رونالدونىڭ كەلگۈسى تېخى ئېنىق ئەمەس، ئۇ مانچېستېر بىرلەشمىسىدىن ئايرىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈردى، بۇ مەزگىلدە ئۇ چېلسى، خانلىق مادرىد، بايرېن مىيۇنخېن، بارسېلونا شۇنداقلا يېقىندا خانلىق مادرىدنىڭ ئەشەددىي رەقىبى مادرىد ئاتلېتكا بىلەن باغلىنىپ قالدى.
ئىگىلىنىشىچە، ۋاستىچىسى مېندېس پۈتۈن كۈچى بىلەن كىرىستىيانو رونالدونىڭ مادرىد ئاتلېتكىغا قوشۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغان بولۇپ، مادرىد ئاتلېتكا تەرەپمۇ كىرىستىيانو رونالدوغا بەلگىلىك ئورۇن ھازىرلاپ بېرىش ئۈچۈن باشقا توپچىلىرىنى قولدىن چىقارماقچى بولدى.
تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، «دۇنيا تەنتەربىيە گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، رونالدونىڭ قىز دوستى جورجىنا يېقىندا مادرىد ئاتلېتكا ترېنېرى سىمونېنىڭ ئايالى كارا پېرېيرانىڭ ئالاقە ئاكونتىغا ئەگەشكەن بولۇپ، قارىماققا مۇناسىۋېتىنى يېقىنلاشتۇرماقچى بولىۋاتقاندەك قىلاتتى.
جورجىنا بىلەن سىمونېنىڭ ئايالى ئەمەلىيەتتە تونۇشىدۇ، ئۇلار ئىلگىرى بىر قىسىم يىغىلىشلاردا ئۇچراشقان، لېكىن جورجىنانىڭ بۇ ھەرىكىتى يەنىلا نۇرغۇن پەرەزلەرنى پەيدا قىلغان.
تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، رونالدونىڭ ئائىلىسىدىكىلەرمۇ يېقىندا مادرىدقا كېلىپ ئىككى كۈن تۇرغان. يەنە بىر تەرەپتىن سىمونىنىڭ ئوغلى گىيانلۇكا رونالدونىڭ مادرىد ئاتلېتكىغا قوشۇلۇش ئېھتىماللىقى بولغان يۆتكىلىش خەۋىرىگە يۈرەك بەرگەن.