چېن ئەپەندى يۈەنشياۋ بايرىمىدا كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

ئەلكۈيى تورى
2022-03-07
来源:ئەلكۈيى تورى

پوسكام ناھىيەسى كۈيباغ بازىرىدىكى چېن ئەپەندى بىر باغۋەن بۇلۇپ، شۇنداقلا ھەقىقىي «قوش رەڭلىك توپ» ئۇيۇنى مەستانىسى ئىدى. 2-ئاينىڭ 15-كۈنى يەنى يۈەنشياۋ بايرىمىدا چېن ئەپەندى «قوش رەڭلىك توپ» 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا 664 مىليون 290 مىڭ يۈەنگە ئېرىشتى.

ئىگىلىنىشىچە، چېن ئەپەندىنىڭ بۇ قېتىمقى مۇكاپات نومۇرى، نومۇرنى ساقلاپ قېلىش ئاساسىدا ئەھۋالغا قاراپ ئىش كۆرۈش ئارقىلىق كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ بەش دو « قوش رەڭلىك توپ» يەككە نومۇرى چىڭ تۇرۇپ ساقلاپ كېلىۋاتقىنىغا بىر يىلدىن ئاشقان. 2- ئاينىڭ 15- كۈنى، چېن ئەپەندى 65318041 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ، ئەسلىدە نومۇردا داۋاملىق چىڭ تۇرماقچى بولغان بولسىمۇ، ئەمما « قوش رەڭلىك توپ» نومۇرىنىڭ تارقىلىش خەرىتىسىگە قاراپ يەنە تۇيۇقسىز سېزىم پەيدا بولدى، شۇنىڭ بىلەن بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر دو نومۇرىغا قارىتا تەڭشەش ئېلىپ باردى، قالغان تۆت دو نۇمۇر ئۆزگەرمەيدۇ. شۇ كۈنى كەچتە، چېن ئەپەندى پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىنىڭ مال ساتقۇچىسى شۈ باۋشىنىڭ تېلېفونىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، ئاندىن ئۆزى تەڭشىگەن بۇ نومۇرنىڭ شۇ قاراردا بارلىق قىزىل توپنىڭ ھەممىسى چىققانلىقىنى، « قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنىنىڭ 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكى، مۇكاپات سوممىسى 66429 يۈەن ئىكەنلىكىنى بىلدى، ئەپسۇس كۆك توپ چىقمىغانلىق سەۋەبلىك 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشەلمەي قالدى.

چېن ئەپەندى قەشقەر پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىدە مۇكاپات ئالغاندا: « يۈەنشياۋ بايرىمى كۈنى < قوش رەڭلىك توپ> مۇكاپات پۇلىنى كۈتۈۋالدۇق، بەك قالتىس ئىش بولدى! قارىغاندا نومۇر تاللاشتا داۋاملىق چىڭ ساقلاشقا بولمايدىكەن، ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە يەنىلا كەسكىن ئۆزگەرتىش كېرەك!»-دېدى.

(قەشقەر خۇاڭ خەيچاۋ)

1.png