پاراۋانلىق لاتارىيەسى ئەسەر توپلاش ئۇقتۇرۇشى ئېلان قىلىندى

ئەلكۈيى تورى
2022-07-04
来源:ئەلكۈيى تورى

1987-يىلى قۇرۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە، جۇڭگو پاراۋانلىق لاتارىيەسى باشتىن-ئاخىر «ياشانغانلارنى يۆلەش، مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش، يېتىملارنى قۇتقۇزۇش، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش» تارقىتىش ئاساسىي مەقسىتىگە ئەمەل قىلىپ، پائال مەبلەغ توپلاپ، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تىرىشىپ تۆھپە قوشتى. ھەر دەرىجىلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى كۆپچىلىك پاراۋانلىقى فوندى ياشانغانلار پاراۋانلىق تۈرى، مېيىپلار پاراۋانلىق تۈرى، بالىلار پاراۋانلىق تۈرى، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق تۈرى قاتارلىقلارغا كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىپ، نەچچە يۈز مىليون ئادەم نەپكە ئېرىشتى.

پاراۋانلىق لاتارىيەسى تارقىتىلغىنىغا 35 يىل بولغان پەيتتە، « جۇڭگو جەمئىيەت گېزىتى» بىلەن جۇڭگو پاراۋانلىق لاتارىيەسى تارقىتىشنى باشقۇرۇش مەركىزى بىرلىكتە« 35 يىلنى قول تۇتۇشۇپ، بىز بىرلىكتە مېڭىپ كەلدۇق»، جۇڭگو پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ 35 يىللىقىنى خاتىرىلەش باش تېمىسىدىكى قىسقا سىن ئەسەر توپلاش ئۇقتۇرۇشىنى ئېلان قىلدى.

1. ئەسەر توپلاش ۋاقتى

بۈگۈندىن باشلاپ 2022-يىلى 7-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە.

2. توپلاش ئوبيېكتى

پاراۋانلىق لاتارىيەسى كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار، بىرىنچى سەپتىكى سېتىش خادىملىرى، پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكۈچىلەر، لاتارىيە سېتىۋالغۇچىلار، جەمئىيەتتىكى مېھرىبان زاتلار قاتارلىقلار.

3. ئەسەر قوبۇل قىلىش تەلىپى

پاراۋانلىق لاتارىيەسى ئىشلىرىنىڭ 35 يىلدىن بۇيانقى تەرەققىيات ئۆزگىرىشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، سۈرەت ۋە قىسقا سىن شەكلى ئارقىلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى بىلەن قول تۇتۇشۇپ كەلگەن ھايات مۇساپە ۋە ئۇنتۇلغۇسىز دەقىقىلەر خاتىرىلگەن بۇلىشى كېرەك.

4. ئەسەر تەلىپى

1. توغرا يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي مېلودىيەنى ياڭرىتىپ، ئاكتىپ كۈچ تارقىتىلغان بۇلىشى كېرەك، ئەسەرنىڭ باشقا كىشىلەرنىڭ ئەسەر ھوقۇقى، سۈرەت ھوقۇقى، نام-شۆھرەت ھوقۇقى، شەخسىي ھوقۇقى قاتارلىق قانۇنىي ھوقۇقەنپەئىتىگە دەخلىەرۇز قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

2. يازما ئەسەرنىڭ ئۆزىگە ماۋزۇ قويۇش، باش تېمىسى گەۋدىلىك، جۈملىلىرى راۋان، چىن بولۇش، ھەجىمى 2000 خەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك، رەسىملىك ئەسەرنىڭ ئۆزىگە ئىسىم قويۇش ھەمدە قوشۇمچە يازما تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق چۈشەندۈرۈش، JPG شەكلىدە ئەسەر ئەۋەتىش، 1MB دىن كىچىك بولماسلىق تەلەپ قىلىنىدۇ، قىسقا سىن ئەسەرنىڭ شەكلى MP4، MOV تەلەپ قىلىنىدۇ، پەرق ئېتىشچانلىقى 1080P دىن تۆۋەن بولماسلىقى، ئوخشاش قەرەللىك ئاۋاز بەرسىمۇ بولىدۇ، ۋاقتى ئادەتتە ئۈچ مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

5. ئەسەر ئىشلىتىش

1. توپلانغان يازما ئەسەرلەر، سۈرەتلىك ئەسەرلەرنىڭ ياخشىلىرى« جۇڭگو جەمئىيەت گېزىتى» ، پاراۋانلىق لاتارىيەسى ئورگان تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنىدۇ.

2. توپلانغان قىسقا سىن ئەسەرلىرىنىڭ ياخشىلىرى« جۇڭگو جەمئىيەت گېزىتى» ئۈندىدار سالونى، « جۇڭگو جەمئىيەت گېزىتى» شۆشى چىياڭگو نومۇرى ، پاراۋانلىق لاتارىيەسى ئورگان دوۋيىن نومۇرى قاتارلىقلاردا ئېلان قىلىدۇ، ھەمدە « جۇڭگو جەمئىيەت گېزىتى» ۋە ئۈندىدار سالونىدا تاللىنىپ، سىن ئۇلانمىلىرى ئېلان قىلىنىدۇ.

3. ئېلان قىلىنغان بارلىق ئەسەرلەر ئاپتورىغا قەلەم ھەققى بېرىلىدۇ.

6. ئەسەر ئەۋەتىش ئۇسۇلى

1. ئەسەر يوللاش ئىلخەت ساندۇق نومۇرى : 414225998@qq.com ، ئالاقىلىشىش تېلېفونى : 010-66063178 ، ئەسەرگە « 35 يىلنى قول تۇتۇشۇپ بىرلىكە ئۆتكۈزدۇق» دېگەن ئەسكەرتىش بېرىلىشى كېرەك.

2. ئەسەر ئەۋەتكەندە ئاپتورنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، خىزمەت ئورنى، ئالاقىلىشىش ئادرېسى، پوچتا نومۇرى، كىملىك نومۇرى، بانكا ھېسابات نومۇرى، ئالاقىلىشىش تېلېفونى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى بىرگە   ئەۋەتىشى كېرەك.


جۇڭگو پاراۋانلىق لاتارىيەسى تارقىتىشنى باشقۇرۇش مەركىزى

جۇڭگو ئىجتىمائىي گېزىتخانىسى

2022 ـ يىلى 6 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى