۇرۇپپىسى كۇلۇبنىڭ تەلىپىگە قاتتىق ئەمەل قىلماي، نومۇر ئېلىشقا تېگىشلىك بەزى مۇھىم مۇسابىقىلەردە پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشماي، كۇلۇبقا سەلبىي تەسىر كۆرسەتتى، كۇلۇب مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق، بۈگۈندىن باشلاپ تىرېنېر پەرھات ئەزىمەتنىڭ شىنجاڭ تىيانشان يىلپىزى پۇتبول كۇلۇبىنىڭ 1-سەپ كوماندىسىدا ترېنېرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەيدىغانلىقىنى، ۋاقتىنچە تىرېنېر ناسىر تۇرسۇننىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى مۇسابىقە ۋەزىپىسىنى تاماملاشقا مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى قارار قىلدى.
2022-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە شىنجاڭ تىيانشان يىلپىزى پۇتبول كۇلۇبى شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ، بارلىق تىرېنېر، توپچى، خىزمەتچى خادىملارغا قاتتىق تەلەپ قويۇپ، مۇسابىقە ئىستىلى، مۇسابىقە ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلىنىپ، شىنجاڭ روھىنى جارى قىلدۇرىدۇ. يېقىندىن بۇيان كۇلۇبلارنىڭ مۇسابىقە ئىستىلى ۋە مۇسابىقە ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىش توغرىسىدىكى مىش-مىش پاراڭلارغا قارىتا، شىنجاڭ تىيانشان يىلپىزى پۇتبول كۇلۇبىمۇ قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ، ھەرگىز بوش كەلمەيدۇ، كەڭ توپ مەستانىلىرىمۇ كۇلۇبنى مۇناسىۋەتلىك يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىسە ياكى جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى ئىنتىزام كومىتېتىغا بىۋاسىتە مەلۇم قىلسا بولىدۇ.