كاتتا مۇكاپات تارقىتىش پائالىيتىگە قاتنىشىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز

ئەلكۈيى تورى
2021-11-08
来源:ئەلكۈيى تورى

پاراۋانلىق لاتارىيەسى «قوش رەڭلىك توپ» 1 مىليارد 200 مىليون چوڭ مۇكاپات تارقىتىش پائالىيتى يېقىندا داغدۇغىلىق باشلىنىدۇ


جۇڭگو پاراۋانلىق لاتارىيەسى «قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنى 2003 ـ يىلى 2 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى بازارغا سېلىنغاندىن بۇيان، كەڭ ئاممىغا ھەمراھ بولۇپ 18 يىلنى ئۆتكۈزدى، ياردەمگە موھتاج كىشىلەرگە ئىللىقلىق ۋە غەمخورلۇق يەتكۈزۈپ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا خۇشاللىق ۋە ئىللىقلىق بېغىشلىدى، شۇنداقلا لاتارىيە بىلىتى سېتىۋالغۇچىلارنىڭ ئارزۇسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇردى. كەڭ ئامما ۋە لاتارىيە سېتىۋالغۇچىلارنىڭ قوللىشىغا جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن، جۇڭگو پاراۋانلىق لاتارىيەسى « قوش رەڭلىك توپ» 1 مىليارد 200 مىليون يۈەنلىك كاتتا مۇكاپات تارقىتىش پائالىيتى يەنە باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا، بىر مەيدان يىل ئاخىرىدىكى كاتتا زىياپەت پات ئارىدا باشلىنىدۇ.


قوش رەڭلىك توپ، چۈشنى رىئاللىققا ئايلاندۇرىدۇ. قوش رەڭلىك توپ ئۇيۇنى بازارغا سېلىنغاندىن بۇيان، قوش رەڭلىك توپ ئويۇنىدا بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات 20000 دودىن ئاشقان، 100 مىليون يۈەندىن يۇقىرى كاتتا مۇكاپات 33 كە يەتكەن. ئېلىمىز لاتارىيە بازىرىدىكى ھەر 1 مىليارد يۈەنلىك چوڭ مۇكاپاتنىڭ ئالتىسى قوش رەڭلىك توپ ئويۇنىدىن چىقىدىغان بولۇپ، ئالدىنقى 10 مىليارد يۈەنلىك چوڭ مۇكاپات ئىچىدە قوش رەڭلىك توپ ئويۇنى ئالتە ئورۇننى ئىگىلىگەن.

بۇ قېتىملىق مۇكاپات تارقىتىش پائالىيتى قوش رەڭلىك توپنىڭ 16-قېتىملىق مۇكاپات تارقىتىش پائالىيتى بولۇپ، قوش رەڭلىك توپنىڭ 2021131 قارار (2021-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى، سەيشەنبە) دىن باشلىنىدۇ، مۇكاپات ئومۇمىي سوممىسى 1 مىليارد 200 مىليون يۈەن بولۇپ، ئۇدا 20 قارار داۋاملىشىدۇ. بىر مىليارد 200 مىليون يۈەنلىك مۇكاپات ئومۇمىي سوممىسىمۇ قوش رەڭلىك توپ ئويۇنىنىڭ مۇكاپات سوممىسى رېكورتىنى تەڭلەشتۈردى.

قوش رەڭلىك توپ يىللاردىن بۇيانقى مۇكاپات ئەۋەتىش قىسقىچە ئەھۋالى

چوڭ-كىچىك مۇكاپاتلىرىنىڭ ھەممىسى بىر قاتلىنىدۇ ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 20 مىليون يۈەن بولىدۇ.

بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە قوش رەڭلىك توپ بويىچە بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات ۋە ئالتىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات تارقىتىلىدۇ، دو تىكىش ئۇسۇلى چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ. 1-دەرىجىلىك مۇكاپات ئالاھىدە مۇكاپاتى تەسىس قىلىنىپ، مۇكاپات ئومۇمىي سوممىسى 500 مىليون يۈەن بولىدۇ، ھەر بىر قېتىمدا 25 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، شۇ قاراردىكى يەككە بېلەت سوممىسى 20 يۈەندىن ئاشقان 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيە بېلىتى ھەر قېتىم شۇ قاراردىكى 1-دەرىجىلىك مۇكاپات لاتارىيە بېلىتىگە ئاساسەن 1:1 نىسبەت بويىچە ئالاھىدە مۇكاپات بېرىلىدۇ. ئەگەر شۇ قارارلىق 1-دەرىجىلىك ئالاھىدە مۇكاپات مۇكاپات 1:1 نىسبەت بويىچە مۇكاپات تارقىتىشقا يەتمىسە، مۇكاپات قۇشۇش شەرتىدىكى 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى مۇكاپاتقا بېرىلگەن دو سانى بويىچە تەڭ تەقسىم قىلىنىدۇ. ئەگەر بىرىنچى دەرىجىلىك ئالاھىدە مۇكاپات مۇكاپاتىدا شۇ مەزگىلدە قالدۇق بولسا، يەنە بىر قارار قوشۇپ تارقىتىلىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، يەككە بېلەت سوممىسى شەرتى ئاستىدا، يەككە دو تىكىش بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات سوممىسى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 20 مىليون يۈەنگە يېتىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، ئومۇمىي مۇكاپات سوممىسى 700 مىليون يۈەن بولغان 6-دەرىجىلىك مۇكاپات بىر ھەسسە قاتلىنىپ، شۇ قارارلىق يەككە بېلەت سوممىسى 20 يۈەندىن ئاشقان 6-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيە بېلىتىگە قارىتا، ھەربىر دو مۇقىم مۇكاپات سوممىسى 5 يۈەن بولۇپ، تارقىتىلىپ بولغانغا قەدەر داۋاملىشىدۇ.

جۇڭگو پاراۋانلىق لاتارىيە بىرلىكتە سىزگە خۇشاللىق ئېلىپ كىلىدۇ

قوش رەڭلىك توپ ئۇيۇنى چۈشىڭىزنى رىئاللىققا ئايلاندۇرىدۇ

ئارزۇ تۇرمۇشنى ئۆزگەرتىدۇ، مېھىر-مۇھەببەت مۆجىزە يارىتىدۇ. پاراۋانلىق لاتارىيەسى قوش رەڭلىك توپى بازارغا سېلىنغان 18 يىلدىن بۇيان، لاتارىيە سېتىۋالغۇچىلارغا ئامەت ئېلىپ كېلىپلا قالماي، يەنە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرىغا تۆھپە قوشتى. 2021 ـ يىلى 10 ـ ئايغىچە، قوش رەڭلىك توپ جەمئىي 730 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق سېتىلدى، لاتارىيە كۆپچىلىك پاراۋانلىقى فوندىدىن 250 مىليارد يۈەن توپلاندى، توپلانغان كۆپچىلىك پاراۋانلىق فوندى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت فوندى يېتىشمەسلىكنى تولۇقلاش، مائارىپقا ياردەم بېرىش، مېيىپلار ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ياردەم بېرىش، شەھەر ـ يېزىلارنىڭ داۋالاش ـ قۇتقۇزۇش، قىزىل كىرېست ئىشلىرى، شۇنداقلا نامراتلارنى يۆلەش، مەدەنىيەت، قانۇن ياردىمى، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، چوڭ تىپتىكى تەنتەربىيە مۇسابىقىسى قاتارلىق ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرىغا، شۇنداقلا «ياشانغانلارنى يۆلەش، مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش» قاتارلىق ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرىغا كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلدى.

پاراۋانلىق لاتارىيىسى قوش رەڭلىك توپ چۈشنى رىئاللىققا ئايلاندۇرىدۇ! دەرىجىدىن تاشقىرى بەخت بايرىمى، 1 مىليارد 200 مىليون كاتتا مۇكاپات تارقىتىش پائالىيتى، سىزنىڭ قاتنىشىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز! مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى قەدەم تەشرىپ قىلىشىڭىزنى قارشى ئالىدۇ!