2022«ئون مىڭلىغان كىشى شىنجاڭ ھەققىدە سۆزلەش»قىسقا سىن مۇسابىقىسى باشلاندى!

爱酷艺网
2022-07-25
来源:天山网-新疆日报原创

00352383300_077a74f2.jpg

QQ20201127-0.gif

2022-يىللىق «ئون مىڭلىغان كىشى شىنجاڭ ھەققىدە سۆزلەش» قىسقا سىن مۇسابىقىسى باشلاندى! ماڭا ئەگىشىپ، شىنجاڭنى كۆرۈڭ


شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى، ئەلكۈيى تورى تەرجىمىسى:كۆرۈنۈش ئارقىلىق شىنجاڭنى خاتىرىلەش، چىن قەلبىدىن شىنجاڭنى ھېس قىلىش، تور ئارقىلىق شىنجاڭنى تارقىتىش... ماڭا ئەگىشىپ، شىنجاڭنى كۆرۈڭ! پۇقرالارنىڭ ساداسى، ئاممىنىڭ تىلى، توردا ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات خاتىرىلەنگەن، پۇقرالارنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى بايان قىلىنغان. ھەقىقىي ئادەم، ھەقىقىي ئىشنى سۆزلەپ دۇنياغا ھەقىقىي شىنجاڭنى نامايەن قىلىڭ. بۈگۈندىن باشلاپ، 2022-يىللىق «ئون مىڭلىغان كىشى شىنجاڭ ھەققىدە سۆزلەش» باش تېمىسىدىكى   قىسقا ۋىدىيو مۇسابىقىسى باشلاندى

1.پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇن: شىنجاڭ ئالاقە تورى ساھەسى بىرلەشمىسى

2.پائالىيەت تېمىسى: « ماڭا ئەگىشىپ شىنجاڭنى كۆرۈڭ» نى چۆرىدەپ، جەمئىيەتتىن قىسقا ۋېدىيو ئەسەرلىرىنى كەڭ كۆلەمدە توپلاش.

ئۈچىنچى، مۇسابىقىگە قاتنىشىشتا بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار:

1.ئەسەر قوبۇل قىلىش ۋاقتى: مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان ئەسەرلەرنى يوللاش ۋاقتى بۈگۈندىن باشلاپ 2022- يىلى 9- ئاينىڭ 30- كۈنىگىچە بولىدۇ، ئېلېكترونلۇق يوللانما قوبۇل قىلىش ۋاقتى ئۆلچەم قىلىنىدۇ.

2.توپلاش شەكلى: ئۆز ئالدىغا ئىلتىماس قىلىش ۋە تەشكىللەپ تەۋسىيە قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى خىل شەكىلنى قوللىنىپ، توردا توپلاشنى قانات يايدۇرۇلىدۇ.

3.ئەسەر قائىدىسى: مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان ئەسەرلەر قىسقا سىن، مىكرو كىنو، ئاممىۋى پاراۋانلىقى ئېلانى، كارتون، MV قاتارلىقلار ، تىلى چەكلەنمەيدۇ، بارلىق ئەسەرلەر چوقۇم 2022-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ توردا ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەر بولۇشى كېرەك. ئەسەر ئەسلى ئىجادىيەت بولۇشى، باش تېمىسى روشەن، يۆنىلىشى توغرا بولۇشى، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇن-نىزاملىرىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك، باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆچۈرۈۋېلىشقا، ئوغرىلىقچە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. مۇسابىقىگە قاتناشقان يازغۇچىلار يېڭى تاراتقۇ ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ ئەسەرنى توردا تارقىتىشى، كېڭەيتىشى، بىر قەدەر زور تەسىر كۈچىگە ئىگە، بىر قەدەر يۇقىرى تارقىتىش، باھا بېرىش ۋە قوللاش مىقدارىغا ئىگە بولۇشى كېرەك. ئەسەرنىڭ رەسىم سۈپىتى ئېنىق، ئاۋازى ئېنىق بولۇشى، بۇلۇڭلۇق بەلگە، سۇ باسما قاتارلىق بەلگىلەر بېسىلمىغان،تېكىستى ۋېدىيو ئۈستىگە خەت بېسىش تەشەببۇس قىلىنىدۇ.

