لاتارىيەچى : مۇكاپات پۇلىنى ئىشلىتىپ تىجارەت قلىمەن

ئەلكۈيى تورى
2022-02-24
来源:ئەلكۈيى تورى

1- ئاينىڭ 27- كۈنى، غۇلجا شەھىرى غەربىي ئايلانما يولى پۇل مۇئامىلە بىناسى ئاستىدىكى چىڭشىنيۈەن ئۇنىۋېرسال ماگىزىنى بېلەت سېتىش سودا تور نۇقتىسىدىن خۇش خەۋەر تارقالدى، تەلەيلىك ئۇيغۇر يىگىت ئابدۇخېلىلنىڭ تەلىيى ئوڭدىن كەلدى، قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنى «ئون ھەسسە ئامەت» بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، مۇكاپات سوممىسى 400000 يۈەن بولۇپ، ئۆنىڭ 2022- يىلىدىكى تۇنجى ئامىتى باشلانغان ئىدى.

1 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى كەچتە، بىر كۈن ئالدىراش ئىشلىگەن ئابدۇخېلىل ئۆيىگە قاراپ ماڭدى، چىڭشىنيۈەن ئۇنىۋېرسال ماگىزىنىدىن ئۆتۈپ تاماكا سېتىۋالماقچى بولدى، پۇل تۆلەشكە تەييارلىق قىلىۋاتقاندا پۇكەيگە تىزىلغان لاتارىيە بىلىتىنى كۆرۈپ "«ھوي؟ بۇ مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنى لاتارىيە بىلىتى ئەمەسمۇ، بىر نەچچە پارچە سېتىۋېلىپ تەلەي سىناپ باقاي» دېگەن ئوي پەيدا بولدى، ئابدۇخېلىل بىر بولاق 10 يۈەنلىك « ئون ھەسسە ئامەت» سېتىۋېلىپ قىرىشقا باشلىدى، بىرىنچى پارچە لاتارىيە بىلىتىدىن 10 يۈەن مۇكاپات چىقتى، شۇنداق قىلىپ ئارقا-ئارقىدىن 12 پارچە لاتارىيە بىلىتىنى قىرىغاندىن كىيىن، ئابدۇخېلىل ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 100 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى، 13 – پارچە «ئون ھەسسە ئامەت» لاتارىيە بىلىتىنى قىرغاندىن كىيىن، ئابدۇخېلىلنىڭ قولى بوشلۇقتا توختاپ قالدى، ئىككى كۆزى لاتارىيە يۈزىگە تىكىلىپلا تۇرۇپ قالدى، چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ 400 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىگە ئىشەنمەيلا قالغان ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ كەيپىياتى تەڭشەپ لاتارىيە بېلىتىنى ئېلىپ تېز سۈرئەتتە ئۆيىگە قايتىپ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بۇ تەسۋىرلىگۈسىز ھاياجانلىق پەيىت ۋە خۇشاللىقتىن بەھرىمان بولدى.

ئەتىسى، بىر ئائىلە كىشىلىرى ئىلى ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە يىغىلىپ مۇكاپاتنى نەخلەشتۈردى، ئابدۇخېلىل خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى:«ئائىلىمىزدىكىلەر مەسلىھەتلىشىپ بولدۇق، بىر چوڭ يۈك ئاپتوموبىلى سېتىۋېلىپ، تىرانسپورتقا ئاتلانماقچى بولۇۋاتىمەن، ھازىر شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى شۇنچە ياخشى، مەن ياشلىقىمدىن پايدىلىنىپ بىر نەچچە يىل ياخشى ئىشلەپ، ئائىلەمنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشى ئۆتكۈزىمەن-دېدى.