2022-يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئېكسكۇرسىيەچىلەر جۇڭگو گۈزەل سەنئەت سارىيىدا «جۇڭخۇا مىللىتى بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» جۇڭگوچە رەسىم كۆرگەزمىسىنى كۆردى.
جۇڭگو گۈزەل سەنئەت سارىيى ئىلىم-پەن تەكلىپ يۈرۈشلۈك كۆرگەزمىسىنىڭ «جۇڭخۇا مىللىتى بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» جۇڭگوچە رەسىم ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى جۇڭگو گۈزەل سەنئەت سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى، بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىدە مىللەت تېمىسىدىكى جۇڭگوچە رەسىم ئەسەرلىرىدىن 80گە يېقىن بار بولۇپ، ئەسەرلەردە ھەم جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەللىك قارىشىدا چىڭ تۇرۇلغان، ھەم كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت ئۆزئارا گىرەلەشكەن ئادىمىيەت ئامىللىرى سىڭدۈرۈلگەن بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئىناق بىللە ئۆتۈشتەك گۈللەنگەن مەنزىرە نامايان قىلىنغان.
«خەلق تورى»دىن تەرجىمە قىلىندى