كىرىستىيانو رونالدو كۆپ يىللاردىن بۇيان پورتۇگالىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ بەلگىسى ۋە يادرولۇق توپچىسى بولۇپ كەلدى، ئۇنداقتا كەلگۈسىدە رونالدو چېكىنسە پورتۇگالىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئەمەلىي كۈچى قانداق بولىدۇ؟
گېرمانىيەنىڭ داڭلىق پۇتبول سانلىق مەلۇمات تور بېكىتى «يۆتكىلىش بازىرى» پورتۇگالىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ 23 سەپ شەكلىنى تىزىپ چىققان بولۇپ، مادرىد ئاتلېتكا ھۇجۇمچىسى فېلىكس، AC مىلان ھۇجۇمچىسى لېئاۋ قاتارلىقلار بۇ سەپ شەكلىگە باشلامچى بولغان. بۇ سەپ شەكلىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 366 مىليون ياۋروغا يەتكەن بولۇپ، «يۆتكىلىش بازىرى» بۇ سەپ شەكلىگە باھا بېرىپ، پورتۇگالىيە كوماندىسىنىڭ كەلگۈسىدە كۆپلىگەن ياش تالانت ئىگىلىرى بار، بەلكىم بۇ «يېڭى ئالتۇن بىر ئەۋلاد توپچىلار» بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىغان.
پورتۇگالىيە U23 كوماندىسىنىڭ «يۆتكىلىش بازىرى» تىزىپ چىققان سەپ شەكلى:
قاپقىچى: دىئوگو كوستا (پورتو، 25 مىليون ياۋرو)
مۇداپىئەچىلەر: دالوت (مانچېستېر بىرلەشمىسى، 18 مىليون)، ئىناسىئو (پورتۇگالىيە تەنتەربىيەسى، 23 مىليون)، كالمو (براگا، 15 مىليون)، مېندېس (پارىژ سانت گېرمان، 40 مىليون)
ئوتتۇرا مەيدان: نۇنېس (پورتۇگالىيە تەنتەربىيەسى، 35 مىليون)، فابىئو ۋىئېرا (پورتو، 25 مىليون)، ۋىتىنيا فېررېيرا (پورتو، 30 مىليون)
ھۇجۇم: نېتو (بۆرە كوماندىسى، 35 مىليون)، فېلىكس (مادرىد ئاتلېتكا، 70 مىليون)، لېئاۋ (AC مىلان، 50 مىليون)