پاراۋانلىق لاتارىيە يېڭى بىلەت تۈردى «بەش رەڭلىك ئالماس» يېتىپ كەلدى

ئەلكۈيى تورى
2022-03-10
来源:ئەلكۈيى تورى

ـــ« ۋاھ! مۇكاپات چىقتى!»، 2022 ـ يىلى 2 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، چىرقىرىغان ئاۋاز بىلەن تەڭ، سانجى شەھىرى 65230169 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىكى بارلىق لاتارىيەچىلەرنىڭ كۆزى بىردىنلا ناتونۇش بىر ئۇيغۇر ئەرگە تىكىلدى، ئەسلىدە ئۇ «بەش رەڭلىك ئالماس» لاتارىيە بىلەت تۈرىدە 2 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بۇلۇپ، مۇكاپات سوممىسى 100 مىڭ يۈەن بولغان، 21 ـ فېۋرال ئەتىگەندە، مۇكاپات چىققان تەلەي ئىگىسى سانجى ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىنىڭ مۇكاپات تارقىتىش ئۆيىگە كېلىپ مۇكاپات ئالدى.

مۇكاپات ئېلىشقا ھەمراھ بۇلۇپ كەلگەن 65230169 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىنىڭ مال ساتقۇچىسى: « مەن ئىزچىل يېنىدا تۇرۇپ ئۇنىڭ لاتارىيە بېلىتىنى قىرىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، ئەمدىلا قىرىشقا باشلىغاندا 10 مىڭ يۈەن چىقتى دەپ ئويلاپتىمەن، ئارقىدىنلا ئىككىنچى 10 مىڭ يۈەن پەيدا بولدى، ئۈچىنچى 10 مىڭ يۈەن... پۈتۈن لاتارىيە بىلىتىنىڭ ئاستا-ئاستا قىرىلىشىغا ئەگىشىپ، ئىنچىكىلىك بىلەن ھېسابلىغاندا، جەمئىي 10 دانە 10 مىڭ يۈەن بۇلۇپ، جەمئىي مۇكاپات سوممىسى 100000 يۈەن بولغان.»-دېدى.

65230169 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىنىڭ مال ساتقۇچىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيەچى پونكىتىنىڭ دائىملىق مېھمىنى بولۇپ، «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنى لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىشنى ياخشى كۆرىدىكەن. 2 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى، ئۇ ئادەتتىكىگە ئوخشاش پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ، بىر قېتىمدىلا بىر بولاق «بەش رەڭلىك ئالماس» لاتارىيە بىلىتىنى سېتىۋالدى، ئۇ بىر قانچە تالنى قىرىپ بولمايلا، چوڭ مۇكاپات چىقتى، چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇ ئۆز ـ ئۆزىگە ئۆزى سۆزلەپ كەتتى، ۋە ناھايىتى ھاياجانلاندى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا لاتارىيە بىلىتىنى قىرىش سۈرئىتىنىمۇ تېزلەتتى، بىر قېتىمدىلا پۈتۈن بىلەتنى قىرىپ تۈگەتتى، ساتقۇچى خادىم ئۇنىڭغا مۇكاپات نەقلەشتۈرۈپ بەردى.

ماشىنا ئارقىلىق مۇكاپات تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ساتقۇچى خادىم بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر پارچە «بەش رەڭلىك ئالماس» لاتارىيەسىدە 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى، مۇكاپات سوممىسىنىڭ 100 مىڭ يۈەن ئىكەنلىكىنى، يەنە كۆپ پارچە لاتارىيەدىن كىچىك مۇكاپاتقا چىققانلىقىنى بىلدى. مال ساتقۇچى خادىم ئۇنىڭغا كىچىك مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈپ بەردى ھەم ئۇنىڭغا 100 مىڭ يۈەننى پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدا نەقلەشتۈرگىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، سانجى ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە بېرىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى، تەپسىلىي چۈشەندۈرگەندىن كېيىن، لاتارىيەچى يەنىلا تۇماندا بولۇپ چۈشىنەلمىدى، شۇنىڭ بىلەن مال ساتقۇچى لاتارىيەچىگە ھەمراھ بولۇپ، سانجى ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە بېرىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈش تەكلىپىنى بەردى.

تەلەيلىك لاتارىيەچى ساتقۇچىنىڭ ھەمراھلىقىدا مۇكاپاتنى قولىغا ئالدى ھەمدە ئاددىي خەنزۇ تىلىدا: « پاراۋانلىق لاتارىيەسى ياخشى! » دەپ سۈرەتكە چۈشتى، يەنە تېلېفوندا دوستلىرىغا خۇش-خەۋەرنى يەتكۈزدى.

«بەش رەڭلىك ئالماس» بەش رەڭلىك كۆزنى قاماشتۇرىدىغان، كۆركەم ئالماس باش تېما قىلىنغان لاتارىيە بېلەت تۈرى. مۇكاپات قايتۇرۇش نىسبىتى% 65 بولۇپ، ھەر بىر لاتارىيە بېلىتىدە جەمئىي 20 قېتىم مۇكاپات چىقىش پۇرسىتى بار، ئەڭ يۇقىرى مۇكاپات سوممىسى 1 مىليون يۈەن، لاتارىيە سېتىۋالغۇچىلار پەقەت لاتارىيە ئۈستىدىكى قاپلاش پەردىسىنى قىرىسىلا بۇلىدۇ، ئەگەر خالىغان بىر « مېنىڭ نومۇرۇم» بىلەن خالىغان بىر« مۇكاپات نومۇرى» ئوخشاش بولسا، بۇ« مېنىڭ نومۇرۇم» نىڭ ئاستىدىكى ماس كېلىدىغان مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشەلەيدۇ؛ ئەگەر« ئالماس» بەلگىسى چىقسا، بۇ رەسىملىك بەلگىنىڭ ئاستىدىكى ماس مۇكاپات پۇلىنىڭ بەش ھەسسىسىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

(سانجى فېڭرۇي)