جۇڭگو كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزى ئېلان قىلغان «ئېلىمىز كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ ھەپتىلىك دوكلاتى» دىكى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، دۆلىتىمىزدە جەمئىي 1 مىليون 53 مىڭ ئادەم ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان، جەمئىي 351 مىڭ ئادەم قازا قىلغان!
دۆلىتىمىزدە، گەرچە ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئومۇمىي يۇقۇم ئەھۋالى داۋاملىق تۆۋەن تارقىلىش سەۋىيەسىدە تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا دوكلات قىلىنغان ئۆلۈش نىسبىتى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان يۇقۇملۇق كېسەل تۈرى ھېسابلىنىدۇ.
HIV ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، ئادەتتە ئۈچ باسقۇچنى باشتىن كەچۈرىدۇ :
جىددىي خاراكتېرلىك مەزگىلى
تۇنجى يۇقۇملانغاندىن كېيىنكى 2-4 ھەپتە ئىچىدە، بىمار ئىككىنچى قېتىم جىددىي خاراكتېرلىك مەزگىلگە كىرىدۇ، كېسەللىك ئالامىتى بىر قەدەر يېنىك بولۇپ، ئاساسلىق ئىپادىسى كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش، يۇتقۇنچاق ئاغرىش، باش ئاغرىش، ئوغرى تەر قاتارلىقلار. 1-3 ھەپتە داۋاملاشتۇرغاندىن كېيىن ئۆزلۈكىدىن يېنىكلەيدۇ، ئاسانلا سەل قارىلىدۇ.
ئالامەتسىز مەزگىلى
شۇنىڭدىن كېيىن بىمار كېسەللىك ئالامىتى بولمىغان مەزگىلگە كىرىدۇ ھەمدە 6-8 ھەپتە ئەتراپىدا داۋاملىشىدۇ. ئالامەتسىز مەزگىلدە، HIV ۋىرۇسى ئۈزلۈكسىز نۇسخىلىنىپ، ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى زەخىملەندۈرۈپ، لىمفا تۈگۈنى ئىششىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، لېكىن يەنىلا روشەن بولمايدۇ، يەنە سەل قارىلىشى مۇمكىن.
ئەيدىز كېسىلى مەزگىلى
ئەڭ ئاخىرىدا بىمار ئەيدىز كېسىلى مەزگىلىگە كىرىدۇ، HIV قان پىلازمىسى ۋىرۇسىنىڭ مىقدارى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، HIV غا مۇناسىۋەتلىك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە سەۋەبى ئېنىق بولمىغان سىجىل قىزىش، ئىچى سۈرۈش، بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەش، ئېغىز بوشلۇقى ئاق دېغى پەيدا بولۇش، قاپارتما ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش ياكى بەلباغسىمان قاپارتما ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش، باش ئاغرىش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش قاتارلىقلار بار.
بۇ نورمالسىزلىقلارنىڭ كۆرۈلۈشى تېرە كېسىلى بولۇشى ناتايىن، ئەيدىز كېسىلىدىن ھوشيار بولۇش كېرەك
بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، جىددىي خاراكتېرلىك مەزگىلدىن بۇرۇن ئەيدىز كېسىلىدە روشەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، دەسلەپكى مەزگىلدە قىسمەن تېرىدە نورمالسىزلىق كۆرۈلۈشى مۇمكىن، شۇنداقلا ئاسانلا تېرە كېسىلى دەپ قارىلىپ، نەزەردىن ساقىت قىلىنىدۇ.
1. تېرە چىرىپ كېتىش
ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەپ، ئاسانلا بەلباغسىمان قاپارتمىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بەلباغسىمان قاپارتما قاننىڭ ئېقىشىغا ئەگىشىپ بەدەننىڭ باشقا قىسىملىرىغا يېتىپ بېرىپ، تېرىنىڭ كەڭ كۆلەمدە سېسىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2. قىچىشقاق ئەسۋىسى پەيدا بولۇش
قىچىشقاق ئەسۋىسى يەنى بىر قەدەر قاتتىق بولغان شامالسىمان تۈگۈنچە ياكى دۆڭچە ئەسۋە تېرىگە بىر-بىرلەپ تارقىلىدىغان بولۇپ، سىرتقى يۈزى قىزىل رەڭدە بولىدۇ، قىچىشىش ئالامەتلىرى قوشۇلۇپ، تاتىلاپ بولغاندىن كېيىن سىرتقى يۈزىدىكى قاقاچ چۈشۈپ، رەڭگى قېنىقلىشىدۇ.
3. تېرە قۇرغاقلىشىش، قىچىشىش
تېرىدە بىنورمال قۇرغاقلىشىش، قىچىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، ئېغىر بولغاندا قۇرغاق ھۆل تەمرەتكە پەيدا بولۇپ، تېرىدە بېلىق قاسرىقىدەك ئۇششاق يېرىقلار پەيدا بولىدۇ.
بولۇپمۇ تۆۋەندىكى تارقىلىشچان كېسەللىكلەر تارىخى بارلار، مەسىلەن، پاكىز بولمىغان جىنسىي مۇناسىۋەت تارىخى بارلار، پاكىز بولمىغان قان سېلىش تارىخى بارلار، ۋېنا تومۇرىدا زەھەر چېكىش تارىخى بارلار، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار بىلەن شىللىق پەردە ياكى يارا ئېغىزى بار قان ياكى بەدەن سۇيۇقلۇقى بىلەن ئۇچرىشىش تارىخى بارلار قاتارلىقلار. ئەگەر ئۇنداق بولمىسا، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ قېلىشتىن ئالاھىدە ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق.
