بورتالا ئوبلاستىنىڭ ھەرقايسى جايلىرى خۇشاللىققا چۆمدى

ئەلكۈيى تورى
2022-05-23
来源:بورتالا گېزىتخانىسى

5-ئاينىڭ 19-كۈنى، «جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ھېس قىلىپ، گۈزەل سەپەردىن بەھرىلىنەيلى» باش تېمىسىدىكى 2022-يىللىق «جۇڭگو ساياھەت كۈنى» شىنجاڭ شۆبە مەيدان پائالىيىتى سايرام كۆلىدە باشلاندى. ئىككى ناھىيە، ئىككى شەھەر، تۈرلۈك مەدەنىيەت ساياھەت پائالىيەتلىرى قالتىس ئېلىپ بېرىلدى.

قېنى تۆۋەندە بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى!




سايرام كۆلى

بەشىنچى ئايدىكى سايرام كۆلىدە، مۇز ئېرىپ گۈللەر ئېچىلىپ، ئوت-چۆپلەر ئۆسۈپ، قۇشلار پەرۋاز قىلاتتى.

5-ئاينىڭ 19-كۈنى، كۆك ئاسمان، قارلىق تاغلار، كۆك دولقۇنلار ئاراسىدا، «جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ھېس قىلىپ، گۈزەل سەپەردىن بەھرىلىنەيلى» باش تېمىسىدىكى 2022-يىللىق «جۇڭگو ساياھەت كۈنى» شىنجاڭ شۆبە مەيدان پائالىيىتى يەنى «يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت سايرام كۆلى» يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە تەسىس قىلىنغان پاراۋانلىق لاتارىيە بىلىتىنىڭ تۇنجى تارقىتىش مۇراسىمى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ قېتىمقى پائالىيەت، ئەزىز مېھمانلار ئۆزى سىناش پائالىيىتى، 12-پەسىللىك «قابىللار غەربىي ساياھىتى» يۈرۈشلۈك پائالىيىتى، «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتنى ساياھەت قىلىش» ئون مىڭلىغان ئاپتوموبىلار تىيەنشاننى ساياھەت قىلىش پائالىيىتى، «ئون مىڭ يىل، مەڭگۈلۈك كۆك» سايرام كۆلى كوللېكتىپ توي مۇراسىمى، سايرام كۆلى پاراۋانلىق لاتارىيە بېلىتى سېتىش پائالىيىتى، «بورتالا ئوبلاستىنىڭ سوۋغىسى، نامى گۈزەل شىنجاڭ» توردا مال ساتقۇچىلار بورتالا ئوبلاستىغا كەلدى پائالىيتى، «لىڭشيۇ بورتالا ئوبلاستى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى بىلەن ئۇچۇرشۇش» غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمە پائالىيىتى، «مەدەنىيەتەنتەربىيە ئورتاق ھەرىكىتى تىيەنشەندە» مەدەنىيەتەنتەربىيە ئويۇنى، «مىڭ چاقىرىملىق يۆگىمە رەسىم. جەلپكار بورتالا» فوتو سۈرەت مۇسابىقىسى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.


شۇ كۈنى، جۇڭگو پاراۋانلىق لاتارىيەسى سايرام كۆلى باش تېما قىلىنغان لاتارىيە بىلىتىنى ئېلان قىلدى، يەنى دەرھال ئېچلىدىغان لاتارىيە بېلىتى مەملىكەت بويىچە بازارغا سېلىنىپ تارقىتىلدى. بۇ، ئاپتونوم رايون بويىچە ۋىلايەت، ئوبلاستلارنىڭ تۇنجى ئادىمىيەت مەنزىرىسىنى باش تېما قىلغان، ۋەمەملىكەت بويىچە بازارغا سېلىنىپ تارقىتىلغان يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە لاتارىيە بېلىتى ھېسابلىنىدۇ.

بۇ لاتارىيە بىلىتىنىڭ قىممىتى 20 يۈەن بۇلۇپ، جەمئىي سەككىز پارچە سايرام كۆلى ئادىمىيەت مەنزىرىسى باش تېما قىلىنغان كۆرۈنۈش بار، 10 مۇكاپات دەرىجىسى بار، 20 قېتىم مۇكاپات چىقىش پۇرسىتى تەسىس قىلىنغان، ئەڭ يۇقىرى مۇكاپات سوممىسى بىر مىليون يۈەن.





