تېسلا شىركىتىنىڭ CEOسى ئېلون ماسكنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر پۇل پاخاللىقى ئاستىلىسا تېسلا ئاپتوموبىللىرى باھانى تۆۋەنلىتىشى مۇمكىن ئىكەن.
ماسكنىڭ 100 مىليوندىن ئارتۇق مەستانىسى بار بولۇپ، ئۇنىڭ مەستانىلىرى خەت يېزىپ، تېسلانىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدىكى قىيىن ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن باھانى ئۆستۈرۈش پىلانى بار-يوقلۇقىنى سورىغان.
ماسك جاۋاب قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئەگەر پۇل پاخاللىقى ئاستىلىسا، بىز ئاپتوموبىل باھاسىنى تۆۋەنلىتەلەيمىز.
ئىگىلىشىچە، تېسلا ئۆتكەن بىر نەچچە ئايدا ئامېرىكا ۋە دۆلىتمىزدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ بازارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاپتوموبىل باھاسىنى كۆپ قېتىم ئۆستۈرگەن. ئاپتوموبىل ۋە باتارېيەگە ئىشلىتىلىدىغان ئاليۇمىن، لىتىي قاتارلىق خام ماتېرىياللارنىڭ تەننەرخى شىددەت بىلەن ئېشىپ كەتكەچكە نۇرغۇن ئاپتوموبىل كارخانىلىرى مەھسۇلاتنىڭ سېتىلىش باھاسىنى ئۆستۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى. خام ماتېرىيال باھاسىنىڭ ئۆسۈشى سېلىنمىنى كۆپەيتىۋېتىشى مۇمكىن ئىكەن. يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىلغا سېلىشتۇرغاندا توكلۇق ئاپتوموبىلنىڭ پايدا نىسبىتى تېخىمۇ كىچىك، چوڭ باتارېيە گۇرۇپپىسىنىڭ تەننەرخى يۇقىرى بولۇپ، ئاپتوموبىل ئومۇمىي تەننەرخىنىڭ ئۈچتىن بىرىگە يېتىدۇ.
سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىدىكى توكلۇق ئاپتوموبىللىرىنىڭ 5-ئايدىكى ئوتتۇرىچە باھاسى بىر يىل ئىلگىرىكىدىن %22 ئۆرلەپ، تەخمىنەن 54 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا ئەنئەنىۋى ئىچىدىن يانىدىغان دىۋىگاتېللىق ئاپتوموبىللارنىڭ ئوتتۇرىچە سېتىلىش باھاسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14 ئۆرلەپ، تەخمىنەن 44 مىڭ 400 ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن.