جوننى دەپ: سوت ئاخىرلاشتى، كىنو ئىشلىمەيمەن، ناخشا ئېيتىمەن

2022-06-10
来源:

يېقىندا جوننى دەپ 7-ئايدا يېڭى ناخشا پىلاستىنكا چىقىرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، بۇ ئۇنىڭ ئائىلە زوراۋانلىق دەۋاسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئېلان قىلغان تۇنجى تاماشا خىزمىتى.

ئۇنىڭ كىنو سۈرەتكە ئېلىش پىلانى يەنىلا بىر چەتكە قايرىپ قويۇلدى.

ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىشىدىغان مۇزىكانت 77 ياشلىق جېف بېك (Jeff Beck) بولۇپ، ئۇ (Rolling Stone) ژۇرنىلىنىڭ «تارىختىكى يۈز چوڭ گىتارچى» تىزىملىكىدە 14-ئورۇندا تۇرىدۇ، ئۇ بىر تىرىك رىۋايەت، دېپنىڭ بۇ قېتىمكى پىلاستىنكا خىزمىتىدە ئۇ دېپقا ھەمراھ بولۇپ خىزمەت قىلىدۇ.