ئېھتىياتسىزلىقتىن باشقىلارنىڭ ئاپتوموبىلىغا سۈركىلىپ كەتسە قانداق قىلىش كېرەك؟

ئەقىدە
2022-07-26
来源:ماشىنا ئائىلىسى


يېڭى شوپۇر دوستلار پىراۋا ئالغاندىن كېيىن ئاپتوموبىل ھەيدەپ يولغا چىققاندا ۋە ياكى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدىن قوزغالغاندا يان تەرەپتە توختىتىلغان ئاپتوموبىللارنى دىققەتسىزلىكتىن سوقۇپ قويىدىغان ئەھۋال كۆرۈلىدۇ. بىر قىسىم شوپۇرلار ھېچكىم كۆرمىدى-دەپلا كېتىپ قالىدىغان ئەھۋاللارمۇ يوق ئەمەس. ئەگەر ئەمدىلا پىراۋا ئېلىپ يولغا چىققاندا ئالاقزادە بولۇپ، ئېھتىياتسىزلىقتىن باشقىلارنىڭ ئاپتوموبىلىغا سۈركىلىپ كەتسە قانداق قىلىش كېرەك؟

ئەگەر سىز يولدا كېتىۋېتىپ ئېھتىياتسىزلىقتىن باشقىلارنىڭ ئاپتوموبىلىغا سۈركىلىپ كەتسىڭىز، ئازراق سۈركىلىپ كەتسە ھېچ ئىش بولمايدۇ، ئەتراپتا باشقا ئادەم يوقكەن، ھېچكىم كۆرمىدى دەپ كېتىپ قالماڭ.

2022-يىلى 4-ئايدا يېڭىلانغان يېڭى قاتناش قائىدىسىگە ئاساسەن بۇ ئوخشاشلا قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرۇپ قېچىپ كېتىش ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، 200 يۈەندىن 2000 يۈەنگىچە جەرىمانە قويۇلىدۇ، ئېغىر بولغاندا يەنە 15 كۈندىن تۆۋەن مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ. جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەن ھالەتتىمۇ يەنىلا 12 نومۇر خاتىرلىنىدۇ.

ئۇنداقتا، توغرا ئۇسۇلدا قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟

جىددىيلەشمەڭ، ئاۋۋال سۈركىلىپ كەتكەن ئاپتوموبىلنىڭ قائىدىگە خىلاپ توختىتىلغان-توختىمىغانلىقىغا قاراپ بېقىڭ. ئەگەر قارشى تەرەپنىڭ ئاپتوموبىل توختىتىش رايونىدا بولماسلىق، ئۆلچەملىك سىزىقتىن ئېشىپ كېتىش، تەتۈر يۆنىلىشتە ئاپتوموبىل توختىتىش قاتارلىق قائىدىگە خىلاپ ئاپتوموبىل توختىتىش قىلمىشلىرى بولسا، ئۇنداقتا بۇ ئىككى تەرەپنىڭ مەسئۇلىيىتىگە تەۋە بولىدۇ، سىز پۈتۈنلەي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىڭىزگە ئالمايسىز، شۇڭا بەك ئەنسىرەپ كەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.

ئەگەر قارشى تەرەپ قائىدىگە خىلاپ ئاپتوموبىل توختاتمىغان بولسا، ئاپتوموبىلنىڭ سۈركىلىپ كەتكەن ئورنىنى كۆپ نۇقتىدىن بىر نەچچە پارچە سۈرەتكە تارتىپ، ئىسپات ئېلىۋېلىش كېرەك. ئاندىن ئاپتوموبىل ئىگىسىنىڭ ئاپتوموبىلغا ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى قويغان-قويمىغانلىقىغا قاراپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاپتوموبىل ئىگىسى بىلەن ئالاقىلىشىش كېرەك.

ئەگەر ئاپتوموبىلدا ئاپتوموبىل ئىگىسىنىڭ ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى بولمىسا يېقىن ئەتراپتىكى دۇكان ۋە ئاھالىلەردىن ئاپتوموبىل ئىگىسىنى تونۇيدىغان-تونۇمايدىغانلىقىنى سورىسىمۇ بولىدۇ. ياكى 122گە تېلېفون قىلىپ قاتناش ساقچىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى ۋە ئاپتوموبىل نومۇر تاختىسىنى ئۇقتۇرغاندىن كېيىن قاتناش ساقچىسى ئاپتوموبىل ئىگىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ بەرسىمۇ بولىدۇ.

ئەگەر ئاپتوموبىل ئىگىسى بىلەن ھەقىقەتەن ئالاقىلاشقىلى بولمىسا، ئۇنداقتا بىر پارچە باغاقچە (ئاق قەغەز) تېپىپ، ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ يېزىپ، ئۆزىڭىزنىڭ ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىڭىزنى قالدۇرۇپ قويسىڭىزلا بولىدۇ.

ئەڭ ياخشىسى بىرقانچە پارچە يېزىپ، قارشى تەرەپ ئاپتوموبىلىنىڭ ئوخشىمىغان قىسمىغا چاپلاپ قويۇش، ئاندىن سۈرەتكە تارتىپ ئىسپات قىلىپ ساقلىۋېلىش كېرەك. چۈنكى قەغەزنى شامال ئۇچۇرۇپ كېتىشى ياكى بىر قىسىم بالىلارنىڭ يىرتىۋېتىشى سەۋەبلىك، ئاپتوموبىل ئىگىسى ئىشتىن كېيىن سىزنى ۋەقە تۇغدۇرۇپ قېچىپ كەتتى دېسە ياكى سىز كەلتۈرۈپ چىقارمىغان سىزىلغان ئىز ياكى سوقۇلۇش تۆلىمى تەلەپ قىلسا، ئۇنداقتا بۇ ۋاقىتتا تارتىلغان سۈرەت ۋە قاتناش ساقچىسى بىلەن بولغان سۆزلىشىش خاتىرىسى سىزگە گۇۋاھلىق بېرەلەيدۇ.