توردىن ئەيدىز ۋىرۇسىنى تەكشۈرۈش سىناق قەغىزى سېتىۋېلىپ ئۆزىنى تەكشۈرۈش ئىشەنچىلىكمۇ؟
بىر قىسىم كىشىلەر توپى يۇقىرى خەتەردىكى ھەرىكەتتىن كېيىن، ياكى ئەيدىزدىن قورقىدىغان بىر قىسىم كىشىلەر توپى HIV ۋىرۇسىنى تەكشۈرمەكچى بولسا، توردىن HIV سىناق قەغىزى سېتىۋېلىپ تەكشۈرتىدۇ، بۇ ئىشەنچىلىكمۇ؟
نۆۋەتتە، سىناق قەغىزىدىن پايدىلىنىپ ئۆز-ئۆزىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرگىلى بولىدۇ، مەشغۇلات ئاددىي ھەم قولايلىق بولۇپ، نۇرغۇن ئاۋارىچىلىقلارنى ئازايتقىلى بولىدۇ، لېكىن چوقۇم مۇنتىزىم سىناق قەغىزىنى تاللاش كېرەك.
مۇنتىزىم سىناق قەغىزىدە دۆلەت يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى تەكشۈرەلەيدىغان ئىشلەپچىقىرىش تەستىق نومۇرى بار بولۇپ، توغرىلىق دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى، ئاساسىي جەھەتتىن %95 تىن يۇقىرى بولىدۇ. لېكىن شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، سىناق قەغىزىنىڭ رولى پەقەت دەسلەپكى تەكشۈرۈش بولۇپ، دىياگنوز قويۇشنىڭ ئاساسى قىلىشقا بولمايدۇ.
يەنە بىر نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك، سىناق قەغىزىنىڭ بەلگىلىك ئىشلىتىش ۋاقتى بولىدۇ، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ كۆزنەك مەزگىلىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، يەنى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن تارتىپ ئادەم بەدىنىدە تەكشۈرۈپ چىققىلى بولىدىغان ئانتىتېلا پەيدا بولغانغا قەدەر، ئاندىن ئىشلىتىش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
ئادەتتە كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ كۆزنەك مەزگىلى 2-6 ھەپتە بولىدۇ، شۇڭا كۆزنەك مەزگىلىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن سىناق قەغىزى ئىشلىتىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
ئەگەر يۇقىرى خەتەرلىك قىلمىش يۈز بېرىپ 3 ئايدىن ئېشىپ كەتسىمۇ تەكشۈرۈشتە مۇسبەت چىقمىسا، بۇ يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقىنىڭ ئىنتايىن تۆۋەن ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ، لېكىن نۆلمۇ ئەمەس، ئەڭ ياخشىسى مۇنتىزىم دوختۇرخانىلارغا بېرىپ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرتۈش كېرەك.
ئەمەلىيەتتە، ئەيدىز كېسىلىدىمۇ «پۇشايماننى ئالىدىغان دورا» بار، بولۇپمۇ يۇقىرى خەتەرلىك قىلمىش سادىر قىلغان كىشىلەر توپىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، مەسىلەن، ئەر ھەمجىنىسلار جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەنلەر، زەھەرنى ۋېناغا ئوكۇل قىلىپ ئۇرغانلار، ئەيدىز بىمارلىرى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەنلەر، كۆپ جىنسىي ھەمراھى بارلار، جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقۇملانغانلار (STI) قاتارلىقلار.
خەتەرلىك قىلمىش يۈز بەرگەندىن كېيىن، 24 سائەتتىن 72 سائەتكىچە بولغان ئارلىقتا توسۇش دورىسى ئىچسە بولىدۇ، توسۇش نىسبىتى %80 تىن يۇقىرى بولىدۇ. دىققەت، توسقۇچى دورىلارنى ۋاقتىدا، ئېھتىياجغا قاراپ، مىقدارىغا قاراپ ئىچكەندىلا، ئاندىن ئەڭ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
ئەمەلىيەتتە ئەيدىز كېسىلى ساقايماس كېسەلگە باراۋەر ئەمەس.
داۋالاش سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، ئەيدىز كېسىلى ئەمدى جانغا زامىن بولماستىن، بەلكى ئالدىنى ئالغىلى ۋە كونترول قىلغىلى بولىدىغان ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىك بولۇپ قالدى. ئاكتىپ داۋالىنىپ، دورا ئىشلىتىشنى قېلىپلاشتۇرغاندىلا، ۋىرۇسنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىگىلى بولىدۇ، مۆلچەردىكى ئۆمۈرنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان نورمال سەۋىيەگە يېتىشىمۇ مەسىلە ئەمەس.
ئەيدىز كېسىلى قورقۇنچلۇق ئەمەس، قورقۇنچلۇقى بىزنىڭ بىلىمسىزلىكىمىز ۋە بىپەرۋالىقىمىز. ھازىر تېخىمۇ كۆپ ياش-ئۆسمۈرلەر ۋە ياشانغانلار ئەيدىز كېسىلىدىن يۇقۇملانماقتا. شۇڭا، مەيلى كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئالدىنى ئېلىشنى بىلىشى، شۇنداقلا خەتەرلىك قىلمىش يۈز بەرگەندىن كېيىن قانداق قۇتقۇزۇشنى بىلىشى، يۇقۇملىنىش خەۋپىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈشى كېرەك.