پاراۋانلىق لاتارىيە پىدائىيلىرى ياشانغانلارغا «مېھىر ـ شەپقەت تامىقى» سوۋغا قىلدى

ئەلكۈيى تورى
2022-04-12
来源:ئەلكۈيى تورى

ئالتاي پاراۋانلىق لاتارىيەسى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى ياشىنىپ قالغان ياشانغانلارغا «مېھىر ـ شەپقەت تامىقى» سوۋغا قىلدى

3 ـ ئاينىڭ 31 ـ كۈنى، ئالتاي ۋىلايەتلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزى ۋىلايەتلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى «لېي فېڭ كەتتى، بىز كەلدۇق» غا ئالاقىدار مەزمۇنلارنى بىرلەشتۈرۈپ، ۋىلايەتلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرىنى ئالتاي شەھىرىدىكى قىزىل تاش مەھەللىسىگە ئېلىپ بېرىپ، ياشانغانلار ئۈچۈن «مېھىر ـ شەپقەت تامىقى» يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىدى.

پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى ئەتىگەندىلا ئالتاي شەھىرى خوڭشى مەھەللىسى ئاشخانىسىغا كېلىپ پىدائىيلار مۇلازىمەت پائالىيىتىگە تەييارلىق قىلدى. بۇ قېتىمقى بارىدىغان بەش ئائىلە، ئون مۇلازىمەت ئوبيېكتىنىڭ ھەممىسى 80 ياشتىن ئاشقان، ھەرىكىتى قولايسىز ياشانغانلار بولغاچقا، پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى مەخسۇس ئۇلارغا يۇمشاق، تەملىك تاماقلارنى تاللاپ تەييار قىلدى.

چۈش سائەت 1 دە، پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى «مېھىر ـ شەپقەت تامىقى» سوۋغا قىلىشقا باشلىدى. ئالتاي پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىنىڭ مۇدىرى، پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى موۋ چىجيەن گۇرۇپپا باشلاپ ياشانغانلارنىڭ ئۆيىگە كەلدى، ياشانغانلار بۇنچە كۆپ پىدائىينىڭ ئۇلارنى يوقلاپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولدى. پىدائىيلار بىر تەرەپتىن مەززىلىك تاماقلارنى تەييارلىغاچ، يەنە بىر تەرەپتىن ياشانغانلار بىلەن پاراڭلاشتى، پاراڭلىشىش ئارقىلىق ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلدى، غەمخورلۇق قىلدى. ئىسسىق «مېھىر ـ شەپقەت تامىقى» يېگەن بوۋاي ھاياجانلانغان ھالداسىلەرنىڭ چۈشلۈك تامىقىڭلارغا رەھمەت، سىلەر مېنىڭ بالىلىرىمغا ئوخشاش كۆيۈمچان ئىكەنسىلەر-دېدى.

پائالىيەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئالتاي پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىنىڭ مۇدىرى، پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى مو چىجيەن مۇنداق دېدى: بىر تۈرلۈك ياخشى كۆپچىلىك پاراۋانلىقى پائالىيىتىدە ئۇزاققىچە بوشاشماي چىڭ تۇرۇشقا، تېخىمۇ كۆپ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى كۈچلۈك پىدائىيلارنىڭ قاتنىشىشىغا توغرا كېلىدۇ. ئالتاي پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، بىزگە پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ ئادەم كۈچىنى تەقدىم قىلىش ئارقىلىق مېھىر ـ شەپقەت يەتكۈزۈپ، پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى پىدائىيلار مۇلازىمىتىدە «ياشانغانلارنى يۆلەش، مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش، يېتىملەرنى قۇتقۇزۇش، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش» تىن ئىبارەت ئاساسىي مەقسىتىنى تىرىشىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى.

(ئالتاي ۋېيجيا ماگنىي)