مۇنداق بىر جۈملە سۆز بار: « پەقەت چىڭ تۇرساقلا، ھەممە ئىشنىڭ مۇمكىنچىلىكى بولىدۇ. » بۈگۈن تەھرىرنىڭ كۆپچىلىك بىلەن بەھرىلىنىدىغىنى گۇچۇڭ ناھىيەسىدىكى تەلەيلىك لاتارىيەچىنىڭ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىشتا چىڭ تۇرغانلىقى، ۋە خۇشاللىق ئىچىدە 3D ئۇيۇنىدا كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى توغرىسىدىكى ھېكايە.
1 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى كەچتە، سانجى ئوبلاستىنىڭ گۇچۇڭ ناھىيەسىدىكى لاتارىيەچى 3D ئويۇنىدا 208000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى، مۇكاپات چىققان پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى گۇچۇڭ ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى بىناسىنىڭ ئاستىغا جايلاشقان بولۇپ، پاراۋانلىق لاتارىيە 65230231 پونكىتى ئىدى. پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىكى ساتقۇچىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيەچى پونكىتتىكى پىشقەدەم لاتارىيەچى بولۇپ، ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئويۇن پاراۋانلىق لاتارىيە 3D ئويۇنى ئىكەن، ئاساسىي جەھەتتىن ھەر قاراردا دو تىكىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن بۇلۇپ، ئۇ ئىلگىرى 3D ئويۇنىدا بىر قېتىم 52000 يۈەن، ئىككى قېتىم 26000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، ئۇ ئەزەلدىن نومۇر تارقىلىش خەرىتىسىگە ئاساسەن نومۇر تاللايدىغان بۇلۇپ، نۇمۇر سېزىمى ياخشى بولغان سا ئۇچرىسا نۇمۇر ئەگىشىدۇ ۋە ھەسسىلەپ دو تىكىدۇ.
شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيەچى ۋاڭ ئەپەندى پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدا نۇمۇر تارقىلىش خەرىتىسىنى كۆزەتكەندىن كېيىن، ئىككى ئاتلىمىلىق ۋە تۆت قۇيرۇق نۇمۇرنىڭ كۆرۈلۈش قېتىم سانى بىر قەدەر چوڭ دەپ قارىدى، شۇنىڭ بىلەن، ئۇ ئاخىرىدا نومۇرى « 244» گە دو تىكىشنى تاللىدى، 3D ئويۇنى 2022019-قاراردا 200 ھەسسە يەككە دو تىكتى، مۇكاپات ئېچىلغاندىن كىيىن 208000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.
ئەتىسى، ۋاڭ ئەپەندى پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ، بۇ ئارزۇنىڭ سىرتىدىكى خۇشاللىقنى كۆپچىلىك بىلەن بەھىرلەندى ۋە مۇكاپاتنى ئالدى، مۇكاپات ئالغاندا ئۇ مۇنداق دېدى: « بۇ قېتىم مەن ناھايىتى خۇشال بولدۇم، بۇنداق كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىشنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن، ناھايىتى خۇشال بولدۇم ھەم ھاياجانلاندىم!»-دېدى.
تەھرىرنىڭ ئۇنىۋېرسال تەھلىل قىلىشچە، سانجى ئوبلاستى پاراۋانلىق لاتارىيە بازىرىنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى 3D ئۇيۇنى مۇكاپات چىقىش سانلىق مەلۇماتىدىن قارىغاندا، ھەسسىلەپ دو تىكىش لاتارىيەچىلەرنىڭ 3D ئويۇنىدا كاتتا مۇكاپاتىغا ئېرىشىشىدىكى بىردىنبىر ئۇسۇل بولۇپ قالغان، ھەسسىلەپ دو تىكىش ئارقىلىق مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيەچىلەر دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ. لاتارىيەچىلەر تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:« 3D ئويۇنى ھەقىقەتەن ياخشى، ئويناش ئۇسۇلى ئاددىي، بەك كۆپ ئويلاپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق، پەقەت ئۈچ رەقەمنى كۆرۈپ، ھەسسىلەپ دو تىكسىلە كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىش مۇمكىنچىلىكى بار»-دېدى.
ئاخىرىدا، تەھرىر كۆپچىلىككە شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، دو تىكىشتە ئېھتىياتچان بولۇش كېرەك!