4.باھالاش ئۆلچىمى: بىرىنچىدىن، تەسىرلەندۈرۈش كۈچى، ئەمەلىي مىساللار چىن، ھېسسىياتى ئۇرغۇپ تۇرغان، نۇقتىسى يېڭى، تەرتىپى ئېنىق بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ، تېما تاللاش، مەزمۇن ۋە ئىپادىلەش شەكلى جەھەتلەردە يېڭىلىق يارىتىپ، ئورنىغا دەسسىتىش تۇيغۇسىغا ئىگە، زەربە بېرىش كۈچىگە باي، روھنى ئۇرغۇتۇپ، ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، ئوبيېكتىپ، ھەقىقىي شىنجاڭنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، تارقىتىش كۈچى. تەلەپ باش تېمىسى روشەن، قىممەت قارىشى يۆنىلىشى توغرا، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇن-نىزاملىرىغا ئۇيغۇن بولۇپ، دەۋر روھىنى نامايان قىلىش كېرەك. تورلاشتۇرۇپ ئىپادىلەش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ ئاكتىپ ئېنېرگىيە، ئىللىق خەۋەر تارقىتىدۇ، دوۋيىن، كۈيشوۋ، مىكرو بىلوگ، B بېكەت قاتارلىق يېڭى تاراتقۇ سۇپىلىرىدىكى كۆرۈش سانى ، ئالقىشلىنىش،يۈرەك بېرىش سانلىق مەلۇماتى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇشى، بەلگىلىك تارقىتىش، ئومۇملاشتۇرۇش قىممىتىگە ئىگە بۇلۇشى كېرەك.

5.يوللاش ئۇسۇلى: مۇسابىقىگە قاتناشقان ئەسەرگە بىر تۇتاش« ئەسەرنىڭ ماۋزۇسى + مۇسابىقىگە قاتناشقان ئاپتور ياكى مۇسابىقىگە قاتناشقان ئورۇن + ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى» (مەسىلەن: « شىنجاڭ ياخشى جاي» + جاڭXX+ 181 )دەپ ئەسەرگە   نام بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە مۇناسىۋەتلىك يازما چۈشەندۈرۈش ماتېرىيالى قوشۇمچە قىلىنىدۇ (چۈشەندۈرۈش ماتېرىيالىنىڭ شەكلى 2022-يىللىق «ئون مىڭلىغان كىشى شىنجاڭ ھەققىدە سۆزلەش» باش تېمىسىدىكى قىسقا سىن مۇسابىقىسىنىڭ ئىلتىماس قىلىش جەدىۋىلىدىكىدەك بولىدۇ). مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان ئەسەرلەر ۋە چۈشەندۈرۈش ماتېرىياللىرىنى بىللە قاچىلاپ پوچتا ساندۇقى xjhlwjlhhh@ 163.com غا ئەۋەتىپ بېرىلسە بولىدۇ، پائالىيەتتىن مەسلىھەت سوراش تېلفۇن نومۇرى: جوۋ مۇئەللىم، 18119126008

4.باھالاش كۆرگەزمىسى

1.باھالاش ۋاقتى:2022-يىلى 10-ئايدىن 11-ئايغىچە.

2.ئۇنىۋېرسال باھالاش: كەسپىي مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ باھالاش ھەيئىتى تەشكىللەپ، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەرلەر بېكىتىلىدۇ. مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەرلەرنىڭ تىزىملىكى ئانار بۇلۇت تېرمىنالى، تىيانشان تورى قاتارلىق سۇپىلاردا ئېلان قىلىنىدۇ.

5.تۈرلۈك مۇكاپات تۈرى تەسىس قىلىش: شىنجاڭ ئالاقە تورى ساھەسى بىرلەشمىسى ، ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ بولۇش سۈپىتى بىلەن،مەخسۇس 250 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى كۆپ سوممىلىق مۇكاپات چىقىرىپ، كۆپچىلىكنى بەس-بەستە قاتنىشىپ، شىنجاڭنىڭ ئەڭ ھەقىقىي تۇرمۇش ھالىتىنى   سۈرەتلەپ تارقىتىشقا ئىلھاملاندۇردى.

