ئامەتلىك لاتارىيەچىلەر «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» تە كاتتا مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى

ئەلكۈيى تورى
2022-01-26
来源:ئەلكۈيى تورى


تەھرىرنىڭ كۆزىتىشىچە، ئالتاي ۋىلايىتى «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» مۇكاپاتى «دۆۋىلەنگەن» جاي، 2022- يىلىغا قەدەم قويۇش بىلەنلا، ئىككى تەلەيلىك لاتارىيەچى « نۇقتا توپ جېڭى» 200000 يۈەن مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، بىر مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى بۇرۇلتوقاي ناھىيىسىدىكى خۇاڭ ئەپەندى، يەنە بىر مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى بۇرچىن ناھىيىسىدىكى ما ئەپەندى بولدى.

بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدىكى خۇاڭ ئەپەندى پاراۋانلىق لاتارىيەسىدىكى سادىق لاتارىيەچى بولۇپ، «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» قا ئەڭ ئامراق ئىدى، بىكار ۋاقتىدا دائىم 6543807 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ بىر نەچچە تال لاتارىيە بىلىتى سېتىۋېلىپ تەلەي سىناپ باقاتتى، بېلەت تۈرىنى تاللاشقا نىسبەتەن، بىر نەچچە خىل كىلاسسىك بېلەت «ئون ھەسسە ئامەت» ، «يۈزدە يۈز چىقىش» ، «نۇقتا توپ جېڭى» نىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ «كۆكتات» ى ئىدى، ئۇ ھەر قېتىم كەيپىياتىغا ئاساسەن ئوخشاش بولمىغان بېلەتنى تاللايتتى، ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئوخشاش بولمىغان لاتارىيە بىلىتى ئۇنىڭغا ئوخشىمىغان خۇشاللىق ئېلىپ كېلەلەيدىكەن، ئۇنىڭغا نىسبەتەن لاتارىيە قىرىش لاتارىيەدىن ھۇزۇرلىنىش ئىكەن.

1 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى، خۇاڭ ئەپەندى بوش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، ئالايىتەن دائىم قەدەم تەشرىپ قىلىدىغان 6543807 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ، لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالدى. پونكىتتىكى « قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» پوكىيىنىڭ ئالدىدا، خۇاڭ ئەپەندى بىر قاراپلا «يۈزدە يۈز چىقىش» دېگەن لاتارىيە بىلەتكە كۆزى چۈشتى، ئۇ پۈتۈن بىر بولاق لاتارىيە بىلىتىنى ئېلىپ قىرىشقا باشلىدى. خۇاڭ ئەپەندى لاتارىيە بىلىتىنى قىرىشى بىلەنلا مۇكاپات چىقتى، ئۇ تەلىيىنىڭ يامان ئەمەسلىكىدىن خۇرسىندى، ئىككىنچى پارچىسىنى ئالغاندا، ئۇ ھەيرانلىق ئىچىدە لاتارىيەدىكى « مەن پەرەز قىلغان توپ سانى» بىلەن« مۇسابىقە نەتىجىسى» نىڭ پۈتۈنلەي ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بايقىدى، ھەمدە مۇسابىقە نەتىجىسى ئاستىدا« 200000» دېگەن رەسىملىك بەلگە پەيدا بولدى، ئويۇن قائىدىسىنى چوڭقۇر بىلىدىغان خۇاڭ ئەپەندى دەرھال ئۆزىنىڭ چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى، يەنى 200 مىڭ يۈەنلىك باش مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى بىلدى، ناھايىتى خۇشال بولدى ۋە ھاياجانلاندى.

1 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى، بۇرچىن ناھىيەسىدىكى لاتارىيەچى ما ئەپەندى ئىشتىن چۈشۈش يولىدا، شېنخۇ شەرقىي يولى 65430156 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن ئۆتكەندە، پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىرىپ 10 پارچە «يۈزدە يۈز چىقىش» لاتارىيە بىلىتى تاللىدى، ئەڭ ئاخىرقى بىر پارچىسىنى قىرغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ 200 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى بايقىدى، بۇ ھەقىقەتەن خۇش خەۋەر بولدى! مۇكاپات چىققاندىن كېيىن ما ئەپەندى ناھايىتى خۇشال كەتتى، ئۇ پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدا مۇنداق دېدى: « بەك تەلەيلىك ئىكەنمەن، شۇنچە يىل لاتارىيە ئويناپ، ئاخىرى چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشتىم، كېيىن يەنە داۋاملىق ئوينايمەن، ھەقىقەتەن مېنىڭ تەلەيلىك بار ئىكەن-دېدى.

65430156 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىنىڭ مال ساتقۇچىسى ليۇ ھەدە پونكىتتا لاتارىيەچىلەرنىڭ چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، چەكسىز ھاياجانلاندى، گەرچە ئۇنىڭ پونكىتىدا « ئاپتوموبىل» كاتتا مۇكاپاتى چىقمىغان بولسىمۇ، ئەمما «يۈزدە يۈز چىقىش» لاتارىيە بىلەت تۈرى باش مۇكاپات تۇنجى قېتىم چىقتى. ليۇ ھەدىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۇنىڭ پونكىتتىكى «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» مۇكاپاتى ئىزچىل ياخشى چىققان بولۇپ، كونا-يىڭى لاتارىيەچىلەرنىڭ ھەممىسى پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» نىڭ قىزىقارلىقىنى ھېس قىلىشنى ياخشى كۆرىدىكەن، مۇھىمى كۆپچىلىك بىرلىكتە خۇشال بولۇۋېتىپتۇ.