مېسسى ئەڭ قالتىسمۇ رونالدومۇ؟ بۇففون: بۇنىڭغا بىر نېمە دىيەلمەيمەن

爱酷艺
2022-07-16
来源:新浪

بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى بۇففوندىن مېسسى بىلەن رونالدونىڭ قايسىسىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكى توغرىسىدا سوئال سورالغاندا، بۇففون ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇففون مۇنداق دېدى:«مەن بۇ سوئالغا جاۋاب بېرەلمەيمەن، چۈنكى مەن مېسسى بىلەن سەپداش بولۇپ باقمىغان. چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن توپچىلارنىڭ ئىپادىسى مۇسابىقە مەيدانىدىلا ئەمەس، كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىدىمۇ ئىپادىلىنىدۇ. مەن نۇرغۇن رىۋايەتلىك چولپانلار بىلەن ھەمكارلىشىپ باققان، بىزنىڭ كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىمىز بەك ئاۋات. نۇرغۇن توپچىلارنىڭ كىشىلىك قەدىر-قىممىتى پۈتۈن كوماندىنى تېخىمۇ ياخشى يېتەكلىيەلەيدۇ، بەزى توپچىلار تارىختىكى ئەڭ كۈچلۈك توپچىغا ئايلانغاندا، پۇتبولنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشىڭىز كېرەك. بۇ توپچىلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى بىزنىڭ ئىپادىمىزنى تېخىمۇ ياخشى قىلالايدۇ. ھازىرقى توپچىلارنى پېلې، مارادونا ياكى كرۇيېف بىلەن سېلىشتۇرۇش ئادىل ئەمەس، توپچى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، ئەگەر سىز كەسپىي ساپاغا ئىگە بولسىڭىز، شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، ئەڭ كۈچلۈك توپچىنى تېپىش ناھايىتى تەس، بۇنى سېلىشتۇرۇش ناھايىتى تەس، بىز چوقۇم بەزى توپچىلارنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك، بولمىسا سىز راستتىنلا باشقا بىر ئۆلچەمدە تۇرۇپ بۇلارنى كۆزىتىشىڭىز كېرەك. ئەگەر مەندىن سورىسىڭىز، ئىتالىيەدىكى ئەڭ كۈچلۈك بەش سەپدىشىم دەل باگگىئو، توتتى، پىئېرو، پىرلو، كاسانو دېگەندەكلەرغۇ دەيمەن، گەرچە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزى توپچىلارنىڭ ھالىتى تۇراقلىق بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئىپادىسى يەنىلا ياخشى بولدى. ئىتالىيە سىرتىدىكى ئەڭ كۈچلۈك سەپداشلىرىم تۇرام، نېيمار، مىباپپې، رونالدو ۋە ئىبراھىموۋىچ دېگەندەكلەرنى دەيمەن. بۇ توپچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ھۇجۇمچى، چۈنكى ھۇجۇمچىلار ھەمىشە ئەڭ كۆزگە چېلىقىدۇ.»