جوۋ ئەپەندى 3D ئويۇنىدا 104000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

ئەلكۈيى تورى
2021-11-29
来源:ئەلكۈيى تورى

18 ـ چىسلا، جۇڭگو پاراۋانلىق لاتارىيەسى 3D ئويۇنى 2021277-قارار مۇكاپات ئېچىلدى، مۇكاپات نۇمۇرى «453» بولدى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئامەتلىك لاتارىيەچى جوۋ ئەپەندى يەككە تاللاپ ھەسسىلەپ دو تىكىشتە مۇكاپاتقا ئېرىشتى، مۇكاپات سوممىسى 104000 يۈەن بولدى. 18 ـ چىسلا سەھەردە، جوۋ ئەپەندى ئۈرۈمچى شەھەرلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە كېلىپ، ئۆزىگە تەۋە «پاراۋانلىق لاتارىيەسى سوۋغىتى» نى ئالدى.

مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى جوۋ ئەپەندى پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ سادىق ئەگەشكۈچىسى، 3D ئويۇنىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇ نوپۇزلۇق ۋە پىششىق لاتارىيەچى ھېسابلىنىدۇ. ئۆزىنىڭ لاتارىيە سېتىۋېلىش كەچۈرمىشى ئۈستىدە توختالغاندا، جوۋ ئەپەندى كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: « ئىلگىرىكى خىزمىتىم سان بىلەن ئالاقە قىلىش ئىدى، شۇڭا رەقەملىك ئويۇننى بىر قەدەر ياخشى كۆرىمەن.»-دەپ جاۋاب بەردى، جوۋ ئەپەندى ئىلگىرى ھەمىشە ئۆزىنىڭ چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، لېكىن ھازىر بارغانسېرى يەنىلا ئامەت كەلسە مۇكاپات چىقىدۇ ھەممىدىن مۇھىمى ياخشى روھىي ھالەت دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

« مۇكاپاتقا ئېرىشىش-ئېرىشەلمەسلىكنىڭ ھەممىسى كۆپچىلىك پاراۋانلىق ئىشلىرى ئۈچۈن تۆھپە قوشقانلىق بولىدۇ». جۇ ئەپەندى نەچچە ھەسسە دو تىكىش ئادىتىنى ساقلاپ قالدى، ئۇ لاتارىيە سېتىۋېلىشقا ئوبيېكتىپ پوزىتسىيە تۇتۇپ، ئەقلىي ئۇسۇل بىلەن لاتارىيە سېتىۋېلىشنى ئاساس قىلدۇ، ياخشى ئىقتىسادىي ئىقتىدار، يىل بويى توپلىغان تەجرىبە، شۇنداقلا ياخشى روھىي ھالەت بولغاندىلا، ئاندىن مۇشۇنداق چوڭ ھەسسىلىك سان بىلەن دو تىكىشكە جۈرئەت قىلالايدۇ، قىزىقىشنى ئاساس قىلىدۇ، كىچىك مۇكاپاتتىن ۋاز كەچمەيدۇ، چوڭ مۇكاپاتقا ئىنتىلمەيدۇ، خۇددى بۇ مەزگىلدىكى مۇكاپات نومۇرىغا ئوخشاش، ئۇ ئۆزىنىڭ سىزىمى بويىچە خالىغانچە ئەگىشىپ تاللايدۇ.

شۇ كۈنى كەچتە، جوۋ ئەپەندى ئۆيىدە تېلېۋىزور كۆرۈۋېتىپ، 65450108 پاراۋانلىق لاتارىيە بېلىتى پونكىتىنىڭ مال ساتقۇچىسىدىن كەلگەن تېلېفوننى قوبۇل قىلدى، مال ساتقۇچى خادىم   ئۇنىڭ 3D ئويۇنىدا 104 مىڭ يۈەنلىك كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى تەبرىكلىدى. جۇ ئەپەندى دەرھال ئۆزىنىڭ لاتارىيە بېلىتىنى چىقىرىپ قايتا ـ قايتا سېلىشتۇرۇپ، مۇكاپاتقا ئېرىشىشتە خاتالىق يوقلۇقىنى جەزملەشتۈردى. ھاياجانلىنىش ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، جوۋ ئەپەندى خۇلاسىلەپ مۇنداق دېدى: « چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىش ئىنتىلىشىنى كەڭرى قۇيىۋېتىپ، ئاددىي كىچىك تەلەيگە ئىنتىلدىم. ياخشى روھىي ھالەت كاتتا تەلەيگە ئېرىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى»-دېدى.