ئامەتلىك لاتارىيەچى ئابلەت 200000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

ئەلكۈيى تورى
2022-02-25
来源:ئەلكۈيى تورى

كونىلاردا« خۇشاللىق ئىشلارغا ئۇچىرغاندا ھەممە ئادەم شادلىققا چۆمىدۇ» دېگەن گەپ بار، يېقىندا، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى لوپنۇر ناھىيەسىدىكى لاتارىيەچى ئابلەت خۇشال ھالدا « ئامەت كەلدى» لاتارىيە بىلەت تۈرىدە 200 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

ئابلەت مۇكاپاتقا ئېرىشىش سەرگۈزەشتىسىنى تىلغا ئالغاندا مۇنىلارنى بىلدۈردى، ئۇ ئادەتتە دائىم لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالىدىغان بۇلۇپ، «قوش رەڭلىك توپ» ، «3D» ئويۇنلىرىنىڭ ھەر خىل ئويناش ئۇسۇللىرىنى پىششىق ئىگەللگەن، ئۇنى كەمۈتىسىز كونا لاتارىيەچى دېيىشكە بولاتتى. ئابلەتنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، لاتارىيە سېتىۋېلىشنى داۋاملاشتۇرغان ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، ئۇ «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنىغا ئالاھىدە قىزىقاتتى، ھەر قېتىم يېڭى بېلەت بازارغا سېلىنغاندا، ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىناپ باقاتتى.

2-ئاينىڭ 15-كۈنى ئابلەت لوپنۇر ناھىيسىنىڭ 65280147 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ، بەش يۈەنلىك « ئامەت كەلدى» لاتارىيە بىلىتى سېتىۋالماقچى بولدى. پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىرگەندىن كېيىن، ئۇ 12 پارچە لاتارىىيە بىلىتى تاللىدى، كەينىەينىدىن 11 پارچە لاتارىيە بېلەتنى قىرۋەتتى، كىچىك مۇكاپاتلارغا مۇكاپاتقا ئېرىشتى، ئەڭ ئاخىرقى بىر پارچە لاتارىيە بىلىتى قىرغاندىن كىيىن مۇكاپات چىققاندەك ھېس قىلدى، ئۆزۆزىگە: « مۇكاپاتقا ئېرىشىشىمنى ئويلىماپتىمەن! »-دېدى، مۇكاپات سوممىسىنى كۆرۈپ ئابلەتنىڭ چىراي ئىپادىسى قېتىپ قالدى، ئۇ 200 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئىدى، لاتارىيەدىكى ئويۇن قائىدىسى ۋە ئۆزىگە چققان ساننى كۆپ قېتىم تەپسىلىي تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئاخىرى ئۆزىنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات 200 مىڭ يۈەنگە ئېرىشكەنلىكىگە ئىشەندى.

ئابلەت لاتارىيە بىلىتى سېتىۋېلىشنى داۋاملاشتۇرۋاتقانلىقىغا ئۇزۇن يىل بولغان بولۇپ، بىرەر كۈنى كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىشنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى. ئۇ تۇيۇقسىز كەلگەن بۇ تەلەيگە ھەم ھەيران قالدى، ھەم خۇشال بولدى. ئابلەت ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى:«پاراۋانلىق لاتارىيەگە كۆپ رەھمەت، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى چاغاننىڭ 15 ـ كۈنىدىكى "پانۇس بايرىمى" دىكى ياخشى كۈنلەردە مۇشۇنداق ئىللىقلىققا ئېرىشتۇق! » .

(بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى سۇڭ شۈەنلىن)