مېھىر ـ شەپقەت يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلىغان لاتارىيەچى كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

ئەلكۈيى تورى
2021-10-29
来源:ئەلكۈيى تورى

بىر پارچە لاتارىيە بېلىتى بىر كىشىلىك مېھىر-مۇھەببەت، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بىر قېتىملىق پۇرسەت. 2021 ـ يىلى 9 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى، قەشقەر شەھىرى ئارسلانخان جەنۇبىي يولى خۇڭشېڭيۈەن ئولتۇراق رايونىنىڭ ئۇدۇلىدىكى 65312902 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدا بىر لاتارىيەچى قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنى «بايلىق مەخپىي نومۇرى» 2 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، مۇكاپات سوممىسى 50000 يۈەن بولدى.

مال ساتقۇچىنىڭ ئەسلەپ بېرىشىچە، شۇ كۈنى بىر ياش خانىم 65312902 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كەلگەن، مال ساتقۇچى خادىم ئۇنىڭ بىلەن قىزغىن سۆھبەتلەشكەن. خانىم مۇنداق دېدى: « مەن لاتارىيەنى ئانچە چۈشىنىپ كەتمەيمەن، لېكىن لاتارىيەنى دۆلەت تارقاتقانلىقىنى بىلىمەن، لاتارىيە سېتىۋېلىپ مېھىر ـ شەپقەت يەتكۈزۈپ باشقىلارغا ياردەم قىلغىلى بۇلىدۇ»، مال ساتقۇچى بۇ ئايال بىلەن پاراڭلاشقاچ ھەر خىل لاتارىيە بېلىتىنى ئۇنىڭغا تۇنۇشتۇردى.

خانىم مېھىر ـ شەپقەت يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلىپ، لاتارىيە بىلىتى سېتىۋېلىپ سىناپ باقماقچى بولدى. بىردەمدىلا 100 يۈەنلىك لاتارىيە بېلىتىنى قىرىپ بولدى، خانىم 55 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئۇ يەنە يېڭىدىن بازارغا سېلىنغان « بايلىق مەخپىي نومۇرى» لاتارىيە بېلىتىگە كۆزى چۈشۈپ قالدى، بىر قاراپلا بېلەت يۈزى تەرىپىدىن جەلپ قىلىندى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاراقنى ئېلىپ قىردى، ياندا تۇرۇپ كۆرگەن مال ساتقۇچى ھاياجانلانغان ھالدا: « ۋاھ، 50 مىڭ يۈەن چىقىپتۇ، مۇبارەك بولسۇن، مۇبارەك بولسۇن!»-ددېدى، ۋاڭ خانىم ھاياجانلانغان ھالدا:« ـــ ھاــ ھاــ ھا، تەلەي كەپتۇ، مەخپىي نومۇرن توغرا بوپتۇ، ئەسلىدە مېھىر ـ شەپقەت يەتكۈزمەكچى ئىدىم، ئەمما ئادەتتىن تاشقىرى بەختكە ئېرىشتىم!»ــ دېدى.

ئەتىسى بۇ تەلەيلىك خانىم مال ساتقۇچىنىڭ يېتەكچىلىكىدە قەشقەر پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە كېلىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىردى. مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، خانىم خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى:«ـــ ئەسلىدە مېھىر ـ شەپقەت يەتكۈزۈپ، كۆڭۈل ئېچىپ كەلمەكچى ئىدىم، كىم بىلسۇن كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتىم، تۈنۈگۈن كەچ مەن ھاياجانلانغىنىمدىن بىر كېچە ئۇخلىمىدىم!»-دېدى.