دۇنيا لوڭقىسى ياۋروپا رايونى قوشۇمچە سالاھىيەت مۇسابىقىسىگە چەك تارتىش نەتىجىسى ئېلان قىلىندى

2021-11-27
来源:

QQ20201127-0.gif


بېيجىڭ ۋاقتى 27-نويابىر سەھەر سائەت 00:00دە 2022-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى ياۋروپا رايونى تاللاش باسقۇچى قوشۇمچە سالاھىيەت مۇسابىقىسىنىڭ چەك تارتىش مۇراسىمى ئېلىپ بېرىلدى، نەتىجىدە پورتۇگالىيە كوماندىسى بىلەن ئىتالىيە كوماندىسى ئوخشاش گۇرۇپپىغا بۆلۈندى. تەپسىلىي چەك تارتىش نەتىجىسى تۆۋەندىكىچە:

A گۇرۇپپا: شوتلاندىيە كوماندىسى VS ئوكرائىنا كوماندىسى، ۋېلش كوماندىسى VS ئاۋسترىيە كوماندىسى

B گۇرۇپپا: رۇسىيە كوماندىسى VS پولشا كوماندىسى، شېۋىتسىيە كوماندىسى VS چېخ كوماندىسى

C گۇرۇپپا: ئىتالىيە كوماندىسى VS شىمالىي ماكېدونىيە كوماندىسى، پورتۇگالىيە كوماندىسى

2022-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى ياۋروپا رايونى تاللاش باسقۇچى قوشۇمچە سالاھىيەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشىدىغان كوماندىلار:

ئۇرۇق كوماندىلار: پورتۇگالىيە كوماندىسى، ئىتالىيە كوماندىسى، شوتلاندىيە كوماندىسى، ۋېلش كوماندىسى، رۇسىيە كوماندىسى ۋە شىۋېتسىيە كوماندىسى

ئۇرۇق كوماندا ئەمەس كوماندىلار: چېخ كوماندىسى، ئوكرائىنا كوماندىسى، ئاۋسترىيە كوماندىسى، شىمالىي ماكېدونىيە كوماندىسى ۋە پولشا كوماندىسى

دۇنيا لوڭقىسى ياۋروپا رايونى تاللاش باسقۇچى قوشۇمچە سالاھىيەت مۇسابىقىسىنىڭ قائىدىسى:

12 كوماندا ئۈچ كىچىك گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، ھەربىر كىچىك گۇرۇپپىدا ئىككى مەيدان يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ۋە بىر مەيدان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئوينىلىدۇ (ھەممىسى يەككە مەيدان شەكلىدە)، يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە دۇنيا لوڭقىسى ياۋروپا رايونى تاللاش مۇسابىقىسىدىكى نەتىجىسى ئەڭ ياخشى گۇرۇپپىدا ئىككىنچى بولغان ئالتە كوماندا ساھىبخان مەيدان ئەۋزەللىكىگە ئېرىشىدۇ.

قوشۇمچە سالاھىيەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېلىپ بېرىلىش ۋاقتى تۆۋەندىكىچە:

يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە: 2022-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى

ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە: 2022-يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى

2022-يىللىق قاتار دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈش ۋاقتى تۆۋەندىكىچە:

قاتار دۇنيا لوڭقىسى تارىختىن بۇيانقى تۇنجى نۆۋەتلىك ياز پەسلىدە ئۆتكۈزۈلمەيدىغان دۇنيا لوڭقىسى ھېسابلىنىدۇ، 2022-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى 2022-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 2022-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنىگىچە قاتاردا ئۆتكۈزىلىدۇ.