كىشىلەر دائىم «ھەمكارلىشىش بىرلىكتە ئۇتۇق قازىنىشنىڭ ئاچقۇسى» دېيىشىدۇ، لاتارىيە سېتىۋېلىشمۇ ھەم شۇنداق. 10 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى، «شادلىق 8» ئويۇنى 2021289 ـ قارار مۇكاپات ئېچىلغاندىن كېيىن، جىمىسار ناھىيەسى 65230254 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن خۇش خەۋەر تارقالدى، بۇ پونكىتتىكى ئەزەلدىن بىر-بىرىسىنى تۇنىمايدىغان ئۈچ نەپەر لاتارىيەچى بىرلىشىپ بىر پارچە «شادلىق 8» ئوننى تاللاش ئۇسۇلى 14 نۇمۇر قايتىلانما لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالدى، 9 نۇمۇر چىقتى، ئۇلار جەمئىي 143278 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.
11- ئاينىڭ 3- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيەچى يەنى بۇ ئۈچ نەپەر لاتارىيەچىنىڭ ۋاكىلى بولغان لى ئەپەندى (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) خۇشال ھالدا سانجى ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە كېلىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈردى. مۇكاپات ئالغاندا، لى ئەپەندىنىڭ ھاياجانلىق ھېسسىياتى چىرايىدىن چىقىپ تۇراتتى، ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى:«مەن پاراۋانلىق لاتارىيەسىدىكى كونا لاتارىيەچى، لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ كىلىۋاتقىلى ئون نەچچە يىل بولدى، شادلىق 8 شىنجاڭدا بازارغا سېلىنغاندىن بۇيان بۇ ئويۇننى ئويناشقا باشلىغان ئىدىم، ئەسلىدە مەن ئىزچىل يالغۇز سېتىۋېلىپ كەلگەن. ھەر قېتىم دو تىككەندە سومما ئون نەچچە يۈەنگىمۇ يەتمەيتتى، كېيىن ئاڭلىسام 65230254 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىنىڭ مال ساتقۇچىسى شادلىق 8 ئۇيۇنى لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش توپى قۇرۇپتۇ، شۇنداقلا سىناپ بېقىش مەقسىتىدە بۇ كوللېكتىپقا قوشۇلدۇم، ئويلىمىغان يەردىن تۇنجى قېتىم بىرلىشىپ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپلا مۇكاپات چىقتى، بۇ قېتىمقى مۇكاپات نومۇرىنى باشقا لاتارىيەچىلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ تاللاپ چىققان ئىدۇق.»-دېدى.
بۇ قېتىمقى بىرلىشىپ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كىيىن، لى ئەپەندى سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: « كىشىلەر دائىم يالغۇز خوش بولغاندىن كۆپچىلىك بىرلىكتە خۇشال بولغان ياخشى دېيىشىدۇ، بۇ قېتىم بىرلىشىپ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش توپىغا كىرگەندىن كېيىن، مەن مەسلەكداش بىر توپ دوستلىرىمنى تاپتىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپچىلىك بىرلىكتە كۆڭۈل قويۇپ نومۇر تاللاپ، بىرلىكتە خۇشاللىق تۇيغۇسىنى ئىزدىسە ھەقىقەتەن قالتىس بولىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە دو تىكىش خەۋپ-خەتىرىنى تۆۋەنلىتىپ مۇكاپاتقا ئېرىشىش ئېھتىماللىقىنى ئاشۇرغىلى بۇلىدىكەن!»-دېدى.