يېقىندا، تېكەس ناھىيەسىدىكى بىر قازاق بوۋاي 150 يۈەن خەجلەپ، «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنىدا مىليون يۈەنلىك كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىك خۇش خەۋىرى ھەممە يەرگە تارقالدى، بۇنىڭ بىلەن بۇ ناھىيەنىڭ «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» قوشۇنىغا قوشۇلغان يېڭى، كونا لاتارىيەچىلەر بىردىنلا كۆپەيدى.
1 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى، قۇياش نۇرى پارلاپ تۇراتتى، قازاق (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) بوۋاي ئەركىن سىرتقا چىقىپ ئايلىنىپ ئاپتاپقا قاقلاندى، دەل تېكەس ناھىيەسىدىكى 65418056 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى ئالدىدىن ئۆتتى، ئۇ پاراۋانلىق لاتارىيەسىنى ياخشى كۆرىدىغان پېشقەدەم لاتارىيەچى بولۇش سۈپىتى بىلەن خۇشاللىق بىلەن پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىرىپ، ئۆزى ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ كېلىۋاتقان «قوش رەڭلىك توپ» نومۇرىنى سېتىۋالدى، دو تىكىپ بولغاندىن كېيىن، كۆز ئالدىدىكى «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنى لاتارىيە بىلىتىنى كۆرۈپ باقماقچى بولدى. ئۇنىڭ كۆزى 30 يۈەنلىك «خەن شىزەينىڭ كەچلىك زىياپەت خەرىتىسى» لاتارىيە بىلىتىگە چۈشتى، ئۇ كۆڭلىدە: « ئادەتتە ئاپتوماتىك لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش بىلەنلا بولۇپ كېتىپ، "قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش" ئۇيۇنىغا دىققەت قىلماپتىمە، بۈگۈن پېشانەمگە پۈتۈلگەندىكىن، بىر نەچچە پارچىنى قىرىپ تەلەي سىناپ، قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنىنىڭ لەززىتىنى ھېس قىلىپ باقاي»-دەپ ئويلىدى. شۇنىڭ بىلەن بوۋاي خۇشاللىق بىلەن بەش پارچىنى تاللاپ قىرىشقا باشلىدى، ئالدىنقى تۆت پارچىدىن ئون نەچچە يۈەن مۇكاپات چىقتى، تاكى بەشىنچى پارچىسىنى قىرىغاندا، ئەتراپتا قاراپ تۇرغان لاتارىيەچىلەر ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي قالدى، بىر تەرەپتىكى لاتارىيەچىلەر:«بوۋامغا بىر مىليون يۈەن مۇكاپات چىقتى! » ، يەنە بىر لاتارىيەچى ھاياجانلانغان ھالدا: «مۇبارەك بولسۇن! بوۋامغا كاتتا مۇكاپات چىقىپتۇ!!»-دېدى، مىليون يۈەنلىك كاتتا مۇكاپات چىققان پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى ھەش ـ پەش دېگۈچە خۇشاللىق دېڭىزىغا غەرق بولدى، بۇ كاتتا مۇكاپاتنى ياقتۇرۇپ قالغان ئەركىن بوۋاي پەقەت كۈلۈپلا قويدى.
يېقىندا، ئەركىن بوۋاي ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرگە ئاپتونوم رايونلۇق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە بېرىپ مىليون يۈەنلىك كاتتا مۇكاپاتنى ئالدى، بوۋاي خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى:«بۇ مۇكاپاتلارنىڭ ھەممىسىنى ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ مۇۋاپىق ئىشلىتىشىگە بۆلۈپ بېرىمەن.»-دېدى، مۇكاپات ئالغىلى بارغان ئوغلى خۇشال ھالدا: « دادامنىڭ بىر قىزىقىشى بىلەنلا بۇ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقماپتىمەن، ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىدە چوقۇم زور ئۆزگىرىش بولىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن بىز ھەممىمىز دادامنىڭ لاتارىيە سېتىۋېلىش ئەترىتىگە قاتنىشىمىز، ھا ھا! »»-دېدى.
تەھرىر مۇنىلارنى بىلدۈردى: قاراڭلار، دىققەت قىلماي تاسادىپىي ئۇچرىشىپ قېلىش ياشانغان بوۋاينى بىر مىليون يۈەن مۇكاپات ئېلىپ كەپتۇ، ئۇ ئەمەلىيەت بىلەن چوڭ مۇكاپات پەقەت پۇرسەتنى تۇنۇپ سىناپ بېقىپ قاتناشسىلا مۇمكىن بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى!-دېدى.
(ئىلى ياڭخۇي)