پوسكام ناھىيەسىدىكى لاتارىيەچى قۇربانجان پاراۋانلىق لاتارىيەسى ئوينايدىغان پېشقەدەم لاتارىيەچى بۇلۇپ، ئۇ كۆپ يىللاردىن بۇيان ئىزچىل پاراۋانلىق لاتارىيەسى ئويۇنى بىلەن بىللە بولۇپ، تۈرلۈك پاراۋانلىق لاتارىيەسى ئويۇنلىرىنى تەتقىق قىلىپ، ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتى. پاراۋانلىق لاتارىيە «شادلىق 8» ئۇيۇنى شىنجاڭدا بازارغا سېلىنغاندىن بۇيان، قۇربانجان بۇ يېڭى ئويۇننى ھەر كۈنى دېگۈدەك ئويناپ تۇردى.
2 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى، قۇربانجان ئۆزى دائىم بارىدىغان 65310125 پاراۋانلىق لاتارىيەسى پونكىتىغا كېلىپ، بىر تەرەپتىن «شادلىق 8» ئۇيۇنى مۇكاپات نومۇرىنىڭ تارقىلىش خەرىتىسىنى كۆزەتتى، يەنە بىر تەرەپتىن باشقا لاتارىيەچى دوستلار بىلەن نومۇر تاللاش تەسىراتىنى مۇزاكىرە قىلدى. بىر قاتار تەتقىقاتلاردىن كېيىن، قۇربانجان «شادلىق 8» ئويۇنى «بەشنى تاللاش» بويىچە تۆت دو يەككە ئويناش نومۇرىنى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا ئون ھەسسە دو تىكتى، بۇ تۆت دو نومۇرىدىكى 1 ـ دو بىلەن 3 ـ دو تامامەن ئوخشاش، 2 ـ دو بىلەن 4 ـ دو تامامەن ئوخشاش بولۇپ، ئەمەلىيەتتە ئوخشاش بولمىغان ئىككى دو نومۇرىنىڭ ھەربىرىگە 20 ھەسسە دو تىككەن. ئۇ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغاندىن كېيىن ئۆزىنى ناھايىتى تەلەيلىك ھېس قىلىپ، مۇكاپاتنىڭ ئۆزىگە قول پۇلاڭلىتىۋاتقاندەك ھېس قىلدى.
شۇ كۈنى كەچتە، قۇربانجان 65310125 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىنىڭ مال ساتقۇچىلىرىدىن كەلگەن خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋالدى، ئۇ دەرھال پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈردى. مال ساتقۇچى كۈلۈپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا: « قۇربانجان ئاكا! مۇبارەك بولسۇن! سىزنىڭ 4 دو نۇمۇرىڭىزدىكى 2 دو نۇمۇر مۇكاپاتقا ئېرىشىپتۇ، مۇكاپات سوممىسى 20 مىڭ يۈەن ئىكەن!»-دېدى، قۇربانجان ناھايىتى تەمكىنلىك بىلەن مۇنداق دېدى: « تۈنۈگۈن مەن تەلىيىمنىڭ كېلىدىغانلىقىنى ھېس قىلغان ئىدىم، بۈگۈن ئىسپاتلاندى! ئەمەلىيەتتە مېنىڭ كەيپىياتىم ناھايىتى ياخشى، مۇكاپات چىقسا ئەڭ ياخشى، مۇكاپات چىقمىسا مەنمۇ ئالدىراقسانلىق قىلمايمەن، كۆپچىلىك پاراۋانلىقى ئۈچۈن بىر كىشىلىك كۈچ چىقاردىم دەپ قارايمەن! كېلەر قېتىم يەنىمۇ تىرىشىمەن!»-دېدى.
(قەشقەر خۇاڭ خەي چاۋ)