ئاپئاق توي كۆينىكى كىيگەن كېلىنچەك قولىدا گۈل تۇتۇپ، چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن كاستۇمۇرۇلكا كىيگەن يىگىتكە قاراپ مېڭىۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ كەينىدە كۆپكۆك كۆل سۈيى بار ئىدى.... تىيەنشەن ئېتىكىدە، سايرام كۆلى بويىدا، ئۇلارغا تەۋە بولغان بىر مەيدان رومانتىك مۇھەببەت پەيتىگە ئورتاق شاھىت بولىمىز.


شۇ كۈندىكى پائالىيەتتە، ئاپتونوم رايون بويىچە قوبۇل قىلىنغان 15 جۈپ يېڭى توي قىلغان ئەر-ئايال، مۇراسىم كىيىمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، توي ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ سايرام كۆلىنى بويلاپ سەيلە قىلدى، «ئون مىڭ يىل، مەڭگۈلۈك كۆك» سايرام كۆلى كوللېكتىپ توي مۇراسىم پائالىيتى ئۆتكۈزۈلۈپ، يېڭى توي قىلغانلارنى كۆرگەن ساياھەتچىلەر يان تېلېفونىنى كۆتۈرۈپ رومانتىك دەقىقىلەرنى خاتىرىلىدى.



ئېچىلىش مۇراسىمى نەق مەيدانىدا، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسى پائالىيىتى قالتىس ئۆتكۈزۈلدى. جاڭغىر نەغمىسى «جاڭغىر مۇقەددىمىسى» ، كۆرۈنۈش قىسقا كۈيلەپ ئېيتىشىشى «سەيخۇ يايلىقىدا» ، مىللىي كىيىم – كېچەكلەر « گۈزەل مىللىي ئىستىل» قاتارلىق نومۇرلارنى ئورۇنلاندى، نومۇرلار سەرخىل، ناخشا ئاۋازلار يېقىملىق.....


قاتتىقلىق بىلەن يۇمشاقلىق ئۆزئارا ماسلاشقان تەيجى مۇشتۋازلىقى، قايناق ھېسسىياتقا تولغان مەيدان ئۇسسۇللىرى بىر كۆتۈرۈلۈپ، بىر پەسىيىپ تۇرغان ئالقىش سادالىرى ئارىسىدا داۋام ئەتمەكتە...«مەدەنىيەت ۋە تەنتەربىيە ئورتاق ھەرىكىتى تىيەنشەندە » ناملىق ئەدەبىياتەنئەت ئويۇنى ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ كەتتى، مەيدان ئۇسسۇلى، تەيجى گۇمپىسى قاتارلىق مەدەنىيەت ۋە تەنتەربىيە كەسپىي ئۆمەكلىرى كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىغان پروگراممىلار بىر گۈزەل مەنزىرىگە ئايلاندى.



شۇ كۈنى، «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتنى ساياھەت قىلىش» ئون مىڭلىغان ئاپتوموبىلار تىيەنشاننى ساياھەت قىلىش پائالىيىتىمۇ بۇ يەردە يولغا چىقىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.


بورتالا شەھىرى

«گۈزەل يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، كونا ئىدىيەنى يېڭىلاش كېرەك...»، بىر مەيدان كوللېكتىپ مۇزىكا كۈەيبەن قوشىقى «بەشىنچى ئايدا چوغلۇق گۈل ئېچىلدى» ئورۇنلاندى، ۋە جاغبۇلاق كەنتىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى ئېيتىپ بەردى. 5-ئاينىڭ 19-كۈنى، بورتالا شەھىرىنىڭ 2022 ـ يىللىق «19 ـ ماي جۇڭگو ساياھەت كۈنى» يەنى «بەشىنچى ئايدا چوغلۇق گۈل ئېچىلدى» مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمى، بورتالا شەھىرىنىڭ ئوتبۇلاق بازىرى جىگدە بۇلاق كەنتىدىكى چوغلۇق گۈلى بازىسى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. نادىر ئەدەبىياتەنئەت نومۇرلىرى ئورۇنلىنىپ، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىلىرى ئادەتتىن تاشقىرى خۇشاللىققا چۆمدى.