(1)، ئالاھىدە مۇكاپات ئۈچ نەپەر، مۇكاپات سوممىسى 20 مىڭ يۈەن (باجنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ؛

(2)، 1-دەرىجىلىك مۇكاپات بەش نەپەر، مۇكاپات سوممىسى 10 مىڭ يۈەن (باجنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)؛

(3)،2-دەرىجىلىك مۇكاپات سانى 10 ،   مۇكاپات سوممىسى 5000 يۈەن (باجنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)؛

(4)،3-دەرىجىلىك مۇكاپات سانى   20   ، مۇكاپات سوممىسى 2000 يۈەن (باجنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)؛

(5)مۇنەۋۋەر مۇكاپات سانى 5 نەپەر ، 50، مۇكاپات سوممىسى 1000 يۈەن (باجنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

6.جاۋابكارلىقنى كەچۈرۈم قىلىش باياناتى

1.مۇسابىقىگە قاتناشقۇچى ياكى مۇسابىقىگە قاتناشقۇچى ئورۇنلارنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ئەسەرلىرىگە قارىتا مۇكەممەل، مۇستەقىل بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى، قوشنا ھوقۇققا ئېرىشىش ھوقۇقى، ئۇچۇر تورىدا تارقىتىش ھوقۇقى ۋە ئالماشتۇرۇپ بېرىش ھوقۇقى بولۇشى كېرەك، ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپنىڭ بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە ئالاقىدار مەخسۇس تېما، ئاخبارات، تەشۋىقات قىلىش جەريانىدا بۇ ئەسەرلەرنى ھەقسىز ئىشلىتىشىگە ھەمدە ئىككىنچى قېتىم پىششىقلاش، مەركەزلىك كۆرگەزمە قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ.

2.مۇسابىقىگە قاتناشقۇچى ياكى مۇسابىقىگە قاتناشقۇچى ئورۇنلار مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلەرنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ۋە مەزمۇنىنىڭ ھەرقانداق قانۇن، نىزامغا خىلاپلىق قىلىنماسلىقىغا، ھەرقانداق ئۈچىنچى تەرەپنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ۋە باشقا قانۇنلۇق ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىنماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان ئەسەرنىڭ مەزمۇنى ياكى ھوقۇقىدا نۇقسان كۆرۈلگەنلىكتىن كېلىپ چىققان تالاش-تارتىش، ھوقۇق ماجىراسى ياكى شۇ سەۋەبتىن 3-تەرەپ زىيانغا ئۇچرىغان، جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالغان بولسا، مۇسابىقىگە قاتناشقۇچى ياكى مۇسابىقىگە قاتناشقۇچى ئورۇن بارلىق جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

3.مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ئەسەرلەردە ھوقۇققا چېقىلىش، دۆلەتنىڭ قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە ياكى ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ئەسەرلەردە ئاممىۋى تەرتىپ ۋە ئۆرپ-ئادەتكە خىلاپ ئەسەرلەر بار دەپ قارىسا، ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ بۇ ئ‍ەسەرنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىنى بىكار قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

4.مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلار ياكى مۇسابىقىگە قاتناشقۇچى ئورۇنلارنىڭ قىلمىشى سەۋەبىدىن ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ زىيانغا ئۇچرىسا، مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلار ياكى مۇسابىقىگە قاتناشقۇچى ئورۇن ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپنىڭ بارلىق زىيىنىنى تۆلەپ بېرىدۇ. بۇ تارماقتا دېيىلگەن زىيان بىۋاسىتە زىيان، ۋاسىتىلىك زىياننى ئۆز ئىچىگە ئېلىش بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ، ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ شۇ سەۋەبتىن ئۈستىگە ئالغان مەمۇرىي جاۋابكارلىق، ھەقدارلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى بارلىق خىراجەت (ئادۋوكاتلىق ھەققى، دەۋا ھەققى، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ھەققى، باھالاش ھەققى، تەكشۈرۈش ھەققى، ئامان ساقلاش ھەققى، كاپالەت ھەققى، كاماندىروپكا ھەققى قاتارلىق بارلىق خىراجەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، لېكىن بۇلار بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ).

5.بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتناشقۇچىلار پائالىيەتنىڭ تۈرلۈك قائىدىلىرىگە قوشۇلىدۇ ۋە رىئايە قىلىدۇ، دەپ قارىلىدۇ، بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ ئاخىرقى چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپنىڭ ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ.

تېز كېلىپ قاتنىشىڭ! كۆپچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك قىسقا سىن ئەسەرلىرىنى، كۆپ قاتلاملىق، ھەر تەرەپلىمە، ئىستېرېئولۇق ھالدا ئىشلەپ شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، ھەقىقىي شىنجاڭنى پۈتۈن دۇنياغا نامايان قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز!

ئاستىدىكى خەتنى چەكسىڭىز قۇشۇمچە ھۆججەتنى چۈشۈرەلەيسىز

点击下载附件

2022“万人说新疆”短视频大赛申报模板.docx

ماتېرىيال مەنبەسى: ئانار بۇلۇت / شىنجاڭ گېزىتى