تارباغاتاي پاراۋانلىق لاتارىيەسى مېھرى ـ شەپقەت يەتكۈزپ، بالىلارنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى

ئەلكۈيى تورى
2022-06-24
来源:ئەلكۈيى تورى

تارباغاتاي پاراۋانلىق لاتارىيەسى «كىچىك قول بىلەن چوڭ قول تۇتۇشۇپ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش» مېھىر ـ شەپقەت سومكىسى ئىئانە قىلىش كۆپچىلىك پاراۋانلىقى پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى

يېقىندا، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئۇيۇشتۇرغان، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى تارقىتىش مەركىزى ھەر قايسى ناھىيە، شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىلىرى، مائارىپ ـ پەن ئىدارىلىرى بىلەن بىرلىشىپ ئۈستىگە ئالغان 2 ـ نۆۋەتلىك «كىچىك قول بىلەن چوڭ قول تۇتۇشۇپ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش» مېھىر ـ شەپقەت سومكىسى ئىئانە قىلىش كۆپچىلىك پاراۋانلىقى پائالىيىتى رەسمىي باشلاندى. بۇ پائالىيەتتە 70 مىڭ يۈەن پاراۋانلىق فوندى ئىشلىتىلىپ، تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى تۆت ناھىيە، ئۈچ شەھەردىكى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار، تىرىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان 350 بالىغا ئوقۇش بۇيۇملىرى قاچىلانغان مېھىر ـ شەپقەت سومكىسى سوۋغا قىلىندى.

تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزى «ياشانغانلارنى يۆلەش، مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش، يېتىم ـ يېسىرلارنى قۇتقۇزۇش، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش» تارقىتىش ئاساسىي مەقسىتىگە ئاساسەن، خەلققە ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆسمۈر ـ بالىلارنىڭ ئۆگىنىشى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشىگە، بولۇپمۇ قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەردىكى بالىلارغا كۆڭۈل بۆلدى ۋە غەمخورلۇق قىلدى. پائالىيەت نەق مەيدانىدا، پاراۋانلىق لاتارىيەسى ۋەكىللىرى نامرات ئوقۇغۇچىلارغا سومكا، ئوقۇش قوراللىرى قاتارلىق ئۆگىنىش بۇيۇملىرىنى سوۋغا قىلدى ھەم ئۇلارنى بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۆگىنىش، تۇرمۇشتا تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، جاسارەت بىلەن تىرىشىشقا ئىلھاملاندۇردى.

«پارتىيە ۋە دۆلەتكە رەھمەت، خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى ۋە مائارىپ ئىدارىسىدىكى تاغا ـ ھەدىلەرگە رەھمەت، پاراۋانلىق لاتارىيەسىدىكى تاغا ـ ھەدىلەرگە رەھمەت، سىلەر ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكىلەرنىڭ مېھىر ـ مۇھەببىتىڭلار بىزگە قىيىنچىلىق ئۈستىدىن غالىب كېلىش جاسارىتىنى ئاتا قىلدى، شۇنداقلا بىزنىڭ ئۆگىنىش، تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنچىمىزنى چىڭىتتى، بىز بۇنىڭدىن تەسىرلىنىپ، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى ئۆگىنىپ، كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپ كىشىگە ياردەم بېرىپ، مېھىر ـ مۇھەببىتىمىزنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرىمىز-ساۋەن شەھىرى جىنگۇ خېشىن مەكتىپى قىزىل يۇلتۇز شۆبە مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ما خۇيلىڭنىڭ سۆزى نۇرغۇن ياردەمگە ئېرىشكەن بالىلارنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئىپادىلىدى.

بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتناشقان پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ خىزمەتچى خادىمى يۈ چياڭ ھاياجانلانغان ھالداكىچىككىنە بىر سومكىغا پاراۋانلىق لاتارىيەسىدىكىلەرنىڭ بالىلارغا بولغان غەمخورلۇقى ۋە تىلىكى سىڭگەن، بالىلارنىڭ تېخىمۇ ئىشەنچكە تولۇپ، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، ساغلام، خۇشال ـ خۇرام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تىلەكداشمەن-دېدى.

قوبۇقسار ناھىيەسىنىڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسى باشقۇرغۇچىسى سۇڭ جۈن زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى:«پاراۋانلىق لاتارىيەسى ئىگىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ياردەمگە ئېرىشكەن كىچىك دوستلارغا مېھىر ـ شەپقەت يەتكۈزۈش سوۋغىسى ئەۋەتىپ، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ كۆپچىلىك پاراۋانلىقى ئىشلىرى ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن، مەن چىن كۆڭلۈمدىن خۇشال بولدۇم!»-دېدى.

بۇ قېتىمقى ئىللىقلىق يەتكۈزۈش ئوقۇشقا ياردەم بېرىش پائالىيىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشى بىلەن، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ ھەر قايسى ناھىيە، شەھەرلىرىدىكى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار بالىلارغا غەمخورلۇق ۋە ئىللىقلىق يەتكۈزلۈپ، ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش يولىغا بىر كىشىلىك كۈچ ۋە خۇشاللىق قوشۇلدى، شۇنداقلا پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ كۆپچىلىك پاراۋانلىقى ئىدىيەسىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى، تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى ھەر قايسى ناھىيەەھەر) لىك پارتكوم، ھۆكۈمەت ۋە مەكتەپلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشى ۋە ماختىشىغا ئېرىشتى، چاغانتوقاي ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى خۇ جىگو مۇنداق دېدى: ئون يىلدا كۆچەت يېتىشتۈرىمىز، يۈز يىل ئادەم تەربىيەلەيمىز، نامرات ئوقۇغۇچىلارنىڭ مائارىپى مېھرى – شەپقەت يەتكۈزۈش كوللېكتىپىدىن ، ۋە مېھرىبان زاتلارنىڭ ياردىمىدىن ئايرىلالمايدۇ، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىنى «ئەتىرگۈل» دەپ ئاتاشقا بولىدۇ، سىلەرگە رەھمەت!

تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ چياۋرۇڭ مۇنداق دېدى: «ياشانغانلارنى يۆلەش، مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش، يېتىملارنى قۇتقۇزۇش، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش» پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ باشتىن ـ ئاخىر يولغا قويۇلغان تارقىتىش ئاساسىي مەقسىتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزى ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى پائال ئادا قىلىپ، نامرات ئائىلىلەر ۋە ئۆيدە قالغان بالىلارغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى ئوقۇشقا ياردەم بېرىش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەردىكى مۇنەۋۋەر نامرات ئوقۇغۇچىلارغا بەخت ئېلىپ كەلدى ۋە غەمخورلۇق قىلدى. نامرات ئائىلىلەردىكى بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە مۇناسىۋەتلىك، ئائىلىنىڭ بەختى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقىغا مۇناسىۋەتلىك. تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزى پۈتۈن ۋىلايەتتىكى لاتارىيە خىزمەتچىلىرىنى يېتەكلەپ، لاتارىيە سېتىش خىزمىتىنى پائال ياخشى ئىشلەپ، تېخىمۇ كۆپ لاتارىيە كۆپچىلىك پاراۋانلىقى فوندى توپلاپ، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋە كۆپچىلىك پاراۋانلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.

(تارباغاتاي ۋىلايىتى   جاڭ جيەنگو)