قاراماي شەھەرلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزى «پارتىيە بايرىقى تىيەنشاندا جەۋلان قىلىدى» باش تېمىسىدىكى پارتىيە كۈنى پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى
شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ياشايدىغان گۈزەل يۇرت ـ ماكاننى ئورتاق قۇرۇش» مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە تارىخى ئۆگىنىش ـ تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى ھەقىقىي تۈردە تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش، رېئاللىققا نەزەر سېلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈش كېرەك. يېقىندا، قاراماي شەھەرلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزى پارتىيە ياچېيكىسى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، پىدائىيلار تەشكىللەپ، قاراماي شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى تەشكىللىگەن «پارتىيە بايرىقى تىيەنشەندا جەۋلان قىلدى» ناملىق پىيادە مېڭىش، ئەخلەتنى تازىلاش باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، «پاراۋانلىق لاتارىيەسى كۆپچىلىك پاراۋانلىقىنى ھەممە ئائىلىگە ئېلىپ كىرىش» يۈرۈشلۈك تەشۋىقاتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ ئاممىۋى پاراۋانلىق تەسىرىنى كېڭەيتىپ، ماركا ئوبرازىنى ئۆستۈردى.
ساغلام ھەرىكەت تۆۋەن كاربونلۇق تۇرمۇش
پائالىيەت كۈنى، شەھەرلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىدىكى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، پاراۋانلىق لاتارىيەسى پىدائىيلىرى قاتارلىق 40 نەچچە كىشى قاراماي شەھىرىنىڭ ئارقا تاغدىكى دەپنە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش باشقارمىسىدىن بەش كىلومېتىر پىيادە مېڭىپ كىچىك شىخۇ قەبرىستانلىقىغا بېرىپ، پىيادە مېڭىشنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. بىپايان چۆل ـ جەزىرىدە، «پاراۋانلىق لاتارىيە مۇھەببىتى ئاممىۋى پاراۋانلىققا باغلانغان» دېگەن قىزىل جىلىتكە كىيگەن بۇ بىر توپ قوشۇن كۆزنى ئالاھىدە چاقنىتاتتى، ئۇلار پارتىيە بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، يۇقىرى ئاۋازدا ناخشا ئېيتىپ، ساغلاملىق ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، تۆۋەن كاربونلۇق تۇرمۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، پاراۋانلىق لاتارىيە ئاممىۋى پاراۋانلىقىنى يەتكۈزمەكتە.
مۇھىتنى ئاسراشنى ئۆزىمىزدىن باشلايلى
ئەخلەتلەرنى تازىلاش پائالىيىتىدە، پاراۋانلىق پىدائىيلىرى شەھەر ئاھالىلىرى سىياسىي ۋەزىيىتى پائالىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، كىچىك شىخۇ قەبرىستانلىقى رايونىنىڭ سىرتىدىكى چۆللۈكنى كەڭ كۆلەمدە تۈزەپ، يىل بويى يىغىلىپ قالغان كېرەكسىز نەرسىلەر، ئەخلەت خالتىلىرىنى نۇقتىلىق تازىلىدى. نەق مەيداندا كېرەكسىز نەرسىلەرنىڭ كۆلىمى كەڭ، ئېغىرلىقى چوڭ بولسىمۇ، لېكىن پىدائىيلارنىڭ قىلچە تەڭلىكتە قېلىش كەيپىياتى يوق ئىدى، كۆپچىلىك پاسكىنىچىلىقتىن، ھېرىپ ـ چارچاشتىن قورقماسلىق روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، غەيرىتى تولۇپ تاشقان بولۇپ، كېرەكسىز نەرسىلەرنى بىرلىكتە ئاپتوموبىلغا قاچىلىدى. ئىككى سائەتكە يېقىن تىرىشىش ئارقىلىق، كېرەكسىز نەرسىلەر تازىلىنىپ بولدى. گەرچە كۆپچىلىكنىڭ پۈتۈن بەدىنى چاڭ ـ توزان بىلەن قاپلانغان بولسىمۇ، لېكىن كىچىك شىخۇ كۆلىنىڭ مۇھىت قىياپىتىنىڭ يېڭى تۈسكە كىرگەنلىكىنى كۆرۈپ، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى رازىمەنلىك بىلەن كۈلۈمسىرىدى.
«پارتىيە بايرىقى تىيەنشاندا جەۋلان قىلىدى» ناملىق پىيادە مېڭىش، ئەخلەتنى تازىلاش باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق بىز تىرىشىپ يېشىل مەدەنىيلىكنىڭ يول ئاچقۇچىلىرى، تۆۋەن كاربونلۇق مۇھىت ئاسراشنىڭ ئىلگىرى سۈرگۈچىلىرى، ساغلام كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ يېتەكلىگۈچىلىرى، پاك جەمئىيەتنىڭ ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلىرىدىن بولۇپ، تەبىئەتكە يېقىنلىشىدىغان مۇھىت ئاسراش ئىدىيەسىنى ئاڭلىق ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، يېشىل مۇھىت ئاسراش ئىدىيەسىنى كىشىلەر قەلبىگە تېخىمۇ چوڭقۇر سىڭدۈرۈپ، كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشىنىڭ كۈندىلىك كۈنلىرىگە سىڭدۈرۈپ، يېشىل تاغ، سۈزۈك سۇلارنى ئورتاق قوغدىشىمىز كېرەك.
(قاراماي پاراۋانلىق لاتارىيەسى «كۆپچىلىك پاراۋانلىقى مېھىر ـ شەپقەت يەتكۈزۈش پىدائىيلار ئەترىتى»)
(قاراماي جاڭچى)