جو ئەپەندى قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئويۇنىدا 200 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

ئەلكۈيى تورى
2022-04-24
来源:ئەلكۈيى تورى

ـــ« يېڭىدىن كاتتا مۇكاپات چىقتى! » 3 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن ئىشقا چۈشۈپلا، جۇ ئەپەندى يەڭگىل قەدەم بىلەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك لاتارىيە مەركىزىگە كېلىپ، بىر پارچە « رەڭدارلىققا تولغان 满堂彩» لاتارىيە بىلىتىنى خىزمەتچى خادىملارغا سۇندى ھەم مەردانىلىك بىلەن:«كېلىڭلار، مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرەيلى!»-دېدى.

مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈش جەريانىدا، جو ئەپەندى كۆڭلىدىكى ھاياجىنىنى باسالماي قالدى. ئىگىلىنىشىچە، جو ئەپەندى ئاددىي بىر سىزىپلا مۇكاپات چىقىدىغان تۇيغۇنى ياخشى كۆرىدىكەن، ئۇنىڭ قارىشچە بۇ ئاددىي ھەم ھاياجانلىق تۇيغۇ ئىكەن. «ھەر كۈنى بىرنەچچە پارچە لاتارىيە بىلىتى قىرىش خىزمەت بېسىمىنى يېنىكلىتىدۇ، گەرچە ئىلگىرى چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىپ باقمىغان بولساممۇ، لېكىن ئوتتۇرا-كىچىك تىپتىكى مۇكاپاتلارمۇ كىشىنى ناھايىتى خۇشال قىلىدۇ»-دېدى.

مۇكاپاتقا ئېرىشىش جەريانىنى تىلغا ئالغاندا، جو ئەپەندى شۇ كۈنى چۈشتە تاماق يەپ بولۇپ، چۈشلۈك دەم ئېلىشتىن پايدىلىنىپ يېقىن ئەتراپتىكى 65010585 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ بىر نەچچە پارچە لاتارىيە بىلىتى سېتىۋالماقچى بولغان، پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىرگەندىن كىيىن، ئۇ پۇكەيگە تىزىلغان قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئويۇنى لاتارىيە بىلەتلىرى ئىچىدىن بىر قاراپلا « رەڭدارلىققا تولغان 满堂彩» گە كۆزى چۈشكەن، ئۇ دەرھال مال ساتقۇچىنى يېنىغا چاقىرىپ، ئۆزى خالىغانچە تۆت تال تاللاپ، ئاستا-ئاستا قىرىشقا باشلىدى. بىرىنچى پارچە لاتارىيە بىلىتىدىن مۇكاپات چىقمىدى؛ ئىككىنچى پارچە لاتارىيە بىلىتىدىنمۇ مۇكاپات چىقمىدى؛ لېكىن ئۈچىنچى پارچە لاتارىيە بىلىتىنى قىرغاندىن كىيىن «ئويناش ئۇسۇلى رايونى» دا «تاڭ» خېتى پەيدا بولدى، نومۇرنىڭ ئاستىدىكى مۇكاپات سوممىسىدا « 200 يۈەن» بارلىقىنى كۆرۈپ، كۆڭلىدە بۇ قېتىم دەسمايە قايتىدىغان بولدى دەپ ئويلىدى. لىكىن بارماقلىرىنىڭ يۆتكىلىشىگە ئەگىشىپ، ئۇ كەينىدە يەنە ئۈچ نۆل بارلىقىنى بايقىدى، مۇكاپات سوممىسى« 200,000» دېگەن ساننى كۆردى. ئۇ بىر ھازاغىچە ھەيران قالدى، «ئەينى چاغدا مەن ئىشەنمەي، مال ساتقۇچىنى سېلىشتۇرۇپ بېقىشقا چاقىرغان ئىدىم.»- جۇ ئەپەندى ئەينى چاغدا ھاياجانلىنىپ ھەم جىددىيلىشىپ، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيە بېلىتىنى كۆتۈرۈپ، ئۈرۈمچى پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە بېرىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈش ئۈچۈن يۈرۈپ كەتكەن.

ـــ«ئەسلىدە پەقەت چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقىتىدا تاماق يېگەچ تەلەي سىناپ باقماقچى ئىدىم، ئويلىمىغان يەردىن چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشتىم! بۇ يىل ماشىنا ئالماشتۇرۇشنى ئويلىغانىدىم، بۇ مۇكاپات دەل ۋاقتىدا كەلدى!»دېدى جو ئەپەندى، مۇكاپاتقا ئېرىشىش تۇيغۇسى تىلغا ئېلىنغاندا، جو ئەپەندى ناھايىتى پەيزى ھېس قىلغانلىقىنى، لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش مېھرىبانلىق يەتكۈزۈشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى ئىكەنلىكى، مېھرىبانلىق كۆپ ھاللاردا ئامەت بىلەن باغلىنىشلىق بولىدىغانلىقى، كېيىن يەنە داۋاملىق پاراۋانلىق لاتارىيەسىنى قوللاپ، كۆپچىلىك پاراۋانلىق ئىشلىرى ئۈچۈن داۋاملىق كۈچ قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۈرۈمچى جاڭ مىن)