ئەلكۈيى تورى پۈتۈن تاراتقۇ مەركىزى تەرجىمىسى:جۇڭگو يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىستانسىسى تورىنىڭ رەسمىي ئۆلچەپ بېكىتىشىچە، 7-ئاينىڭ 20-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 10دىن 33 مىنۇت ئۆتكەندە شىنجاڭ سانجى ئوبلاستىنىڭ سانجى شەھىرى (شىمالىي كەڭلىك 44.46 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 87.15 گىرادۇس) تا 4.8 بال يەر تەۋرىگەن، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 23 كىلومېتىر بولغان.