شىخەنزىدىكى شياۋليۇ 20 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئادەتتە پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن ئۆتكەندە بىر نەچچە پارچە «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنى لاتارىيە بىلىتى سېتىۋېلىپ تەلەي سىناپ باقاتتى، ھەر قېتىمدا 100 يۈەن، ئەگەر مۇكاپاتقا ئېرىشسە يەنە بىر نەچچە پارچە لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ كۈڭۈل ئاچاتتى. ئويۇن تاماشا قىلىش شياۋليۇغا نىسبەتەن بىر خىل ئارام ئېلىش بولۇپ، ۋاقىت ئۆتكۈزۈش بىلەن بىرگە يەنە مۇكاپاتقا ئېرىشىشتەك خۇشاللىق تاپالايتتى.
11 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنى، شياۋليۇ توكسىكلىتقا مىنىپ سوغۇق شامالدا كېتىۋاتقاندا، شىخەنزە شەھىرى يول بويىدىكى 65030010 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى ئۇنىڭ كۆزىگە كۆرۈندى، ئۇ بۇرۇلۇپ، توكسىكلىتنى توختىتىپ بولغاندىن كېيىن پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىردى. شياۋليۇ ئادەت بويىچە بىر نەچچە خىل بېلەت تۈرى تاللىدى، جەمئىي قىممىتى 100 يۈەن قىلىپ تاللىدى، لاتارىيە بىلەتلىرىنى قىرىپ بولغاندىن كىيىن ئۇ 50 يۈەن مۇكاپات چىققانلىقىنى بايقىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەنە 10 يۈەنلىك «ئون ھەسسە ئامەت好运十倍» دىن بىر پارچە ۋە 20 يۈەنلىك «خۇامەنتاڭ花满堂» دىن ئىككى پارچە تاللىدى.
شياۋليۇ قىرىپ ئەڭ ئاخىرقى بىر پارچە «خۇامەنتاڭ花满堂» قالغاندا، ئۇ ئالدى بىلەن « مېنىڭ نومۇرۇم» نىڭ ھەممىسىنى قىردى ، ئەڭ ئاۋۋا ل« مېنىڭ نومۇرۇم» 25 نىڭ ئاستىدىكى مۇكاپات سوممىسىنىڭ « 1000000» ئىكەنلىكىنى بايقىدى، شۇڭا قولى بىلەن بىر قېتىمدىلا « مۇكاپات نومۇر» نى قىردى، بەختكە يارىشا « مۇكاپات نومۇر» 25 بولۇپ، « مېنىڭ نومۇرۇم» بىلەن ئوپمۇ ئوخشاش بولدى. بۇنى كۆرگەن شياۋليۇ بىر مىليون يۈەن مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشكەنلىكىدىن ئۆزىمۇ تېڭىرقاپ قالدى، «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنى لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر خۇشاللىق ئىدى، ئۇ خۇشال بولۇش بىلەن بىرگە يەنە مۇشۇنداق كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى.
11 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى ئەتىگەندە، شياۋليۇ ئاتا ـ ئانىسى بىلەن بىللە ئاپتونوم رايونلۇق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە كېلىپ، مۇكاپاتنى نەقلەشتۈردى، مۇكاپات پۇلىنى قانداق ئىشلىتىش توغرىسىدا سورىغاندا، شياۋليۇ مۇنداق دېدى:«ئاتا ـ ئانامغا بىر يۈرۈش ئۆي ئېلىپ بېرىپ، ئەر ـ خوتۇن ئىككىيلەننىڭ تۇرالغۇ مۇھىتىنى ياخشىلايمەن»-دېدى.