لاتارىيەچى نۇمۇر ساقلاشنى داۋاملاشتۇرۇش ئارقىلىق كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

ئەلكۈيى تورى
2021-12-23
来源:ئەلكۈيى تورى

ما ئەپەندى (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) نۇرغۇن لاتارىيەچىلەرگە ئوخشاش، قىزىقارلىق ھەم مۇكاپاتقا ئېرىشىش ئېھتىماللىقى بار دەپ قاراپ لاتارىيە سېتىۋېلىش ھاياتىنى باشلىغان. تاماكا چەكمەيدىغان، ھاراق ئىچمەيدىغان ما ئەپەندى ئۈچۈن ئېيتقاندا، ھەر كۈنى پاراۋانلىق لاتارىيەسى «شادلىق 8» ئۇيۇنى لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش ئۇنىڭ ئىشتىن سىرتقى قىزىقىشى ئىدى.

ئەمما ما ئەپەندىنىڭمۇ بېشى قاتىدىغان چاغلىرى بار ئىدى، ئەسلىدە ئۇنىڭ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش ئۇسۇلى ئالاھىدە بولۇپ، پەقەت بىر نومۇرغا ئالاھىدە ھەۋە س قىلىپ قالسا، ئىزچىل نومۇر ساقلايدۇ، لېكىن يېرىم يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت سېتىۋالسىمۇ پەقەت بەزىدە بىر نەچچە دو كىچىك مۇكاپاتلار چىقاتتى، شۇڭا ما ئەپەندى دائىم لاتارىيەچى دوستلارنىڭ مازاق قىلىشىغا ئۇچراپ تۇراتتى. ما ئەپەندىنىڭ ئايالى: « سېنىڭ تەلىيىڭ بەك كاج ئىكەن، چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىشدىغان بەختىڭ يوق ئىكەن! » دېدى، ما ئەپەندىنىڭ دوستى: « سەن بەك جاھىل ئىكەنسەن، مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغان تەلىيىڭ يوق ئىكەن!»-دېدى، ما ئەپەندىمۇ تەۋرىنىپ قالغانىدى، بىراق پەقەت پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بارغاندا، ئۇ يەنە ئادەتتىكىگە ئوخشاش ئۆزىنىڭ « يالغۇز كىشىلىك نومۇرى» دا داۋاملىق چىڭ تۇراتتى.

11 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى كەچتە، ما ئەپەندى پىچان ناھىيەسىدىكى 65210122 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كەلدى، كۆڭلىدە: بۈگۈنكى «شادلىق 8» نى تېخى سېتىۋالمىدىم، بۈگۈن كەچتە مۇكاپات چىقىپ قېلىشى مۇمكىن، دەرھال لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىشىم كېرەك، دەپ ئويلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ما ئەپەندى نۇمۇر تاللاپ، « 12، 19، 29، 45، 55» نى 50 ھەسسە دو تىكىپ بولغاندىن كېيىن، دو تىكىش پونكىتىدىن ئايرىلدى.

ئەتىسى، ما ئەپەندى بىلەن ئايالى بىلەن 65210122 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى ئالدىدىن ئۆتكەندە، ئىشىك ئالدىغا مۇكاپات نەقلەشتۈرۈش تاختىسىغا بىر قىزىل خۇشاللىق گېزىتى چاپلانغانلىقىنى كۆردى __«پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىمىزدىكى ئامەتلىك لاتارىيەچىنىڭ "شادلىق 8" ئۇيۇنىدا 50000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى تەبرىكلەيمىز!». كىشىلەر ئىسمىنى بىلمەيدىغان بۇ تەلەيلىك كىشى ئۈستىدە غۇلغۇلا قىلىشىۋاتاتتى، ما ئەپەندىمۇ ھەۋەس قىلىۋاتقاندا، تۇيۇقسىز« 12، 19، 29، 45، 55» دېگەن مۇكاپات نومۇرىغا كۆزى چۈشۈپ قالدى. بەكلا تونۇش ھە! بۇ ئۆزىنىڭ تاللىغان نۇمۇرى ئەمەسمۇ؟ ما ئەپەندى بىردىنلا قاتتىق ھاياجانلىنىپ، ناھايىتى خۇشال بولۇپ كەتتى، لاتارىيە بېلىتىنى چىقىرىپ سېلىشتۇرسا، دەرۋەقە تەلەيلىك ئادەمنىڭ دەل ئۆزى ئىكەنلىكىنى بايقىدى.

شۇ كۈنى ما ئەپەندى تۇرپان پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە كېلىپ، مۇكاپاتنى نەخلەشتۈردى ، ئۇ مۇنداق دېدى: « دەسلەپتە< شادلىق 8> ئويۇنىنى سېتىۋېلىشىم پەقەت قىزىقىش سەۋەبىدىن ئىدى، ئويلىمىغان يەردىن مېنىڭ <ساقلاپ كەلگەن نۇمۇرۇم> راستتىنلا ماڭا كۈتۈلمىگەن خۇشاللىق ئېلىپ ئېلىپ كەلدى!»-دېدى.

(تۇرپان يۈ جىڭجوۋ)