ئۈرۈمچى شەھىرى مىچۈەن-كۆكتاغ رايونىدا بىرەيلەننىڭ خېسۈەن تەكشۈرۈشتە نەتىجىسى مۇسبەت چىققان ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش
ئانار بولۇت خەۋىرى ، ئەلكۈيى تورى تەرجىمىسى: 3ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى مىچۈەن ـ كۆكتاغ رايونى مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىش نۇقتىسىدىكى باشقا ئۆلكىلەردىن شىنجاڭغا كەلگەن نۇقتىلىق خادىملارنى كۈندە بىر قېتىم قەرەللىك خېسۈەن تەكشۈرۈش جەريانىدا بىر ئادەمنىڭ خېسۈەن تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت چىققانلىقى بايقالدى.
بۇ خادىم 3-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن كېيىن، يۇقۇم ئەھۋالى خەۋپ-خەتىرى بار رايونلاردا تۇرۇش تارىخى سەۋەبىدىن، يېپىق ھالەتتە مىچۈەن-كۆكتاغ رايونىدىكى مەركەزلىك ئايرىش نۇقتىسىغا يۆتكەپ، ئايرىش مېدىتسىناسى بويىچە كۆزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن؛ 27-، 28-كۈنلىرى خېسۈەن تەكشۈرۈش نەتىجىسى مەنپىي چىققان.
ئۈرۈمچى شەھىرى تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش، ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈش ۋە ئايرىپ باشقۇرۇش، كونترول قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇردى ھەم ئالاقىدار سورۇنلارنى باشقۇرۇش، كونترول قىلىش ۋە مۇھىتنى دېزىنفېكسىيە قىلىش قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈردى.
سىز ۋە ئائىلىڭىزدىكىلەرنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن، كەڭ شەھەر ئاھالىسى ۋە ئاممىنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاڭلىق رىئايە قىلىپ، يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش خىزمىتىگە ئاكتىپ ماسلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ھۆكۈمەت تەرەپ ئېلان قىلغان نوپۇزلۇق ئۇچۇرلارغا دىققەت قىلىش كېرەك. شەخسنىڭ قوغدىنىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈش، ماسكا تاقاشنى قېلىپلاشتۇرۇش، قولنى پات پات يۇيۇش، دائىم شامال ئۆتۈشۈپ تۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ، ئاز يىغىلىش، بىخەتەر ئىجتىمائىي ئالاقە قىلىش ئارىلىقىنى ساقلاش كېرەك.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى
2022 ـ يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى