ئامەتلىك لاتارىيەچى «قوش رەڭلىك توپ» ئۇيۇنىدا كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

ئەلكۈيى تورى
2021-12-28
来源:ئەلكۈيى تورى

كورلىلىق لاتارىيەچى ئەركىن (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ئىشچان ئادەم، كىچىك دۇكان ئاچقان ئەركىن ھەر كۈنى ئەتىگەن چىقىپ كەچ قايتىدۇ، لېكىن قانچىلىك ئالدىراش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ ھەر قاراردا ئىككى دو لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ تەلىيىنى سىناپ بېقىشنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ. 2017 ـ يىلىدىن باشلاپ پاراۋانلىق لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىشنى باشلاپ ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن، ئەركىن «قوش رەڭلىك توپ» «3D» ئۇيۇنى قاتارلىق كۆپ خىل ئويۇننىڭ قائىدىسىنى پىششىق بىلىدۇ، ئەڭ ياقتۇرىدىغىنى يەنىلا «قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنى. ئەركىن ھەر بىر قاراردا ئۆزى تاللىغان « 7 + 2» تەكرار نومۇرى بىلەن دو تىكەتتى، بۇ نومۇر ئەڭ ئاخىرىدا ئۇنىڭ « قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنىنىڭ 2021136 قاراردا 2-دەرىجىلىك مۇكاپات ۋە بىر قانچە كىچىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، مۇكاپات سوممىسى جەمئىي 230314 يۈەن بولدى.

ئەركىن ئادەتتە ئالدى بىلەن دو تىكىش پونكىتىدا « قوش رەڭلىك توپ» ئويۇن نومۇرىنىڭ تارقىلىش خەرىتىسىنى تەتقىق قىلىپ، بىر نەچچە قېتىم نومۇر تاللاپ، ئاندىن ئىچىدىن بىر دو نۇمۇر تاللاپ چىقىپ، « 2 + 7» قايتىلانما نومۇر قىلىپ تەڭشەپ، ئاندىن دو تىكىدۇ، ئەگەر ياخشى ھېس قىلسا، شۇ بويىچە ئىش كۆرىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: « بۇنداق بولغاندا مۇكاپاتقا ئېرىشىش مۇمكىنچىلىكى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇكاپات پۇلىنىڭ سۈپىتىمۇ يامان ئەمەس بولىدۇ، مۇكاپاتقا ئېرىشەلمىگەن تەقدىردىمۇ كۆپ پۇل كەتمەيدۇ، مېنىڭچە بۇ بىرقەدەر مۇكەممەل بولغان دو تىكىش تاكتىكىسى ھېسابلىنىدۇ»-دېدى. 11 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى، ئەركىن ئادەتتىكىگە ئوخشاش كورلا شەھىرىدىكى 65280131 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ، ئۆزىنىڭ ئىككى ئايغا يېقىن ساقلاپ تۇرغان «7 + 2» مۇرەككەپ نومۇرىغا دو تىكتى، بېلەت چىقارغاندا يەنە ساتقۇچىغا چاقچاق قىلىپ: «بۈگۈن مەندە ئالدىن سېزىم بار، چوڭ مۇكاپات كېلەي دەپ قالدى!»-دېدى.

شۇ كۈنى كەچتە، قوش رەڭلىك توپ ئويۇنى بويىچە مۇكاپات ئېچىلغاندا، ئەركىن مۇكاپات نومۇرىنىڭ ناھايىتى تونۇش ئىكەنلىكىنى بايقاپ، ئۆزىنىڭ ھېلىقى لاتارىيە بېلىتىنى چىقىرىپ، نومۇرنى بىر ـ بىرلەپ سېلىشتۇرۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ لاتارىيە بېلىتىدىكى ئالتە دانە قىزىل توپ نومۇرىنىڭ شۇ مەزگىلدىكى قىزىل توپ نومۇرى بىلەن بىردەك ئىكەنلىكىنى بايقىدى.

ئەركىن بايىنغولىن ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىدە مۇكاپات ئالغاندا مۇنداق دېدى: مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىمنى بىلىپ، ھاياجانلانغىنىمدىن بىر كېچە ياخشى ئۇخلىيالمىدىم، ئەتىسى دەرھال يۈگۈرۈپ كېلىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈردۈم.» مۇكاپاتنى قانداق ئىشلىتىش توغرىسىدا سورىغاندا، ئەركىن مۇنداق دېدى: « مەن ئىزچىل يەنە دۇكان ئېچىپ، سودىنى كېڭەيتىشنى ئويلاۋاتىمەن، بۇ مۇكاپات يېڭى دۇكاننىڭ قوزغىتىش مەبلىغى بولۇپ قالدى!»-دېدى.

(بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى سۇڭ شۈەنلىن)