ئاستون ۋىللا ۋە لىۋېرپولنىڭ سابىق توپچىسى دېئەن ساندېرس بىر تۈرلۈك پىروگراممىنىڭ بىۋاستە تارقىتىش جەريانىدا مۇنداق دېگەن: «پۇتبول دۇنياسىدا كىرىستىيانو رونالدو ئەمدى ھېچكىمگە قەرزدار ئەمەس، مېسسىمۇ ھەم شۇنداق. شۇڭا، ئۇ ئۆزى قىلماقچى بولغان ئىشنى قىلسا بولىدۇ.»
يېقىنقى بىر ئايدىن بۇيان، رونالدونىڭ مانچېستېر بىرلەشمىسىدىن ئايرىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى مىش-مىش پاراڭلار ھەممە يەرنى قاپلىدى، بۇمۇ سىرتقى دۇنيانىڭ قىزغىن مۇنازىرىسىنى قوزغىدى. نۆۋەتتە 37 ياشلىق رونالدونىڭ مانچېستېر بىرلەشمىسى كۇلۇبى بىلەن تۈزگەن توختامى كېلەر يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ.
دېئەن ساندېرس مۇنداق دېدى:«مانچېستېر بىرلەشمىسى كىرىستىيانو رونالدونىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى شان-شەرەپلەرنى قولغا كەلتۈرگەن دەسلەپكى جاي، شۇنداقلا ئۇنىڭغا پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن جاي. شۇڭا بۇنداق ئايرىلىش مانچېستېر بىرلەشمىسىگە قەرزدار بولغانلىقنىڭ، سادىقلىقنىڭ كەمچىل بولغانلىقىنىڭ ئىپادىسى بولامدۇ؟ مېنىڭچە ئۇنداق ئەمەس. پۇتبول دۇنياسىدا كىرىستىيانو رونالدو ھېچكىمگە قەرزدار ئەمەس، شۇنداقلا ئۇنىڭ ھەرىكىتى ساداقەتسىزلىكنىڭ ئىپادىسىمۇ ئەمەس، مېسسىمۇ ھەم شۇنداق. ئۇ مۇسابىقە ئۈچۈن نۇرغۇن ئىشلارنى قىلدى، نۇرغۇن بەدەل تۆلىدى. بۇ يىللاردا ئۇ توپ مەستانىلىرىگە سان-ساناقسىز خۇشاللىق دەقىقىلەرنى ئېلىپ كەلدى، كەسپىي ھاياتىدا شۇنچە كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ ئۆزى قىلماقچى بولغان ھەرقانداق ئىشنى قىلالايدۇ. ئەگەر ئۇ راستىنلا مانچېستېر بىرلەشمىسىدىن ئايرىلماقچى بولسا، مەن بۇنداق ئويدا ئۇنى ئەيىبلىمەيمەن. ئۇ <كەسپىي ھاياتىمنىڭ مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىشىنى خالىمايمەن> دەپ ئويلايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، پۈتۈنلەي يېڭى تاكتىكا سىستېمىسىغا كەلسەك، تېنخاگمۇ مۇنداق ئويلايدۇ:<مەن رونالدوغا باش ئېگىشىم كېرەكمۇ؟> چۈنكى، ئۇ رونالدودىن پۈتۈن مەيداندا ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ يۇقىرى سىجىلىقتا توپ تالىشىشنى تەلەپ قىلالمايدۇ، رونالدونى بۇنداق نامزات دەپ قاراشقا بولمايدۇ.»