« 10 + 1» قوش رەڭلىك توپ ئۇيۇنى قايتىلانما لاتارىيە بېلىتىدە 320مىڭ يۈەنلىك مۇكاپات چىقتى
بايىنغولىنموڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق 29 ـ تۈەندىكى گاۋ ئەپەندى (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) سېپىئۆزىدىن پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەستانىسى بولۇپ، پاراۋانلىق لاتارىيە شىنجاڭداتارقاتقاندىن باشلاپ، سېتىۋېلىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرغان ئىدى. «3D ئۇيۇنى ئەمدىلا بازارغا سېلىنغاندىن باشلاپ مەن لاتارىيەنى تەتقىققىلىشقا باشلىدىم، شۇنچە كۆپ يىللاردىن بۇيان، لاتارىيە ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ گۇۋاھچىسىبولۇپ قالدىم، ئويناش ئۇسۇلى بارغانسېرى موللاشتى، مۇكاپات سوممىسى بارغانسېرىئاشتى، شۇنداقلا بارغانسېرى قىزىقارلىق بولدى.»
پاراۋانلىقلاتارىيىسىنى ياخشى كۆرىدىغان گاۋ ئەپەندىمۇ تەبىئىي ھالدا « قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنىنىياخشى كۆرىدۇ. 12-ئاينىڭ 21-كۈنى، گاۋ ئەپەندى 65452804 پاراۋانلىق لاتارىيەپونكىتىدا« 10 + 1» قايتىلانما دو تىكىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ،2021146-قارار «قوش رەڭلىكتوپ» ئويۇنىنىدا لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالدى. تاللانغان 11 نومۇرنىڭ ئىچىدە، ئۇنىڭتۇغۇلغان كۈن نومۇرى« 01، 07» ۋە ئوغلىنىڭ تۇغۇلغان كۈن نومۇرى« 11، 26» بار، يەنەئۇنىڭ تۇغۇلغان يىلىدىن ھاسىل بولغان« 22، 30» مۇ بار، دەل مۇشۇ ئالتە نومۇربىرلىكتە « ياردەمچى كۈچ» بولۇپ، گاۋ ئەپەندى شۇ قاراردا 1 دو ئىككىنچى دەرىجىلىكمۇكاپات، 24 دو تۆتىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات، 90 دو بەشىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقائېرىشتى، مۇكاپات سوممىسى جەمئىي 327850 يۈەن بولدى.
گاۋئەپەندى گەرچە« قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنىنى ياخشى كۆرسىمۇ، ئەمما ئۇ ھەر قېتىمدا قايتىلانمالاتارىيە بېلىتىنى تاللىدى، گاۋ ئەپەندىنىڭ ئايالى ئۇنىڭ ئۇزۇن مۇددەت لاتارىيە بېلىتىسېتىۋالىش سەۋەبىنى چۈشەنمەيتتى، ئايالىم دائىم: « بۇنچە كۆپ قېتىم سېتىۋالسىڭىزمۇمۇكاپاتقا ئېرىشكىنىڭىزنى كۆرمىدىم، نېمە ئەھمىيىتى بار؟ » دەپ ئاغرىناتتى. بۇ قېتىممەن ئۇنىڭغا ئىسپاتلاپ بېرىمەن، بىزمۇ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشەلەيمىز.
گاۋئەپەندى 27 ـ دېكابىر خوتۇنى ۋە ئوغلىنى ئېلىپ بايىنغولىن ئوبلاستلىق پاراۋانلىقلاتارىيەسى مەركىزىگە كېلىپ، مۇكاپاتنى نەقلەشتۈردى. گاۋ ئەپەندى خوتۇنىغا كاتتا مۇكاپاتقائېرىشكەنلىكىنى ئېيتقاندىن كېيىن، ئايالى بىرئىشىنىپ، بىر ئىشەنمەي قالدى. بۇ قېتىم ئايالى مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرگىلى كەلگۈسىيوق ئىدى، لېكىن گاۋ ئەپەندى ئۇنى قايىل قىلىش ئۈچۈن، خوتۇنىنى بۇ كىشىنىھاياجانغا سالىدىغان پەيتكە ئۆز كۆزى بىلەن شاھىت قىلش ئۈچۈن ئېلىپ كەلدى.
« مەن ئۇنىڭ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىشىنى قوللىمىدىم ئەمەس، پەقەتئۇ دائىم پۇل خەجلەپ لېكىن ھېچقانداق نەتىجە چىقمىدى، بۈگۈنكى بۇ كاتتا مۇكاپات ماڭابەك چوڭ خۇشاللىق ئاتا قىلدى. گاۋ »-ئەپەندىنىڭ ئايالى ھاياجانلانغان ھالدا: «ئوغلۇم مۇھەببەتلىشىپتۇ، ئۆي سېتىۋالماقچى بوپتۇ، ئەمدى بۇ مەسىلە ھەل بوپتۇ،قارىغاندا بۇ لاتارىيەگە رەھمەت ئېيتسام بولغۇدەك! »-دېدى.
مۇكاپاتنىنەقلەشتۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بولغاندىن كېيىن، گاۋ ئەپەندى كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداقدېدى: « ئەمەلىيەتتە مۇكاپاتقا ئېرىشىشنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى بىلىمەن، لېكىن مېنىڭچەلاتارىيە سېتىۋېلىش كۆپچىلىك پاراۋانلىقى قىلغانلىق، ئەگەر مۇكاپات چىقمىسا كۆپچىلىكپاراۋانلىق ئىشلىرىغا مېھىر-شەپقەت يەتكۈزگەنلىك بولىدۇ، ئەگەر مۇكاپات چىققانبولسا بىر چالمىدا ئىككى پاختەكنى سوققانلىق بولمامدۇ! »-دېدى.
(بايىنغولىنموڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى سۇڭ شۈەنلىن)