بالا ئالدۇرسا قاراپلا بىلگىلى بولامدۇ؟

ئەقىدە
2022-07-15
来源:سالۇن

ھازىر ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت بارغانسېرى ئېچىلىپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن ياشلار قىزغىن مۇھەببەتلىشىۋاتقان مەزگىلدە ئەر-خوتۇنلاردا بولۇشقا تېگىشلىك «جىنسىي» تۇرمۇشىغا ئېرىشتى، بۇ چاغدا تاسادىپىي ھامىلىدار بولۇپ قېلىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ-دە، دېمەك ھامىلە چۈشۈرۈشمۇ تەبىئىي ھالدا يۈز بېرىدۇ. بالا چۈشۈرۈپ باققانلارنىڭ ھەممىسى بۇنىڭدىن كېيىن ھامىلىدار بولغاندا، بالا چۈشۈرگەن ئىشىنىڭ تەكشۈرۈپ ئاشكارىلىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ.

بەلكىم نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بالا ئالدۇرۇپ، بالا چۈشۈرۈش تەجرىبىسى بارلارنى دوختۇرلارمۇ كۆرۈپ بىلەلەمدۇ دەپ سورىغۇسى بار بولۇشى مۇمكىن!

ئالدى بىلەن كۆپچىلىككە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، دوختۇرنىڭ ھامىلە چۈشۈرۈش تارىخىنى كۆرۈش-كۆرەلمەسلىكى ئەھۋالغا قاراپ بەلگىلىنىدۇ.

1. ئوپېراتسىيە قىلىش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى

كونىلاردا: ۋاقىت ھەممىگە گۇۋاھ بولالايدۇ، دەيدىغان گەپ بار. ئاياللارغا نىسبەتەن ھامىلە چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغاندىن كېيىن، قانچىلىك بولسا بالىياتقۇغا بەلگىلىك زىيان يەتكۈزىدۇ، بولۇپمۇ بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىگە زىيان يەتكۈزۈپ، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ ئاجىز بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر ئوپېراتسىيە ۋاقتى بىر قەدەر قىسقا بولسا، تەكشۈرۈلۈپ چىقىشى مۇمكىن.

لېكىن ئەگەر ھامىلە چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيەسىنىڭ ۋاقتى بىر قەدەر ئۇزۇن بولسا، مەسىلەن، بىر-ئىككى يىلدىن ئېشىپ كەتسە، بالىياتقۇنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ناھايىتى ياخشى بولسا، ئادەتتىكى ئەھۋالدا دوختۇرمۇ كۆرۈپ بىلەلمەيدۇ.

2. ئوخشاش بىر دوختۇرخانىدا تەكشۈرۈش

ھازىر ئالاقە تورى دەۋرى، دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈشتىمۇ ھەقىقىي ئىسىم تۈزۈمى قوللىنىلىدۇ. ئەگەر سىز بۇ دوختۇرخانىدا ھامىلە چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا بۇ دوختۇرخانىدا كېسەللىك تارىخى قالدۇرغان بولىسىز.

ئەگەر سىز كېلەر قېتىم تەكشۈرتكەندە يەنىلا ئوخشاش بىر دوختۇرخانىدا بولۇشنى تاللىغان بولسىڭىز، مۇناسىۋەتلىك دىياگنوز خاتىرىڭىزنى كۆرسىلا ھامىلە چۈشۈرگەنلىكىڭىزنى بىلەلەيدۇ.

3. قانداق ئۇسۇلدا ھامىلە چۈشۈرۈش

ھامىلە چۈشۈرۈش مېدىتسىنادا ھامىلىدارلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇش دەپ ئاتىلىدۇ، بۇنىڭدىكى مەقسەت تۆرەلمە ياكى ھامىلىنى بالىياتقۇدا داۋاملىق ئۆسۈپ يېتىلەلمەيدىغان قىلىپ، ئانا تېنىدىن چىقىرىپ تاشلاشتىن ئىبارەت.

ئادەتتە بالا چۈشۈرۈشنىڭ ئۈچ خىل ئۇسۇلى بار :

قىسقۇچ بىلەن قىرىش، سۈمۈرۈش: مەيلى بۇ ئىككىسىدىن قايسىسىنى ئىشلەتسۇن، ئاياللارنىڭ بالىياتقۇ بوينى سىرتقى كۈچنىڭ تەسىرىدە بەلگىلىك دەرىجىدە ئېچىلىدۇ، بۇنداق بولغاندا ئاياللارنىڭ بالىياتقۇسىغا بىر قەدەر ئېغىر زەخىملىنىش تەسىرى پەيدا بولىدۇ، دوختۇر بۇ جەھەتتىكى تەكشۈرۈشنى قىلغاندا بۇنى بىلەلەيدۇ.

دورا ئارقىلىق ھامىلە چۈشۈرۈش: ئەگەر دورا يېيىشتىن ئىبارەت بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ھامىلە چۈشۈرۈش تاماملانسا، ئۇنداقتا دوختۇر بالا چۈشۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ تەجرىبىنىڭ بار-يوقلۇقىنى بىلىش قىيىنلىق دەرىجىسى يەنىلا بىر قەدەر چوڭ بولىدۇ.

سۈنئىي ئۇسۇلدا تۇغدۇرۇش: ھامىلە بىر قەدەر چوڭ بولغاندا سۈنئىي ئۇسۇلدا تۇغدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا ھامىلە ئاللىقاچان ناھايىتى چوڭ بولۇپ كەتكەن بولغاچقا، تۇغۇتقا ئاز قالغاندا بالىياتقۇ ئېغىزىنى ئېچىپ، ئاياللارنىڭ بەدىنىدە ئاسانلا بەزى ئىزلارنى قالدۇرۇپ قويۇشقا توغرا كېلىدۇ، بۇ دوختۇرلارنىڭ نەزىرىدە بىر قەدەر روشەن ئۆزگىرىش ھېسابلىنىدۇ.

ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئوپېراتسىيەنىڭ ئاياللارنىڭ بەدىنىگە بولغان زىيىنى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ، ئەگەر سىز تۇنجى قېتىم ھامىلىدار بولغانلىقىڭىزنى بىلسىڭىز، بالدۇرراق قارار چىقىرىشىڭىز كېرەك.

ئالدى بىلەن ئەڭ مۇھىمى، سىزنىڭ ھامىلە چۈشۈرۈش تارىخىڭىزنىڭ ئىنتايىن مۇھىم تەسىرى بولۇشى مۇمكىن، كېيىن پەيدا بولغان تەسىرلەرنى دوختۇرلارمۇ ئويلىشىپ، سىزگە بەزى ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى بېرىشى مۇمكىن.

چۈنكى مەيلى بۇرۇن ھامىلە چۈشۈرسۇن ياكى نورمال تۇغسۇن، ئاياللارنىڭ بالىياتقۇسىدا مەلۇم دەرىجىدە ئۆزگىرىش بولىدۇ. بۇ ئۇچۇرلار يەنە بىر قېتىم تۇغۇشقا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم ئۇچۇر، بولۇپمۇ ئىككى قېتىمدىن ئېشىپ كەتسە، دوختۇر تەرىپىدىن يۇقىرى خەتەرلىك ئامىل دەپ بېكىتىلىدۇ.

پەقەت دوختۇر بەدەن ئەھۋالىنى تەپسىلىي چۈشەنگەندىلا، ئاندىن سىزنىڭ ھازىرقى ھامىلىدارلىق ئەھۋالىڭىزنى توغرا، ئوبيېكتىپ باھالىيالايدۇ، مانا بۇ ئۆزىنى قوغداشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى.