قەشقەرلىك ياش يىگىت ئاۋۇت 30000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

ئەلكۈيى تورى
2022-02-08
来源:ئەلكۈيى تورى

1 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنىدىن باشلاپ قانات يايدۇرۇلغان 3D ئويۇنى شىنجاڭ رايون مۇكاپات تارقىتىش پائالىيىتى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كونا-يىڭى لاتارىيەچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، 3D ئويۇنىنىڭ لاتارىيە سېتىۋېلىش قىزغىنلىقىنى قوزغىدى، مۇكاپاتقا ئېرىشىش خۇش خەۋىرىنى ئارقا ـ ئارقىدىن تارقاتتى.

1 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى، 3D ئويۇنى 2022021 قارار مۇكاپات ئېچىلدى، قەشقەر شەھىرى 65310258 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىكى لاتارىيەچى ئاۋۇت (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) 3D ئۇيۇنى 30000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى. ئىگىلىنىشىچە، ئاۋۇت پاراۋانلىق لاتارىيەسىدىكى ھەر قايسى ئويۇنلارنى تەتقىق قىلىدىكەن، بولۇپمۇ D3 ئويۇنىنى ياخشى كۆرىدىكەن، ئادەتتە بىكار ۋاقىتلىرى بولسىلا پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدا نومۇرلارنىڭ تارقىلىش خەرىتىسىنى كۆزىتىشنى ۋە نۇمۇر چۈشۈپ قېلىشنى كۆرۈشنى ياخشى كۆرىدىكەن، ياخشى بولسا نەچچە ئون ھەسسە ياكى نەچچە يۈز ھەسسە تاشلىيالايدىكەن، ئادەتتىكىدەك ھېس قىلسا بەش ھەسسە، ئون ھەسسە تاللايدىكەن. « 1 + 2 + 9» دىن ئىبارەت بۇ يەككە تاللاش بىرىكمە نومۇرىنى ئۇ بىر نەچچە قارار بۇرۇن تاللىغان بولۇپ، ئۇدا بىرقانچە قېتىم نومۇر ساقلىغان. 1 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاۋۇت ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن 65310258 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ، 3D نومۇرىنىڭ تارقىلىش خەرىتىسىنى كۆرۈپ، ناھايىتى ياخشى ھېس قىلدى، شۇنىڭ بىلەن يېقىندا چىڭ تۇرۇپ كەلگەن نومۇر «1 + 2 + 9» نى 20 ھەسسە يەككە تاللاش گۇرۇپپىغا دو تىكتى. شۇ كۈنى كەچتە، 3D ئويۇنىنىڭ 2022021 ـ قارار مۇكاپات ئېچىلدى، مۇكاپات نۇمۇرى «192» بولدى، ئاۋۇت تەلەيگە يارىشا 30000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

ئاۋۇتلىڭ مۇكاپاتنى ئالغاندىن كېيىن:«مۇكاپات چىققانلىقىنى بىلگەندىن كىيىن ناھايىتى خۇشال بولدۇم، قارىغاندا لاتارىيە ئويناشتا تەلەي بەك مۇھىمدەك قىلىدۇ، شۇنداقلا چۇقۇم ئىشەنچ بۇلۇش كېرەك، بەرداشلىق بېرەلىگەندە ئاندىن مول-ھۇسۇل ئالغىلى بۇلىدۇ!»-دېدى.