«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مانچېستېر بىرلەشمىسى يەنىلا كىرىستىيانو رونالدونىڭ قاچان ياكى كۇلۇبقا قايتىدىغانلىقىنى بىلمەيدىكەن، تېنخاگ ۋە توپچىلار ھازىر چەتئەلدىكى پەسىلدىن بۇرۇنقى مۇسابىقىلەردىن مانچېستېر شەھىرىگە قايتقان بولۇپ، بۇنىڭدىن بۇرۇن كىرىستىيانو رونالدو ئائىلىسىدە مەسىلە كۆرۈلگەنلىكى سەۋەبلىك قوشۇمچە دەم ئېلىش ۋاقتىغا ئېرىشكەن ھەمدە كوماندىغا ئەگىشىپ پەسىلدىن بۇرۇنقى مۇسابىقىلەرگە قاتناشمىغان.
مانچېستېر بىرلەشمىسىنىڭ سەۋرچانلىقى بىلەن كوماندا پەسىلدىن بۇرۇنقى مەشىقتىن كېيىنكى ئۈچ ھەپتە ئىچىدە سىناققا دۇچ كەلگەن بولۇپ، كۇلۇب كىرىستىيانو رونالدونىڭ چۈشەندۈرۈشىنى قوبۇل قىلغان ھەمدە ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئۇنىڭغا ھېچقانداق بېسىم ئېلىپ كەلمىگەن. لېكىن مانچېستېر بىرلەشمىسىدە بارغانسېرى كۈچلۈك تۇيغۇ پەيدا بولدى، يېڭى مۇسابىقە پەسلىدە برايتون بىلەن مۇسابىقىلىشىشتىن بۇرۇن، ئۇلار چوقۇم كەلگۈسى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە بەزى نەرسىلەردىن ۋاز كېچىشى كېرەك، كىرىستىيانو رونالدونىڭ ئۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىش مۇمكىنچىلىقى ئىنتايىن كىچىك.
رونالدو ئالدىنقى شەنبە كۈنى لىسبوندىكى چېنىقىش ئۆيىدە چۈشكەن سۈرىتىنى يوللىغان، شۇ كۈنى مانچېستېر بىرلەشمىسى 2:2 نەتىجىدە ئاستون ۋىللا بىلەن تەڭلىشىپ قالغان. مانچېستېر بىرلەشمىسىنىڭ يەنە ئىككى مەيدان دوستلۇق مۇسابىقىسى بار، ئۇلار شەنبە كۈنى مادرىد ئاتلېتكا بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ، شۇنداقلا كونا تراففورد مەيدانىدا ۋاللېكانو بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ. ياۋروپادىكى باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك كۇلۇبلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىيالمىغاچقا، ئۇنىڭ ۋاستىچىسى مېندېس رونالدونىڭ مادرىد ئاتلېتكىغا يۆتكىلىشىنى سىناپ باققان. گەرچە كىرىستىيانو رونالدو مائاش تۆۋەنلىتىشنى خالىسىمۇ، لېكىن مادرىد ئاتلېتكا يۆتكىلىش مەبلىغى توپلاش ئۈچۈن توپچى سېتىشى كېرەك، نۆۋەتتە مانچېستېر بىرلەشمىسى كىرىستىيانو رونالدونى سېتىلمايدىغان بۇيۇم دەپ چىڭ تۇرماقتا.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كوماندىدىكى ھۇجۇمچى راشفورد ئەڭ ياخشى ھالىتىنى تېپىشقا تىرىشىۋاتقان بولۇپ، ئۇ تېنخاگ ترېنېرلىق قىلغان پەسىلدىن بۇرۇنقى مۇسابىقىدە ياخشى ئىپادىسىنى نامايەن قىلىشنى ئۈمىد قىلغان، ئۇ مۇنداق دېگەن:«مەن ھازىر ئۆزۈمنى ئىنتايىن ساغلام، شۇنداقلا ئىنتايىن كۈچلۈك ھېس قىلىۋاتىمەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يارىلىنىش ئەھۋالىمۇ يوق. مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا، پەسىلدىن بۇرۇنقى مۇسابىقىگە قاتنىشىش بىباھا ھېسابلىنىدۇ. مەن ھەقىقەتەن بەك خۇشال، مەن ئۆزۈمنىڭ ئەڭ قاتتىق تەنقىدلىگۈچىسى، مەن ئۆزۈمنىڭ ياخشى ئوينىيالمايدىغانلىقىمنى بىلىمەن، شۇنداقلا ئۆزۈمنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى ئۆرلىشىم كېرەكلىكىنى بىلىمەن.»