ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئامەتلىك لاتارىيەچى 19 مىليون يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

ئەلكۈيى تورى
2022-05-19
来源:ئەلكۈيى تورى

دۇنيادىكى نۇرغۇن قىسمەتلەرنىڭ ھەممىسى چىڭ تۇرۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك، سەۋرچانلىق بىلەن ساقلىغاندا ئويلاپ باقمىغان خۇشاللىققا ئېرىشىش پۇرسىتى بولىدۇ. «قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنى 2022044-قاراردا، ئۈرۈمچى 65010440 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدا 19 مىليون 428 مىڭ 255 يۈەنلىك چوڭ مۇكاپات چىققان. 10 نەچچە كۈن كۈتۈش ئارقىلىق، 5 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى ۋاڭ ئەپەندى (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ئاخىرى شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىدە پەيدا بولۇپ، بۇ ئالاھىدە كاتتا مۇكاپاتنى ئېلىپ كەتتى. ۋاڭ ئەپەندىنىڭ كېچىكىپ كەلگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى سورىغاندا، ئۇ ئۆزىنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىگىلىنىشىچە، ۋاڭ ئەپەندىنىڭ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ كىلىۋاتقانلىقىغا كۆپ يىل بولغان بولسىمۇ، لاتارىيە ئويۇنى ھەققىدىكى تەتقىقاتى چوڭقۇر ئەمەس ئىكەن. ئۇنىڭ نەزىرىدە لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش بىر خىل كۆڭۈل ئېچىش ئىكەن. دەسلەپتە « قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنى لاتارىيە بىلىتى سېتىۋالغاندا ھەمىشە ئاپتوماتىك نومۇر تاللىغان بۇلۇپ، كېيىن تاسادىپىي ئامەتلىك لاتارىيەچىنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىك يازما خەۋىرىنى كۆرۈپ، مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى بىرلەشتۈرۈپ بىر دانە نومۇر قوشۇپ نومۇر ئېلىپ، ئاخىرىدا چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكى بىلگەندىن كىيىن، ئۇ بۇنىڭدىن ئىلھاملىنىپ، ئۆزى، ئايالى ۋە بالىسىنىڭ تۇغۇلغان كۈن نومۇرىنى بىرلەشتۈرۈپ، ھەر قېتىمدا ئۈچ ھەسسە دو تىككەن. «بۇ نومۇرنى ساقلاۋاتقىنىمغا يەتتە ـ سەككىز يىل بولدى، ئويلىمىغان يەردىن چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشتىم!» ــ دېدى ۋاڭ ئەپەندى.

ۋاڭ ئەپەندىئەمەلىيەتتە، دەسلەپتە لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىشتا ئانچە يۇقىرى ئۈمىد باغلىمىغان ئىدىم، 2-، 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشسەم ناھايىتى ياخشى بولاتتىم، مۇكاپاتقا ئېرىشىش خۇشاللىقىنى ھېس قىلالىسىلاملا كۇپايە قىلاتتى، شۇڭا ئادەتتە دو تىكىش سومما كۆپ ئەمەس ئىدى. بەختكە يارىشا، كۆپ يىللاردىن بۇيان لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش ئادىتىمنى ئائىلەمدىكىلەر ئىزچىل قوللاپ كەلدى، ئۇلار بۇنى مىنىڭ بىر قىزىقىشىم خالاس دەپ قارىدى، يەنە دائىم پارچە پۇللار بىلەن لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغاندا مول-ھۇسۇل ئالغىلى بۇلىدۇ ۋە شۇنداقلا پاراۋانلىق ئىشلىرىنى قوللىغانلىق بۇلىدۇ، بۇ نېمە دېگەن ياخشى ئىش.»-دېدى.

«بۇنداق كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىشىمنى ئويلاپمۇ باقماپتىمەن، بەخت بەك تۇيۇقسىز كەلدى، ھازىرغىچە خۇددى چۈش كۆرۈۋاتقاندەك ھېس قىلىۋاتىمەن!»ــ دېدى ۋاڭ ئەپەندى. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ مۇكاپات سوممىسى بەك چوڭ بولغاچقا، ئوخشاش بولمىغان سوممىلارنى كۆپ قېتىم ساناپ چىققانلىقىنى، 1 مىليون 900 مىڭ يۈەنمۇ؟ 190 مىليونمۇ؟ بىلەلمەي، ئەڭ ئاخىرىدا ئاندىن ئېنىق 19 مىليون 428 مىڭ 255 يۈەنلىك چوڭ مۇكاپات چىققانلىقىنى بىلگەنلكىنى بىلدۈردى، ۋە:« شۇ چاغدا بەك ھاياجانلىنىپ كېتىپ، مۇكاپات سوممىسىنى قانداق ساناشنى بىلەلمەي قالغان ئىدىم». ــ دېدى ۋاڭ ئەپەندى خىجىل بولغان ھالدا كۈلۈپ.

ۋاڭ ئەپەندى ئۆزىنىڭ بۇ قېتىملىق چوڭ مۇكاپات سەۋەبلىك تۇرمۇش ھالىتىنى ئۆزگەرتمەيدىغانلىقىنى، يەنىلا تىرىشىپ خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى، پاراۋانلىق لاتارىيەسىنى يەنىلا قوللايدىغانلىقىنى، مۇكاپات پۇلىنى ئاۋۋال ساقلاپ قۇيۇپ، كېيىنچە ئىشلىتىشنى ئويلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

(ئۈرۈمچى   جاڭمىن)