ئۆيدىكى تورغا چىقىش ئۈسكۈنىسىنى قانچىلىك ۋاقىتتا بىر تاقاش كېرەك؟

ئەلكۈيى
2022-07-16
来源:سىنا

پەن-تېخنىكىنىڭ ئۈزۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئالاقە تورى دەۋرىنىڭ يېتىپ كېلىشى تۇرمۇشىمىزنى بارغانسېرى قولايلاشتۇردى. ھازىر ھەممە ئائىلە WiFiدىن ئايرىلالمايدۇ، ئۇ تۇرمۇشىمىزنى بەلگىلىك دەرىجىدە ئۆزگەرتتى.

بۈگۈنكى كۈندە ھەممە ئائىلىلەردە روتېر بار، چۈنكى روتېرنىڭ ئۆزىدە سىمسىز WiFi بار بولۇپ، ئىشلەتكەندە نۇرغۇن ئېقىم مىقدارىنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ، ئۇنداقتا ئۆيدىكى روتېرنى قانچىلىك ۋاقىتتا بىر قېتىم تاقاشقا توغرا كېلىدۇ؟ ئەگەر پۈتۈن كۈن ئوچۇق تۇرسا تەسىرى بولامدۇ؟

ئالدى بىلەن روتېر بىر خىل كىچىك تىپتىكى ئائىلە ئېلېكتىر سايمىنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، باشقا ئېلېكتىر سايمانلىرىغا ئوخشاش بەلگىلىك ئۆمرى بولىدۇ. بىراق، ھازىرقى زامان كىشىلىرىگە نىسبەتەن مەيلى كۈندۈز ياكى كېچە بولسۇن يانفوندىن ئايرىلالمايدۇ، يانفوننى قۇچاقلاپ ئۇخلاش تېخىمۇ نورمال ئىش بولۇپ قالدى.

ئەگەر روتېر پۈتۈن كۈن ئوچۇق تۇرسا، روتېرنىڭ ئۆزىگە نىسبەتەن بەلگىلىك يۈك پەيدا قىلىپ، ئۇزاق مۇددەت مۇشۇنداق مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بىرىنچىدىن، ئۈسكۈنىلەر كونىراپ، روتېرنىڭ ئىشلىتىلىش ئۆمرى قىسقىرايدۇ، روتېر پۈتۈن كۈن ئوچۇق تۇرغاچقا، ئۇ چوقۇم خىزمەت قىلىشى كېرەك، توختىماي خىزمەت قىلىش روتېرنىڭ ئىچكى قىسمىغا بەلگىلىك دەرىجىدە ئۇپراش پەيدا قىلىپ، روتېرنىڭ ئۆمرىنى قىسقارتىۋېتىدۇ.

ياز پەسلىدە، تېمپېراتۇرا ئۆرلىگەچكە، روتېرنىڭ خىزمەت ئىسسىقلىقىنى ياخشى پەسەيتكىلى بولماسلىقى مۇمكىن، شۇڭا بۇ مۇھىت شارائىتى ئۇنىڭ ئۈسكۈنىلىرىنىڭ زىيانغا ئۇچراش دەرىجىسىنى تېزلىتىۋېتىدۇ، شۇڭا روتېرنى ئىشلەتمىگەندە، ئۇنى ۋاقتىدا ئېتىۋېتىشىمىز كېرەك.

ئىككىنچىدىن، بەلگىلىك تور كاشىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، ئۆيدە تورغا چىققاندا، بىزدە مۇنداق بىر خىل ئەھۋال كۆرۈلۈشى مۇمكىن، ئۇ بولسىمۇ ئۆيدىكى روتېرنىڭ يەنىلا ئوچۇق ھالەتتە تۇرۇۋاتقانلىقى ئېنىق بولسىمۇ، لېكىن توردا خاتالىق كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، روتېرنىڭ ئىشلىتىش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولغاچقا، روتېرنىڭ ئۆزىدە ئارتۇقچە يۈك پەيدا بولۇپ، بىر مەزگىل تەڭشەپ ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.

ئۈچىنچى، تور سۈرئىتى بەك ئاستا بولۇپ، قېتىۋېلىش مەسىلىسى كۆرۈلىدۇ، ئىشىنىمەنكى، نۇرغۇن كىشىلەر تور ئىشلەتكەندە ئەڭ بىزار بولىدىغان مەسىلە تورغا چىقىشنىڭ دەل يېرىمىغا كەلگەندە، تۇيۇقسىز توختىماي قاچىلاش ياكى قېتىۋېلىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، بۇنىڭ زور بىر قىسىم سەۋەبى روتېرنىڭ سانلىق مەلۇمات غەملىكىنىڭ زىيادە كۆپ بولۇشى، ئۇنىڭ ئىنكاس سۈرئىتىنىڭ يانفون ياكى ئۈسكۈنىدىكى سانلىق مەلۇماتلارغا يېتىشەلمەسلىكىدىن كېلىپ چىقىدۇ. يانفونىمىز ھۆججەتنى كۆپ چۈشۈرگەن ياكى ساقلىغان نەرسىلىرى بەك كۆپ بولۇپ كەتكەندە، يانفون بوشلۇقى يېتىشمەي، يانفون قېتىۋالىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ، روتېرمۇ بىر خىل كىچىك تىپتىكى ئېلېكتىر ئۈسكۈنىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن شۇنداق.

روتېرنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، قانچىلىك ۋاقىتتا بىر قېتىم ئۆچۈرسە بىر قەدەر ياخشى بولىدۇ؟ ھەر بىر ئادەمنىڭ كۈندىلىك مەشغۇلات ۋاقتى بىلەن خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئوخشاش بولمىغاچقا، بەزىلەر پۈتۈن كۈن كومپيۇتېر بىلەن ھەپىلىشىشى مۇمكىن، يەنە بەزىلەر كۈندۈزى ئۆيدىكى روتېرنى ئىشلەتمىسىمۇ بولىدۇ، شۇڭا شەخسلەر ئۆزىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن ئاز دېگەندە ئۈچ ئايدا بىر قېتىم ئۆچۈرسە بولىدۇ.

ئەگەر ئۆيدە ساياھەت قىلىشقا ياكى كاماندىروپكىغا چىقىشقا توغرا كەلسە، ئۆيدىكى روتېرنى ئېتىۋەتسە بولىدۇ، روتېر قىسقا ۋاقىت ئارام ئالغاندىن كېيىن، تورنىڭ راۋانلىقى ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى ساقلاش سۈرئىتىمۇ تېزلىشىدۇ ھەمدە روتېرنىڭ ئىشلىتىلىش ئۆمرىنى ئۇزارتىدۇ.

ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا، روتېرنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى ئالتە يىل بولىدۇ، لېكىن ئۆيدىكى روتېرنى ۋاقتىدا ئېتىۋېتىپ، پۈتۈن كۈن نورمىدىن ئارتۇق خىزمەت قىلمىسا، ئۇنداقتا ئۆمرىنىڭ يېرىمى قىسقىراپ كېتىشى مۇمكىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەلگىلىك رېمونت قىلىشقا تېگىشلىك كاشىلا مەسىلىسىمۇ مەۋجۇت، بۇ ئوخشاشلا بىر ئائىلىگە نىسبەتەن ئارتۇقچە چىقىم ھېسابلىنىدۇ.

بەزىلەر روتېرنى ئۇزۇن ۋاقىت ئوچۇق قويۇشمۇ ئۆز ئۆيىدىكى توكقا بەلگىلىك سەرپىيات ئېلىپ كېلىدۇ، دەپ قارايدۇ. بىراق، روتېر پۈتۈن كۈن خىزمەت قىلغان ھالەتتىمۇ، ئۇ ھاسىل قىلغان توك مىقدارى ئۆيدىكى باشقا بىر قىسىم تېلېۋىزور، ھاۋا تەڭشىگۈچ قاتارلىق يۇقىرى قۇۋۋەتلىك ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭكىدەك كۆپ بولماسلىقى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە روتېرنى تاللاشتا، بىز روتېرنىڭ ئىقتىدار-باھا نىسبىتىگە ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك، ئەرزان باھالىق روتېر ئۆيدىكى تورغا نىسبەتەن ئاسانلا بەلگىلىك كاشىلا پەيدا قىلىپلا قالماي، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سەرپىيات مىقدارىمۇ ئادەتتىن تاشقىرى چوڭ بولىدۇ.

تورغا چىقىش مەزگىلىدە، نۇرغۇن كىشىلەر قوشنىسىنىڭ تورنى ئوغۇرلۇقچە ئىشىلتىۋېلىشتىن قانداق ساقلىنىش مەسىلىسىگە دۇچ كېلىدۇ، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ئاددىي ئۇسۇلى ئۆزىنىڭ مەخپىي نومۇرىنىڭ مۇرەككەپلىك دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش ھەمدە تەسىس قىلىنغان مەخپىي نومۇرنى ئۆزىنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان يېرىگە چاپلاپ، ئۇنتۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش.

ئەڭ ئاخىرىدا، ئەگەر ئۆيدە تورغا چىقىش ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى شارائىت ھازىرلىماقچى بولسىڭىز، ئۇنداقتا ئۆزىڭىزنىڭ روتېرىغا يېتەرلىك ئارام ئېلىش ۋاقتى بېرىشنى ئۆگىنىۋېلىشىڭىز، ئىچكى زاپچاسلارنىڭ كونىراش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىپ، كاشىلىنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىنى تۆۋەنلىتىشىڭىز كېرەك.

روتېرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇش ئورنىدا روتېرنى ئۆينىڭ مەركىزىي ئېگىزلىكىگە قويۇپ، ئۇنىڭ سىگنال تارقىتىش ئارىلىقىنى كۈچەيتىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆيدىكى باشقا ئېلېكتىر سايمانلىرىدىن يىراق تۇرۇش، روتېرنىڭ ئانتېننىسىنى ياخشى قويۇش كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا ئۇنىڭ سىگنال سۈرئىتىنى ئاشۇرغىلى، ئۇنىڭ تېخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلىشىغا قولايلىق ياراتقىلى بولىدۇ.