لاتارىيەچى ما ئەپەندى 20800 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

ئەلكۈيى تورى
2022-03-30
来源:ئەلكۈيى تورى

باھارنىڭ 3-ئېيىدا، قۇشلار سايراپ، گۈللەر خۇش پۇراق چېچىپ تۇراتتى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ پاراۋانلىق لاتارىيە شەھىرىمۇ خۇددى «بەخت پەسلى» گە كىرگەندەك، ھەر قايسى ئويۇنلاردىن ئارقا-ئارقىدىن خۇش خەۋەر تارقالدى. 3 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى پوسكام ناھىيەسى 65310237 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدا يەنە بىر لاتارىيەچىنىڭ ئامىتى ئوڭدىن كەلدى، 3D ئويۇنىدا 20800 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

ئىگىلىنىشىچە، مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى ما ئەپەندىۆزگەرتىلگەن ئىسىم) پاراۋانلىق لاتارىيە ئويناپ كىلىۋاتقىنىغا ئۇزۇن يىل بولغان ، ئۇ بولۇپمۇ 3D ئويۇنلىرىنى ئالاھىدە ياخشى كۆرىدىغان بۇلۇپ، 3D نومۇرى توغرىسدا پاراڭلار بۇلۇنسا سۆزلەپ ھارمايدىكەن، چوڭ كىچىك نومۇر، ئىسسىق-سوغۇق نومۇر قاتارلىق نومۇر تاللاش كۆرسەتكۈچلىرىگە قارىتا ئۆزگىچە قاراشقا ئىگە بولۇپ، دائىم تەلەيلىك ھالدا مۇكاپاتقا ئېرىشىدىكەن. كۆپ قېتىملىق مۇكاپاتقا ئېرىشىش كەچۈرمىشى ما ئەپەندىنى بارغانسېرى ئىشەنچكە ئىگە قىلغان، بۇ قېتىمقى تەلەيلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىش دەل ئۇنىڭ ئىنچىكىلىك بىلەن نومۇر تاللىغانلىقى، كەسكىنلىك بىلەن ھەسسىلەپ دو تىككەنلىكىنىڭ نەتىجىسى ئىدى.

ما ئەپەندىنىڭ ئۆزىنىڭ بىر يۈرۈش نومۇر تاللاش ئۇسۇلى بار، ئۇ ئاساسلىقى 3D نومۇرنىڭ تارقىلىش خەرىتىسى، ئورۇن بەلگىلەش ئانالىزى ئارقىلىق چوڭ-كىچىك نومۇر، ئىسسىق-سوغۇق نومۇر بىلەن نومۇرنى ماسلاشتۇرىدۇ ھەمدە ھەسسىلەپ دو تىكىدۇ. بۇ قېتىم ئۇ ئىككى تال تاق تاللاش بېلىتىنى تاللاپ، ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا ئون ھەسسە دو تىكىپ، بىراقلا 20800 يۈەن 3D مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

ما ئەپەندى مۇكاپات ئالغاندا ئۆزىنىڭ لاتارىيە سېتىۋېلىش تەسىراتى ئۈستىدە توختىلىپ : « نومۇرنى ئانالىز قىلىش ۋە دو تىكىش ماھارىتى ئەلۋەتتە مۇھىم، لېكىن لاتارىيە سېتىۋېلىشتىكى ياخشى روھىي ھالەت كەم بولسا بولمايدۇ، مۇشۇنداق قىلغاندىلا ھەر كۈنى ياخشى كەيپىياتنى ساقلاپ، لاتارىيە ئېلىپ كەلگەن ھەر خىل خۇشاللىقلاردىن بەھرىلەنگىلى بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە مۇكاپاتقا ئېرىشىش خۇشاللىقىنى ئائىلىسىدىكىلەر ۋە ئەتراپىدىكى دوستلىرىغا تەڭ بەھرىمەن قىلغىلى بولىدۇ.»-دېدى.

ەشقەر خۇاڭخەي چاۋ)