«قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنى دەرھال مۇكاپات ئېچىش، ھەم نەقلەشتۈرۈشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن لاتارىيەچى دوستلارغا نۇرغۇن خۇشاللىق ئېلىپ كەلدى، شۇنداقلا كۆپلىگەن لاتارىيەچىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ۋە ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. يېقىندا، كۈنەس ناھىيەلىك لاتارىيەچى شياۋما (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ئىلى ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزىگە بېرىپ ئۆزىگە تەۋە 200 مىڭ يۈەن مۇكاپات پۇلىنى ئالدى. بۇ ياش يىگىت شياۋما ئىككى تال لاتارىيە بېلىتى بىلەنلا « نۇقتا توپ جېڭى -يۈزدە يۈز چۈشۈش» بويىچە 200 مىڭ يۈەن بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، شياۋما ھەقىقەتەن تەلەيلىك ئىكەن! بىز بۇ يىگىتنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ھېكايىسىنى ئاڭلاپ باقايلى.
شياۋما يېشىنىڭ كىچىكلىكىگە قارىماڭ، ئۇ بىر كونا لاتارىيەچى. شياۋما كۆپ ساندىكى لاتارىيەچىلەرگە ئوخشاش، پاراۋانلىق كومپيۇتېر بېلىتىنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ، شۇنداق بولۇپلا قالماي، يەنە «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنى ئەڭ ياقتۇرىدىغان ئۇيۇنلىرىنىڭ بىرى.
1 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن، شياۋما دەل كۈنەس ناھىيەسىنىڭ شىمالىدىكى كۆكتات بازىرى ئالدىدىدىكى پاراۋانلىق لاتارىيە سېتىش نۇقسىتىنىڭ ئالدىدىن ئۆتتى، كىرىپ بىر نەچچە پارچە لاتارىيە سېتىۋېلىپ تەلەي سىناپ باقماقچى بولدى،ۋە چوقۇم بۇ ياخشى پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويماسلىقنى ئويلىدى. پاراۋانلىق لاتارىيە سېتىش نۇقتىسىغا كىرگەن شياۋمانىڭ كۆزى «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنى كۆرگەزمە ئىشكاپىدىن سىيپاپ ئۆتكەندە، چېچىلىپ كەتكەن ئون نەچچە پارچە «نۇقتا توپ جېڭى» لاتارىيە بىلىتى بارلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئىچىدىن ئىككىنى تاللاپ، ئېڭىشىپ قىرىشقا باشلىدى. ئۇ ئەسلىدە بىر ئىككى پارچە قىرىپلا ئۆيگە قايتماقچى ئىدى، لىكىن كاتتا خۇشاللىقنىڭ ئۆزىگە قاراپ كىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەيتتى، شياۋما ئىككىنچى پارچە لاتارىيە بىلىتى قىرغاندا، لاتارىيە بىلەت يۈزىدىكى «مەن پەرەز قىلغان توپ سانى» بىلەن «مۇسابىقە نەتىجىسى» نىڭ 0 بولغانلىقىنى كۆردى، شۈبھىسىزكى بۇ « نۇقتا توپ جېڭى» لاتارىيە بېلىتىدىن مۇكاپات چىققان ئىدى، ئاندىن «مۇسابىقە نەتىجىسى» نىڭ ئاستىدىكى مۇناسىپ مۇكاپات پۇلىغا قارىدى، شياۋمانىڭ ئاغزى « O» شەكلىدە بولۇپ قالدى، بىر ھازا ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ قاتتىق ۋارقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى: « مۇكاپات چىقتى! مەن 200 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتىم!»-دېدى، پونكىتتىكى ھەممەيلەن شياۋماغا ھەۋەس بىلەن قاراشتى.
مۇكاپات پۇلىنى قولىغا ئالغان شياۋما خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: « مەن ئىزچىل لاتارىيە سېتىۋېلىشنى تۇرمۇشنى تەڭشەشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى قىلىپ كەلدىم، بوش ۋاقىتلىرىمدا بىر نەچچە پارچە "قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش" ئۇيۇنى لاتارىيە بىلىتى تاللاپ ئويناپ، ئۆزۈمنى ئەركىن قويۇۋېتىپلا قالماي، يەنە تاسادىپىي بىر بەخت بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشىمەن، نېمىدېگەن ياخشى ئىش-ھە!»-دېدى.
(ئىلى ياڭخۇي)