1 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، بىر يىگىت لاتارىيە بىلەتنى چىڭ تۇتقىنىچە چاپچال ناھىيەسىدىكى 65410226 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈردى، گەرچە ماسكا تاقىغان بولسىمۇ، سەل ـ پەل يۇقىرىغا كۆتۈرۈلگەن جاۋغىيىنى يوشۇرۇشقا ئامالسىز ئىدى، ئۇنىڭ چىرايىدىن كۈلكە يېغىپ تۇراتتى، ئەسلىدە ئۇ بۇ قېتىمقى «5 رەڭلىك ئالماس (5彩钻)» ئۇيۇنىدا 10000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئىدى. بۇ قېتىمقى مۇكاپاتقا ئېرىشىش كەچۈرمىشىنى تىلغا ئالغاندا، شياۋما ئۇدۇللا قىلىپ: « ھەقىقەتەن بەك تەلەيلىك ئىكەنمەن! لاتارىيە ئوينىغاندىن بۇيان ئەڭ كۆپ بولغاندا ئاران نەچچە ئون يۈەن مۇكاپات چىققان ئىدى، بۇ قېتىم بۇنداق چوڭ مۇكاپاتنىڭ چىقىشىنى كىممۇ ئويلىسۇن، بۇ ھەقىقەتەن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئىش!»-دېدى.
ئىگىلىنىشىچە، شىياۋما پاراۋانلىق لاتارىيەسى بىلەن ئۇچراشقىنىغا ئاران 1 ئايدىن ئاشقان بولۇپ، يېڭى ماھىر بولۇش سۈپىتى بىلەن، قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنى ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئۇيۇن بۇلۇپ قالغان، بوش ۋاقىتلىرىدا ئۇ پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ، بىر نەچچە پارچە لاتارىيە بىلىتى سېتىۋېلىپ تەلەي سىناپ بېقىشنى ئادەت قىلغان.
1 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى كەچتە ھاۋا ناھايىتى سوغۇق بولسىمۇ، لېكىن شىياۋمانىڭ لاتارىيەگە بولغان قىزغىنلىقىنى يەنىلا توسۇپ قالالمىدى، ئۇ يول بويى يۈگۈرۈپ چاپچال ناھىيەسىدىكى 65410226 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ، قىممىتى 20 يۈەنلىك «5 رەڭلىك ئالماس (5彩钻)» دىن ئىككى پارچە ئېلىپ، دەرھال ئۆيىگە قايتىپ كەلدى، ئۆيىگە قايتقاندىن كىيىن شىياۋما سافادا ئولتۇرۇپ، لاتارىيە بىلىتى قىرىش خۇشاللىقىدىن ئاستا ـ ئاستا ھۇزۇرلاندى. بىرىنچى پارچە لاتارىيە بىلىتىدىن 20 يۈەن مۇكاپات چىقتى، ئىككىنچى پارچىسنى قىرغاندىن كىيىن مۇكاپات نۇمۇرى بىلەن ئوخشاش نومۇر «39» پەيدا بولدى، ئاستىدىكى ماس كېلىدىغان مۇكاپات سوممىسى « 10000 يۈەن» دەپ كۆرسىتىلدى، شىياۋما ناھايىتى ھاياجانلاندى ۋە خۇشال بولدى.
ئون مىڭ يۈەن مۇكاپات سوممىسى نۇرغۇن كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن «چوڭ قەھرىمان» لارغا نىسبەتەن ھېچقانچە ئىش ئەمەس، لېكىن دەسلەپكى پاراۋانلىق لاتارىيەسىگە كىرگەن «يېڭى ماھىر» شىياۋماغا نىسبەتەن ئۇ زور سوممىلىق مۇكاپات بولۇپ، ئۇ ناھايىتى خۇشال بولدى، ۋە مۇكاپات پۇلىنى ياخشى پىلانلاپ، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ ئىشلىتىش كېرەكلىكىنى، بۇنىڭدىن كېيىن يەنە ئاز سومما بىلەن لاتارىيە سېتىۋېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تۇرمۇشقا تېخىمۇ كۆپ خۇشاللىق ئاتا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.