ئالاتاۋ شەھىرى

5-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئالاتاۋ شەھىرى 2022 ـ يىللىق «19 ـ ماي جۇڭگو ساياھەت كۈنى»

بىر قاتار مەدەنىيەت ساياھەت پائالىيىتى داغدۇغىلىق باشلاندى. ئېچىلىش مۇراسىمىدا، قويۇق مىللىي پۇراققا ئىگە ئۇسسۇل «تەنتەنە»،ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان ھازىرقى زامان ئۇسسۇلى «ھاياتىي كۈچكە تولغان قىزچاق»، «ئىناق شىنجاڭ»، «تەلپۈنۈش» قاتارلىق نادىر ناخشىلار، نادىر نومۇرلار نەق مەيدان كەيپىياتىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى، ساياھەتچىلەرنىڭ قىزغىنلىقىنى ياندۇردى.




جىڭ ناھىيەسى

بەشىنچى ئايدىكى جىڭ، ئوتۆپلەر ئۆسۈپ، قۇشلار پەرۋاز قىلىپ، ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇپ تۇراتتى.


5-ئاينىڭ 19-كۈنى، جىڭ ناھىيەسىنىڭ «19-ماي جۇڭگو ساياھەت كۈنى» يۈرۈشلۈك مەدەنىيەت ساياھەت پائالىيىتى ۋە 2022 ـ يىلى جىڭ ناھىيەسى 3 ـ نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت پائالىيتى رەسمىي باشلاندى.

ئېچىلىش مۇراسىمىدا، جىڭ ناھىيەسىنىڭ ھەر قايسى يېزا، بازارلىرىدىن كەلگەن ھەر مىللەت ئامما بايراملىق كىيىملىرىنى كىيىشىپ، ساۋۇردىن، مەشرەپ ۋە مەيدان ئۇسسۇلى ئويۇنلىرىنى ئورۇنلىدى، ھەر بىر مەيدان ئەدەبىيات – سەنئەت نومۇرلىرى ناھايىتى ياخشى ئورۇنلۇنۇپ، پۈتۈن ناھىيىدىكى ھەر مىللەت ئاممىسى ئۈچۈن مول مىللىي ئۆرپ ـ ئادەت زىياپىتى بەردى.






ئارشاڭ ناھىيىسى

باش يازدىكى ئارشاڭ ناھىيەسى، ياپيېشىل دەرەخلەر سايە تاشلاپ تۇرغان، ئوت-چۆپلەر بۈك-باراقسان ئۆسكەن ھالەتتە ئىدى.

5-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئارشاڭ ناھىيەسىنىڭ 2022 ـ يىللىق «جۇڭگو ساياھەت كۈنى» بىر قاتار مەدەنىيەت ساياھەت پائالىيەتلىرى سۇلۇق يەر ياغاچ ئاسما يول سەھنىسىدە باشلاندى. شۇ كۈنى «19-ماي جۇڭگو ساياھەت كۈنى» نى يولغا قويۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى، ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى ۋە سىرتىدىكى ھەر قايسى داڭلىق ساياھەت كوپىراتىپلىرى ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ ئارشاڭ ناھىيەسى سۇلۇق يەر باغچىسى، 5 ساراي 1 مەركىزى، ئادۇن چولۇ خارابىسى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، ئارشاڭ ناھىيىسىنىڭ ئۆرپ ـ ئادىتى، گۈزەل مەنزىرىسى، ئېسىل تائاملىرىنى ھېس قىلدى.

بۇ قېتىمقى پائالىيەت يەنە ئىككى مەيدان بار بۇلۇپ، 19-ماي جۇڭگو ساياھەت كۈنى باش تېمىلىق كېچىلىك. مول، رەڭدار ئەدەبىياتەنئەت پائالىيەتلىرى، ئارشاڭ ناھىيىسىنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىنى تولۇق نامايەن قىلدى.