ئاپىسىغا ھەمراھ بولۇپ سەيلە قىلغان لاتارىيەچى شياۋليۇغا كاتتا مۇكاپات چىقتى

ئەلكۈيى تورى
2022-06-06
来源:ئەلكۈيى تورى

« بەك ھەيران قالارلىق ئىش بولدى! ئاپامغا ھەمراھ بولۇپ سەيلە قىلىپ، بىر پارچە «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئويۇنى لاتارىيە بىلىتى سېتىۋېلىپ، ئويلىمىغان يەردىن 250000 يۈەن مۇكاپات چىقتى!»- دېدى 5- ئاينىڭ 24- كۈنى، ياش قىز شياۋليۇۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ئاپىسىنىڭ ھەمراھلىقىدا سانجى فۇسەي مەركىزىدە مۇكاپات ئالغاندا.

ئىگىلىنىشىچە، 5-ئاينىڭ 23-كۈنى شياۋليۇ ئاپىسى بىلەن سانجى جۇڭسەن يولى خۇيجيا سودا سارىيىدا تاماق يىگەن بۇلۇپ، تاماقتىن كېيىن ئاپىسى: يېقىندىن بۇيان ھاۋا ياخشى، بىللە سەيلە قىلىپ كېلەيلى، دەپ تەكلىپ بەرگەن، شياۋليۇ دەرھال ئاپىسىنىڭ تەكلىپىگە قوشۇلدى. ئانا ـ بالا ئىككىيلەن تيەنخې توي ـ مۇھەببەت مەيدانىنى ئايلانغاندا، بىر يايما ئورنىنىڭ ئەتراپى ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ كەتكەنلىكىنى، كىشىلەر بىلەن لىق تولغانلىقىنى كۆردى، يەنە پات ـ پات ئالقىش سادالىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. قىزىقىشنىڭ تۈرتكىسىدە، شياۋليۇمۇ يېقىن بېرىپ، كىشىلەر توپىغا قىستىلىپ كىرىپ، كۆپچىلىكنىڭ بىر لاتارىيەچىنىڭ «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئويۇنى ئويناۋاتقانلىقىنى كۆردى، بۇ لاتارىيەچىگە پات ـ پات مۇكاپات چىقاتتى، كۆپچىلىكمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئالقىش ياڭراتقانىدى. بۇ چاغدا شياۋليۇمۇ تۇيۇقسىز بىر غەلىتە خىيالنى قىلىپ، تەلىيىنى سىناپ باقماقچى بولدى، ئۇ مۇنداقلا 10 يۈەنلىك « 66 شۈن 88 پا» لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ، لاتارىيە بىلىتى قىرىشى بىلەنلا، تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ كاتتا مۇكاپات چىقتى، بېلەت يۈزىدە مۇكاپات بەلگىسى « 66» ، ئاستى تەرىپىدە مۇكاپات سوممىسى « 250000 يۈەن» دەپ كۆرۈنۈپ تۇراتتى. شياۋليۇ ئۆزىنىڭ كۆزىگە ئىشەنمەي، دەرھال ئاپىسىنى چاقىرىپ قايتا-قايتا جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن، چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەن.

مۇكاپات پۇلىنى ئالغاندىن كېيىن، شياۋليۇ ھاياجانلانغان ھالد:« تەلىيىمنىڭ بۇنچە ياخشى ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن! "قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش" ئويۇنى نېمىدېگەن قىزىقارلىق، نېمىدېگەن سىرلىق!»-دېدى.

(سانجى   فېڭرۇي)