ئۇنىڭ ئىسمى كونور ماكگرېگور كىشىلەر ئۇنى «ئېغىز زەمبىرىكى» دەپمۇ ئاتايدۇ، ئۇ مۇسابىقە مەيدانىدا كۆرەڭلەپ مەيدانغا پاتمايدىغان، رەقىبىنى كۆزگە ئىلمايدىغان، رەقىبىگە نىسبەتەن ئىنتايىن مەنمەنچى بولغان بىر بوكسچى، بۈگۈن تونۇشتۇرماقچى بولغىنىمىز دەل UFCنىڭ رىۋايەتلىك چولپىنى كونور ماكگرېگور!
كونور ماكگرېگورنى نۆۋەتتىكى UFCنىڭ ئەڭ داڭلىق چولپىنى دېيىشكە تامامەن بولىدۇ، ئۇ UFC نىڭ بېلەت سېتىلىش رېكورتىنى ياراتقۇچىسى، بىر مەيدان مۇسابىقىدىلا يۈز مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق كىرىم قىلالايدۇ، ئۇنىڭ بوكس مەيدانىدىكى ئىپادىسى ئىنتايىن قالتىس، تېخنىكىسى كۆپ تەرەپلىمىلىك پىشقان بوكسچى، ئۇنىڭ «ئېغىز زەمبىرىكى» دېگەن تەخەللۇسىمۇ بىكارغا چىقمىغان، ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆتكۈر تىل قابىلىيتىدىن پايدىلىنىپ رەقىبىگە تەھدىت تۈسى بولغان گەپلەرنى قىلىپ مۇسابىقىدىن بۇرۇنلا رەقىبىنى روھىي جەھەتتىن پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ، ئۇنىڭ بۇ خىل ئېلىشىش تېخنىكىسى مەستانىلەرنىڭ كۈچلۈك ئالقىشىغا ئېرىشكەن، شۇنداقلا ئۇنى تۇنجى قېتىم قوش دەرىجىلىكلەر چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتۈرگەن.
ئۇنىڭ ئۆتمۈشىگە نەزەر سالىدىغان بولساق ئۇ ئىلگىرى ئۆزىنىڭ قورسىقىنى توق، كىيىمىنى پۈتۈن قىلالمايدىغان ئاددىي بىر تۇرۇبا ئىشچىسى ئىدى، ئۇ سەككىز يىل ئايالىنىڭ پۇلىنى خەجلەپ تۇرمۇش كەچۈرگەن، كونور ماكگرېگورنىڭ مۇۋاپپىقىيەت قازىنىشىنى ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ ئايالىنىڭ قوللىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.
كونور ماكگرېگور 1988-يىلى ئىرېلاندىيەنىڭ پايتەختى دۇبلىندا تۇغۇلغان، ئۇنىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى ئارزۇسى پۇتبولچى بولۇش ئىدى، ئەمما ئۇ ناھايىتى تېزلا كەسپىي پۇتبولچى بولالمايدىغانلىقىنى بايقىغان، ئۇنىڭ ئوقۇش ھاياتى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان، ئۇ ياش ۋاقىتلىرىدا ئۆزىنىڭ چوقۇم تىرىشمىسا بىر لۈكچەككە ئايلىنىپ قالدىغاندەك ھېس قىلغان، كونور ماكگرېگور ئۆزىنىڭ ئۆمۈرىنى بۇنداق ئۆتكۈزۈشكە تەن بەرمەي تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ دەسلەپتە بىر ئاددىي تۇرۇبا ئىشچىسى بولۇپ ئىشلىگەن، بىر نەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ ئۆزىنىڭ شۇ چاغدىكى تۇرمۇشىنىڭ ئۆزى ئارزۇ قىلغاندەك تۇرمۇش ئەمەسلىكىنى، چامباشچىلىقنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ھېس قىلغان، 2008-يىلىدىن باشلاپ ئۇ ئۆز يۇرتىدىكى بىر بوكس كۇلۇبىدا مەشىق قىلىشنى باشلىغان، ئۇ مەزگىلدە ئۇنىڭ ھېچقانداق كىرىمى بولمىغاچقا تۇرمۇشتا ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالغا دۇچ كەلگەن، ئۇ ھەتتا بوكىس مەيدانلىرىدا كىشلەر يەپ ئېشىپ قالغان بەرەڭگە قەلەمچىسى، ھامبۇرگ بولكىسى قاتارلىق نەرسىلەرنى يېگەن، باشقىلار ئۇنى ئوغرى، سەرگەردان دەپ قاراپ چەتكە قاققان، ھەتتا كۆپ قېتىم باشقىلاردىن تاياق يېگەن، بۇ ئىشلارنىڭ ئازابىنى كونور ماكگرېگوردىن باشقىلار بىلمەسلىكى مۇمكىن.
كونور ماكگرېگور بۇنداق ياشاشنى پەقەت خالىمىغان، ئۇ نۇرغۇن پۇل تېپىپ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشنىلا ئويلىغان، ئەمما تۇرمۇش ئىنتايىن رەھىمسىز، كونور ماكگرېگور تۇرمۇشنىڭ بېسىملىرىغا بەرداشلىق بېرەلمەي قالغان شۇ چاغلاردا ساھىپجامال بىر قىز ئۇنىڭ يېنىغا كەلگەن، بۇ قىز دەل ئۇنىڭ ھازىرقى ئايالى دېۋلىن بولۇپ، ئۇ ئىككىسى بىر-بىرسىنى بىر كۆرۈپلا ياخشى كۆرۈشۈپ قېلىشقان، ئۇ ئىككىسى تونۇشقاندىن كېيىن دېۋلىنپۈتۈن زېھنى بىلەن كونورنىڭ مەشىق قىلىشىنى قوللىغان، ئەينى ۋاقىتتا بۇلارنىڭ تۇرمۇشى ئۇنىڭ ئايالىنىڭ ئازغىنە مائاشىغا تايىنىپ قالغان بولۇپ، دېۋلىن بىر قېتىملىق زىيارەتتە: «ئۇنىڭ ئارزۇسى ئۈچۈن مەن ھېچقانداق ئىشتىن باش تارتمايمەن، چۈنكى ئۇ مەن ياخشى كۆرىدىغان ئەر، ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەممە ئىشنى قىلىشقا رازى» دېگەن، كونور ماكگرېگورنىڭ مۇۋاپپىقىيتى ئۇنىڭ ئايالىنىڭ كۈچلۈك مۇھەببىتى بىلەن باشلانغان.
كېيىنكى سەككىز يىلدا ئۇ ئىككىسىنىڭ تۇرمۇشى ئىنتايىن جاپا-مۇشەققەت ئىچىدە ئۆتكەن بولسىمۇ ئەمما ماكگرېگورنىڭ ئايالىنىڭ قوللىشى قىلچىلىكمۇ ئۆزگەرمىگەن، كېيىنكى بىر نەچچە يىلدا كونور ماكگرېگور ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە تۇغما تالانتىغا تايىنىپ كۆپ قېتىملىق مۇسابىقىلەردە ئۇتۇپ، ناھايىتى ئاز ئۇتتۇرۇپ نۇرغۇن نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن، 2013-يىلى ئۇ قىز دوستىنىڭ قوللىشى ۋە ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ UFCگە كىرىپ مۇۋاپپىقىيەتلىك ھالدا UFC بىلەن توختام ئىمزالغان.
رەسمىي ھالدا UFCگە كىرگەندىن كېيىن كونور ماكگرېگور ئۆزىنىڭ قالتىس ئىپادىسىنى نامايان قىلىپ قىسقىغىنە بىر نەچچە يىل ئىچىدە ئۇدا بەش مەيدان مۇسابىقىدە غەلبىنى قولغا كەلتۈرگەن، 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن 194UFCدە كونور ماكگرېگور پەقەت 13 سېكۇنت ئىچىدىلا UFCنىڭ 10 يىللىق ھۆكۈمرانى خوسې ئالدونى بىر مۇشت بىلەنلا KO قىلىپ ئۆزىنىڭ تۇنجى UFC چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن، بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە يەنە 2016-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى ئامېرىكىنىڭ نىيۇيوركتا ئۆتكۈزۈلگەن UFC205دە كونور ئالۋارېزنى مەغلۇپ قىلىپ 61 كىلوگىراملىقلارنىڭمۇ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشىپ، UFC تارىخىدا تۇنجى قېتىم بىرلا ۋاقىتتا قوش چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن ماھىر بولۇپ قالغان، قوش چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەندىن كېيىن كونورنىڭ تۇرمۇشى مەيلى پۇل ياكى شان-شەرەپتە بولسۇن ئۈزلۈكسىز ياخشىلانغان، نام چىقارغاندىن كېيىن ئۇ ئايالىنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي ھەشەمەتلىك تۇرالغۇ، قىممەت ماشىنىلارنى سېتىۋېلىپ ئايالىغا سوۋغا قىلىپ دۇنيانى ساياھەت قىلدۇرغان.
كونورنىڭ ئەجەللىك مەغلۇبىيتىنى خەبىبكە ئۇتتۇرۇپ قويغاندىن كېيىن باشلانغان دېيىشكە تامامەن بولىدۇ، خەبىب بىلەن كونور ماكگرېگور مۇسابىقىلىشتىن ئىلگىرى ئىككى تەرەپنىڭ زىددىيتى يىغىشتۇرغىلى بولمايدىغان دەرىجىگە بېرىپ يەتكەن بولۇپ پەقەت بىر قېتىملىق كەسكىن جەڭ ئارقىلىقلا بۇ قېتىملىق زىددىيەتكە خاتىمە بەرگىلى بولاتتى، ئەينى ۋاقىتتا بۇ ئىككىسىنىڭ مۇسابىقىسى پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان، ئەمما ئويلىمىغان يەردىن كونور ئېچىنىشلىق مەغلۇپ بولغان، بۇ قېتىملىق مەغلۇبىيەت كونورغا ئېغىر زەربە بولغان، كېيىنكى داستىن پورىئېر بىلەن بولغان ئىككى قېتىملىق مۇسابىقىدىمۇ كونور ماكگرېگور مەغلۇپ بولغان، ئۇنىڭدىن كېيىن UFC مەستانلىرى كونور ماكگرېگورنىڭ شاھلىق ئورنىنى داۋاملىق ساقلاپ قالالمايدىغاندەك ھېس قىلىشقان، مەيلى قانداقلا بولمىسۇن كونور ئاللىبۇرۇن UFC تارىخىدىكى مىسلى كۆرۈلمىگەن رىۋايەتلىك شەخسكە ئايلىنىپ بولدى، گەرچە ئۇنىڭ قالايمىقان سۆزلەشلىرى، رەقىبىنى مەسخىرە قىلىشلىرى كۆپلىگەن كىشلەرنى بىزار قىلسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ بوكس مەيدانىدىكى ئىپادىسى نۇرغۇنلىغان مەستانىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن، ئۇنىڭ مۇسابىقىدىن ئىلگىرىكى ئۈنلۈك ئاۋازدا ھۆركىرەپ ۋارقىراشلىرى، جار سېلىشلىرى ئۇنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر ئورناپ كەتكەن ئىلگىرىكى رەزىل تۇرمۇشقا بولغان جەڭ ئېلان قىلىشى بولسا كېرەك…