ماي ئېيى بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ رومانتىك ئاي بولۇپ، 6-ئايدىكىدەك تومۇز ئىسسىق بولمايدۇ، 4-ئايغا قارىغاندا گۈللەر ئېچلىپ گۈزەللىككە تولغان بۇلىدۇ. گۇچۇڭ ناھىيەسىدىكى سەيمىن ما ئەپەندى (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) دەل رومانتىك ماي ئېيىدا كاتتا تەلەينى كۈتىۋالدى.
5 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى سەھەردە، ما ئەپەندى يېڭى توي قىلغان خوتۇنىنى ئېلىپ گۇچۇڭ ناھىيەسىدىكى 65230150 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كەلدى، چۈنكى شۇ كۈنى «يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت» بازارغا سېلىنغان تۇنجى كۈن ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە لاتارىيەچىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇش پائالىيىتىمۇ ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىدى، ئۇ ئىككىسى نۇرغۇن لاتارىيەچىلەر بىلەن ئوخشاش، بۇ كۈنى پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ خۇشاللىق ۋە قاينام ـ تاشقىنلىققا چۆممەكچى بولدى. ئىگىلىنىشىچە، ما ئەپەندى 90-يىللاردا تۇغۇلغان شۇنداقلا ئەمدىلا توي قىلغان « يىگىت» ئىكەن، ئۇ ئايالى بىلەن كۆپ يىل مۇھەببەتلەشكەن، يېقىندا ئۇلار توي قىلىپ ئۆزىگە تەۋە بولغان كىچىك ئائىلىسىنى قۇرغان. بۇ بىر جۈپلەر پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدا «يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت» تىن ھۇزۇرلىنىپ، ئون پارچە لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ، خۇشال ـ خۇرام ھالدا قىرىشقا باشلىدى. بىر دەمدىن كېيىن، بىر پارچە لاتارىيە بېلىتىدىن «ماشىنا» بەلگىسى چىقتى، ما ئەپەندى خۇشال ھالدا:« ماشىنا مۇكاپاتى چىقىپتۇ! بىزگە ئاۋدى ماركىلىق ماشىنا مۇكاپات چىقىپتۇ!»-ئۇ شۇنداق دېگىنىچە يېنىدىكى ئايالىنى قۇچاقلىدى.
مال ساتقۇچى لاتارىيە بېلىتىنى ئېلىپ سېلىشتۇرسا، ھەقىقەتەن ماشىنا مۇكاپاتى چىققانلىقىنى جەزىملەشتۈردى ۋە دەرھال ئەر ـ خوتۇن ئىككىسىنى مۇبارەكلەپ: «مۇبارەك بولسۇن! بۈگۈن ھەقىقەتەن ياخشى كۈن بولدى! بۇ لاتارىيە بىلىتى بۈگۈن بازارغا سېلىنىشى بىلەنلا، سىلەرگە ماشىنا مۇكاپاتى چىقىپتۇ. شېرىن ئايدا ماشىنا مۇكاپاتىغا ئېرىشىپسىلەر، ھەقىقەتەن خۇشاللىق ئۈسىتىگە خۇشاللىق بوپتۇ، مۇبارەك بولسۇن!»-دېدى.
(سانجى سۈن زۇڭرېن)